PHPvod Studio فىلىم قويۇش سېستىمىسى ھەققىدە
PHPvod Studio ( قىستارتىلما ئىسمى pv ) بولسا ئۇچۇق مەنبەلىك، PHP+Mysql مۇھىتىدا ئېچىلغان فىلىم قويۇش سېستىمىسى بولۇپ، سېستىمىنىڭ نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىقتىدارلىرى ۋە ئالاھىدىلىكى بار. PHPvod نىڭ مۇلازىمىتېرغا بولغان ماسلىشىشچانلىقى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، بىكەت چىقىمىنى تىجەشتە ئالاھىدە ياخشى.
بىخەتەرلىكى ۋە سۈرئىتى
Phpvod فىلىم سېستىمىسى PHP+Mysql مۇھىتا ئىجرا بولىدىغان بولۇپ، مەزكۇر سېستىما ئالاھىدە يىنىك، ساندان ئىخچام بولۇشتەك ئالاھىدىكى بار. سېستىما بىخەتەرلىكى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ساندان زاپاسلاش، ساندان قايتۇرۇش ۋە ساندان رىمۇنىتلاش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى.
ئەزالارمۇ فىلىم يوللىيالايدۇ
Phpvod دا ئەزا گۇرپىسى ھوقوقىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئەزالارنىڭ فىلىم يوللاش، ئىنكاس يوللاش قاتارلىق ئىقتىدارلىنى ئېچىشقا بولىدۇ. بۇ ئىقتىدارلارنى ئاچقاندا فىلىم ۋە ئىنكاسلارغا تەستىقلاش ئىقتىدارى قوشۇشقا بولىدىغان بولۇپ، بىكىتىڭىزگە ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ يوللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئەزا ئىقتىدارىنى خالىغانچە تەڭشەش
Phpvod دا سىز ئەزالار گۇرپىسىنى خالىغانچە تەڭشىگەندىن سىرىت، ئۆزىڭىزمۇ خالىغان ئەزا گۇرپىلىرىنى قوشالايسىز، تەھرىرلىيەلەيسىز. بۇ ئارقىلىق بىكىتىڭىز ئەزالىرىنى تېخىمۇ سېستىمىلىق باشقۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.
چەكسىز ستون ۋە ھوقوق
Phpvod دا چەكسىز ستونلارنى شاخلىتىپ قۇرۇپ مۇكەممەل بولغان فىلىم تۈرلىرىنى ھاسىل قىلالايسىز، يەنە سىز ستونلارغا ھەرخىل چەكلىمىلەرنى ئورنىتالايسىز. مەسلەن: ستونلارغا پەقەت ئەزالارلا زىيارەت قىلىش ئىقتىدارى، پاروللۇق ستونلار ۋە ھەقلىق ستونلار دىگەندەك.
Ucenter بىلەن بىرىكىدۇ
Ucenter بولسا
discuz نىڭ ئەڭ ئىلغار ئەزا باشقۇرۇش سۇپىسى بولۇپ، سىز Phpvod دا Ucenter دىكى ئەزالارنى بىرىكتۈرۈپ تەڭ پايدىلىنالايسىز. مەسلەن: سىزنىڭ بىر discuz مۇنبىرىڭىز بولسا، مۇشۇ مۇنبەردىكى ئەزالارمۇ بىۋاستە ئەزا نامى بىلەن Phpvod غا كىرەلەيدۇ دىگەن گەپ.
كۈچلۈك ئۇچۇر يىغىش ئىقتىدارىغا ئىگە
Phpvod دا ئۇچۇر يىغىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، سىز ئۆزىڭىز كۆزلىگەن بىكەتلەردىكى فىلىملەرنى بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق بىكىتىڭىزگە قاچىلىيالايسىز. بۇ ئارقىلىق سىز نۇرغۇن فىلىم يوللاش ۋاقتىڭىزنى تىجىيەلەيسىز دىگەن گەپ.
قىستۇرما قوشۇش ئىقتىدارى بار
Phpvod نىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى، Phpvod غا ھەرخىل قىستۇرمىلارنى قىستۇرۇش ئارقىلىق، فىلىم سېستىمىڭىزنى تېخىمۇ ئىقتىدارلىق قىلالايسىز. قىستۇرمىلارنى ئورگان تورىدىن چۈشۈرسىڭىزمۇ ياكى ئۆزىڭىز يېزىپ چىقارسىڭىزمۇ بولىدۇ.
فىلىم سېتىش، توردا پۇل تاپشۇرۇش
Phpvod دا ھەقلىق فىلىم سودىسى قىلغىلى بولىدۇ. فىلىم سودىسى قىلىدىغان شىركەتلەر ۋە فىلىم تەرجىمە گۇرپىلىرىغا بەك ماس كېلىدۇ. سىز بۇ ئىقتىدارىن پايدىلىپ ھەقلىق فىلىم يوللاپ، فىلىمدىن بەلگىلىك كىرىم قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. سودا پۈتتۈنلەي Phpvod سېستىمىسىدا بولىدۇ. بىخەتەرلىكى ئالاھىدە ياخشى.
ئىقتىيارى قويغۇچ، ئۇلاپ قويۇش ئىقتىدارلىرى
Phpvod دا سىز يەنە چەكسىز قويغۇچ قوشالايسىز. ھېچقانداق قويغۇچ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمايسىز. خالىغان بىكەتلەرنىڭ فىلىملىرىنى ماس قويغۇچ ياساپ ئۇلىنشى قىلىپ ئىشلىتىۋېرەلەيسىز. يەنە فىلىملەرنى ئۇلاپ قويۇش ئىقتىدارىمۇ سەپلەنگەن بولۇپ، كۆپ قىسىملىق فىلىملەر ئاپتۇماتىك ئۇلىنىپ قويۇلىدۇ.
كۆرۈش بېقىش مەنزىلى
PHPvod 2.6 نەشىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تۇلۇق تەرجىمە نۇسقىسىنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ. ئادىرىسى:
http://demo.izqut.com/phpvod
سېستىما چۈشۈرۈش
مەزكۇر سېستىمىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈش:
PHPVOD2.6_UTF-8_PHP5.2.x_Izqut_Uyghur.zip
(2.59 MB, چۈشۈرۈش سانى: 3674)
پىرىستىن يېشىش پارولى:
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز،
ئىنكاس يېزىڭ
ئەگەر سېستىمىغا يېڭىدىن ياماق ئېلان قىلىنسا مۇشۇ تېمىغا تۇلۇقلىنىپ يوللىنىدۇ.
قىسقىچە تەشۋىقات
مەزكۇر سېستىما پۈتتۈن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلگەن بولۇپ خېلى كۆپ كۈچ چىقىرىشقا توغرا كەلدى. بىكەت باشلىقلىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىمىزگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
مەزكۇر سېستىمىنىڭ كىيىنكى يېڭى نەشىرى، تۈرلۈك ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىلارنى تەرجىمە قىلىش گۇرپىسىغا ئەزا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەگەر بىزنى قوللىسىڭىز سىزمۇ گۇرپىغا قوشۇلۇڭ.
بىز قوشقان ئۆزگەرتىشلەر
بىز Phpvod 2.6 نەشىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندىن سىرىت، ئۇسلۇبلىرىنى ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇردۇق، بىكەتكە ئۇنۋېرسال eot ۋە خەت نۇسقىسى ئۇلىدۇق، بىكەتكە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش js ئاستۇق.
شۇڭا بىكەت سېستىمىسى چۈشۈرگەندىن كىيىن ھېچقانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمايلا ئارقا باشقۇرۇشتىن تەڭشەپ ئىشلىتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ.