بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 3920|ئىنكاس: 33
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

win7 شارائىتىدا قاتتىق دىسكىغا قارا Mac OS X قاچىلاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x


iphone نىڭ مودا بولۇشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ پىروگرامىرلار ئالما ئەپلىرىنى ئېچىشنى باشلىۋەتتى، شۇنىڭ بىرگە پىروگرامىلار ئالما بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشنى كۆزلەپ ئالما كومپيۇتېر سېستىمىلىرىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەندى. توردا نۇرغۇن قارا ئالما قاچىلاش دەرسلىكى بولسىمۇ ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن، تۆۋەندە مەن تورداشلارغا پايدىلىنىش قىممىتى زور يۇقىرى بولغان قارا ئالما قاچىلاش دەرسلىكىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن، ياقتۇرۇپ كۆرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈشەنمىگەن، ئېنىقسىز بولۇپ قالغان جايلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىساڭلار بولىدۇ.

لازىملىق دىتاللار


  • Mac قاتتىق دىسكا قاچىلاش ياردەمچىسى | چۈشۈرۈش
  • HJMAC.iso | چۈشۈرۈش
  • DiskGenius دىسكا رايونغا ئايرىش قورالى | چۈشۈرۈش
  • win7 قوزغىلىش تىزىملىكى ئۆزگەرتىش قورالى EasyBCD | چۈشۈرۈش
  • Mac OS X Lion ئەسلى نۇسخا قاچىلاش دىسكىسى ھۇرۇنلار نۇسخىسى | چۈشۈرۈش


قاچىلاش باسقۇچلىرى \ رايۇنغا ئايرىش


  • ئەڭ ئاۋۋال دىسكىڭىزدىكى مۇھىم ماتىرياللىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىڭ، مەن ئىشىنىمەن سىز چوقۇم سىستېما قاچىلاشنىڭ خەتەرلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىسىز، ئەگەر ئېھتىياتسىڭىزلىق قىلسىڭىز مۇھىم ئۇچۇرلىرىڭىزدىن قۇرۇق قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىر قىسىم قاتتىق دىسكىلاردا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان يوشۇرۇن سىستېما ئەسلىگە قايتۇرۇش رايونى بولىدۇ، ئامال بار مۇشۇ يوشۇرۇن رايونلارنى تازلىۋېتىپ ئاندىن دىسكا رايونغا بۆلسىڭىز ياخشىراق، بولمىسا MAC ئوڭۇشلۇق قاچىلانماسلىقى مۇمكىن.
    windows 7 نىڭ ئۆزىدە بار بولغان رايون تەڭشەش قورالىدا دىسكىغا رايون تەڭشەپ، 30G بوشلۇق ئاجىرتىڭ.
  • DiskGenius نى قوزغۇتۇپ بايا ئايرىپ چىققان 30G بوشلۇقنى يېڭىدىن رايۇن بۆلۈش مەشخۇلاتى ئېلىپ بېرىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدە 22G چوڭلۇقتا MAC رايۇن بۆلگەن، سىزمۇ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تەڭشەپ 30G سىغىمدىكى يېڭى رايۇن قۇرۇپ چىقىڭ.
  • يۇقىرىقى مەشغۇلات تۈگىگەندىن كىيىن ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئاندىن DiskGenius دىن چىكىنسىڭىز بولىدۇ.
  • تۈگىگەندىن كىيىن win7 نىڭ ماگنىتلىق دىسكا باشقۇرغۇچىسىدا تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ.



قاچىلاش باسقۇچلىرى \ سېستىما قاچىلاش


  • MAC قاتتىق دىسكا قاچىلاش ياردەمچىسىنى ئېچىپ، Mac OS X نىڭ قاچىلاش دىسكىسىنى تاللاڭ، ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك ئۈچ تاللاش كۆزنىكىنى ئېلىۋېتىڭ. نىشان رايوننى تاللىغان بايا بىز رايونغا ئايرىۋالغان دىسكىنى تاللاڭ (ئەگەر يېڭى رايون كۆرۈنمىسە دېتالنى قايتا قوزغىتىڭ)، قاچىلاش جەريانىدا سەل قېتىپ قېلىشى مۇمكىن، كارىڭىز بولمىسۇن، دىسكىغا يېزىش ئوقۇش ھوقۇقى نورمال بىرىلگەنلا بولسا چاتاق چىقمايدۇ. قاچىلاپ تۈگىگەندە Change partition type to AF:Failed دېگەندەك ئەسكەرتىش چىقىشى مۇمكىن، كارىڭىز بولمىسۇن.
  • بايا چۈشۈرۈپ تەييارلىۋالغان HJMAC.iso نى C دىسكىغا كۆچۈرۈڭ، تۆۋەندىكى رەسىمدە بۇيالغاندەك نامى HJMAC بولغان بىر قوزغىلىش تىزىملىكى قوشۇڭ. بۇ تىزىملىكنى قوشۇشتىكى مەقسەت MAC نى قاچىلاش ئۈچۈندۇر. ئەمدى كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىڭ.
  • ئەمدى كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز، قوزغاتقاندىن كىيىن win7 نىڭ قوزغىلىش تىزىملىكىدىن HJMac تاللايمىز، ھەمدە قاچىلاشنى باشلىۋېتىمىز، قاچىلاش باسقۇچلىرى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:















قوزغىتىش \ تەڭشەش


  • قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن بىرىنجى قېتىم قايتا قوزغىتىمىز، ئاندىن ئاۋالقىدەك قوزغىلىش تىزىملىكىدىن HJMac نى تاللايمىز. ئاندىن ئېچىلغان كۆزنەكتىن MAC سېستىما رايۇنىنى تاللاپ mac سېستىمىغا كىرىمىز.




  • كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ win7 گە كىرىمىز، ھەمدە EasyBCD گە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك تەكشەش ئېلىپ بارىمىز، ھەمدە قوشۇمچىنىڭ ئورنىغا C:\NST ھۆججەت خالتىسى ئىچىدىكى nst_mac.mbr نى ئالماشتۇرمىز.


  • mac قاچىلاش تامام بولدى، ئەمدى كومپىيۇتېر قوزغالغاندا ئىككى خىل تاللاش رامكىسى چىقىدۇ، خالىغانچە win7 ۋە mac نى ئالماشتۇرۇپ قوزغىتىشقا بولىدۇ.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر1 ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 20:48 | ئايرىم كۆرۈش
كومپيۇتېرنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ intel بولسا قاچلاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز بولمىسا ھازىرچە مەندىمۇ ئامال يوق.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2015-4-22 17:22:59 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئىلگىرى VMware غا قاچىلىغان ، ئەمما سۈرئەت بەك ئاستا چىقىپ قالغانتى . ماۋۇنىمۇ ئېھتىياجلىق باللا سىناپ كۆرسە بولغۇدەك .

باھا سۆز

مەنمۇ VMware نى دائىم ئىشلىتىمەن، مەن مۇشۇنى بىر سىناپ باقاي جۇمۇ، قارا ئالمىنى VMware غا قاچىلاپ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-4-29 16:34
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2015-4-29 16:10:42 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن يامانكەنسىز جۇمۇ

باھا سۆز

ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت،  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-4-29 16:33
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-29 16:33:53 | ئايرىم كۆرۈش
2051828400 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-29 16:10
ھەقىقەتەن يامانكەنسىز جۇمۇ

ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت،

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-29 16:34:15 | ئايرىم كۆرۈش
gamma يوللىغان ۋاقتى  2015-4-22 17:22
مەن ئىلگىرى VMware غا قاچىلىغان ، ئەمما سۈرئەت بەك ئاستا چ ...

مەنمۇ VMware نى دائىم ئىشلىتىمەن، مەن مۇشۇنى بىر سىناپ باقاي جۇمۇ، قارا ئالمىنى VMware غا قاچىلاپ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2015-5-2 17:49:07 | ئايرىم كۆرۈش
كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ win7 گە كىرىمىز، ھەمدە EasyBCD گە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك تەكشەش ئېلىپ بارىمىز، ھەمدە قوشۇمچىنىڭ ئورنىغا C:\NST ھۆججەت خالتىسى ئىچىدىكى nst_mac.mbr نى ئالماشتۇرمىز.
مۇشۇ بىر ئابزاسنى چۈشۈنەلمىدىم

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-5 10:33:14 | ئايرىم كۆرۈش
esmet يوللىغان ۋاقتى  2015-5-5 09:36
http://kuai.xunlei.com/d/DKYYWZVCDXII سىسىتىمىنڭ چۇشۇرۇش ئادرسى مۇشۇمۇ

شۇنداق.

باھا سۆز

ما ئالما سېستىمنى چۈشۈرسەم ھۆججىتى OS X 10.8.2 LazyEdition.cdr مۇنداق چۇشىدىكەن بۇنى .iso غا ئۆزگەرتەمدۇق ياكى مۇشۇ بۇينچە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-7-17 23:27
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
ۋاقتى: 2015-5-5 16:48:50 | ئايرىم كۆرۈش
[color=Redھەمدە قوشۇمچىنىڭ ئورنىغا C:\NST ھۆججەت خالتىسى ئىچىدىكى nst_mac.mbr نى ئالماشتۇرمىز.]
مۇشۇ يەرنى تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ قۇيسىڭىزچۇ؟ لازىملىق دىتاللارنى ھازىرلا چۈشۈرۈپ بولدۇم .مۇشۇ يەرنى تازا چۈشۈنەلمىدىم

باھا سۆز

قاچىلاپ شۇ باسقۇچقا كەلدىڭىزمۇ؟ ئاۋۇ رەسىمدىكى add entry نى كۆردىڭىزمۇ؟ شۇنى چىكىپ nst_mac.mbr نى تاللاپ قويسىز. ----------  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-5-6 11:13
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-6 11:13:36 | ئايرىم كۆرۈش
dartman211 يوللىغان ۋاقتى  2015-5-5 16:48
مۇشۇ يەرنى تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ قۇيسىڭىزچۇ؟ لازىملى ...

قاچىلاپ شۇ باسقۇچقا كەلدىڭىزمۇ؟ ئاۋۇ رەسىمدىكى add entry نى كۆردىڭىزمۇ؟ شۇنى چىكىپ nst_mac.mbr نى تاللاپ قويسىز.
-----------
ئەگەر شۇ ئورۇنغىچە ئوڭۇشلۇق قاچىلىغان بولسىڭىز، سىز ئالىقاچان قاچىلاپ بولۇپسىز، تۆۋەندىكىسى كومپىيۇتېر قوزغىلىش شەكلىنى تاللاشقا ئىشلىتىدىغان ئورۇن، ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن قولايلىق دىتاللارمۇ بار.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
11#
ۋاقتى: 2015-5-7 17:05:00 | ئايرىم كۆرۈش
باشلىق ئەمدى مۇشۇ mac سېستىمىسى windows   مەشغۇلات سېستىمىسى قوللىغان يۇمشاق دىتاللارنى قوللىيمايدىغۇ دەيمەن .
شۇڭا كۆپ كىشلەر ئىشلەتمەيدۇ.
گىپىم توغرىمۇ. ئەگەر قوللىسا مەن بۇ windows تىنمۇ خېلى زىركىپ قالغان ئىدىم.

باھا سۆز

قوللىمايدۇ، بۇنى ئەپ يازغۇچىلار ئىشلەتسە سەل ياخشى. مەن مەۋھۇم مۇلازىمىتېرغا قاچىلاپ باقتىم.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-5-18 11:25
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
12#
ۋاقتى: 2015-5-17 17:51:54 | ئايرىم كۆرۈش
بۇسېستىما ئىنتايىن ياخشىكەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
13#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-18 11:25:02 | ئايرىم كۆرۈش
تەنھا يولۋاس يوللىغان ۋاقتى  2015-5-7 17:05
باشلىق ئەمدى مۇشۇ mac سېستىمىسى windows   مەشغۇلات سېستىمىس ...

قوللىمايدۇ، بۇنى ئەپ يازغۇچىلار ئىشلەتسە سەل ياخشى. مەن مەۋھۇم مۇلازىمىتېرغا قاچىلاپ باقتىم.

باھا سۆز

بىراق زە خېلى ئىسل كۆرنىدىكەن كاساپەت . يانفۇنلارغا سېستىما يېزىش ئىشلىرىدا ئىشلەتسەم قانداق بولار .. بۇنىڭغى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-5-20 23:33
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
14#
ۋاقتى: 2015-5-20 23:33:53 | ئايرىم كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2015-5-18 11:25
قوللىمايدۇ، بۇنى ئەپ يازغۇچىلار ئىشلەتسە سەل ياخشى. م ...

بىراق زە خېلى ئىسل كۆرنىدىكەن كاساپەت . يانفۇنلارغا سېستىما يېزىش ئىشلىرىدا ئىشلەتسەم قانداق بولار .. بۇنىڭغىمۇ قوللىمايدىغان ئىش بولامدۇ يا

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
15#
ۋاقتى: 2015-5-23 11:27:51 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ريۇنغا ئايرىپ نورمال قاچىلدىم تىزىملىكتىن  HJMacنى تاللىسام ئالما سۇرەتلىك دىسكا كۇرۇندى شۇنى تاللىسام جىملا تورۋالدى باشقا كومپىيۇتېردىمۇ سىناپ كۆردىم قانداق يەرنى خاتا قىلدىمكى بىلمىدىم يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز         چچ471456366

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
16#
ۋاقتى: 2015-6-21 12:14:06 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ مەك سېستىمنى كومپىيوتىرغا كۆچۈرۈ پ باشقا كومپىيوتىرغا قاچىلاي دىسەم .. بارماق دىسكىغا كۆچۇرلمىدى. سىغىم يىتىشمىدى دەپ بۇ قانداق ئىش ئەمدى يۇلۇققانلا بامۇ. دوستلار
باشقا بارماق دىسكىدا سىنساممۇ بولمىدى.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 06:47 , Processed in 0.297746 second(s), 44 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش