پايدا - زىيانغا قاراپ يېشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم ئەپەندىم بىلەن بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىكەن، ئۇ ئادەم ئۆزىگە مەنپەئىتى يوق ئىش بولسا، بىز دېگەن 60 قا ئۇلىشىپ ياشىنىپ قالغان ئادەم، بۇنداق ئىش دېگەننى ياشلار قىلسۇن دەپ يېقىن كەلمەيدىكەن، ئۆزىگە مەنپەئىتى بار ئىش بولسا، بىز دېگەن ئەمدىلا 40 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ياش يىگىت دەپ ئالدىغا ئۆتۈۋالىدىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەپەندىم ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، يازلىق تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپتۇ ھەمدە ئىدارىدىكى ياشلارنى بىر گۇرۇپپا، ياشانغانلارنى يەنە بىر گۇرۇپپا قىلىپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش تۈرلىرىنى ئېلان قىپتۇ. ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ يا ياشانغانلار گۇرۇپپىسىدا، يا ياشلار گۇرۇپپىسىدا چىقمىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ھېلىقى ئادەم ئاچچىقى بىلەن ئەپەندىمگە:
- ئاداش، بۇ نېمە قىلغىنىڭ، مېنىڭ ئىسمىم يا ياشانغانلارنىڭكىدە، يا ياشلارنىڭكىدە كۆرۈنمەيدىغۇ؟ - دەپتۇ.
- خاپا بولماڭلار ئاداش، - دەپتۇ ئەپەندىم ئاغىنىسىگە مەنىلىك قىلىپ، - سىلەرنىڭ يېشىڭلار شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، قايسى گۇرۇپپىغا قاتناشتۇرۇشنى بىلەلمىدىم.
ئەپەندىمنىڭ ئاغىنىسى ئىزا تارتقىنىدىن تۇرۇپلا قاپتۇ.