emlog بلوگ سىستېمىسى ھەققىدە
emlog سۆزى every memory log نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، كىچىك خاتىرە دېگەن مەنىدە. emlog بولسا PHP بىلەن MySQL مۇھىتىدا تۈزۈلگەن ئىقتىدارلىق بلوگ ھەم CMS بېكەت قۇرۇش سىستېمىسى. emlog نىڭ سۈرىتى تىز، مۇقىملىقى يۇقىرى، ئىشلىتىش قولاي بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكى بار.
emlog نىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى
- يازغان ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئادىرىسىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە url بەلگىلەپ، بلوگ ئوقۇرمەنلىرىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتالايسىز.
- ئۇسلۇبلىرى سەرخىل، بېكەت باشقۇرۇش بىتىدىن بىۋاسىتە ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز.
- نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلارنى قوللايدۇ، قىستۇرما ئارقىلىق سىز بلوگىڭىزنى تېخىمۇ ئىقتىدارلىق قىلىپ چىقالايسىز.
- ئەسەر يوللىغاندا ئەسىرىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، emlog سىزگە ھەر ۋاقىت ئاپتوماتىك يېزىۋاتقان ئەسىرىڭىزنى ساقلاپ بىرىدۇ.
- ئورگىنال ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەگەر بىر ئەسەرنى يېزىپ، ئاخىرىنى كىيىنچە يازماقچى بولسىڭىز ئەسەرنى ئېلان قىلماي تۇرۇپ ئورگىنالغا ساقلىۋېلىپ كىيىنچە ۋاقىتىڭىز چىققاندا داۋاملىق يېزىپ يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
- يانفون بېتى بەك چىرايلىق، ھەر ۋاقىت تۇرمىشىڭىزنى خاتىرلىيەلەيسىز.
- سىمسىز ئەسەر يوللىيالايسىز. سىز Windows Live Write قاتارلىق قوراللاردىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە بلوگ يازالايسىز.
- يان تىزىملىكلەرنى خالىغانچە قوشقىلى، ئېلىۋەتكىلى ۋە خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدۇ. يەنە تېخى ئىختىيارى يان تىزىملىك قوشالايسىز.
- ئىختىيارى بەت قورۇپ چىقالايسىز. بۇ ئارقىلىق سىز سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ خاس بىتىنى لايىھەلەپ چىقالايسىز. ھەمدە بۇ بەتلەرنى ئۈستى يول باشلاش قىسمىغا ئورنىتالايسىز.
- كۆپ يازغۇچى بىرلىشىپ بلوگ يازالايسىز. ئارقا باشقۇرۇشتىن بىۋاسىتە ئاپتور قوشۇپ بىرلىشىپ بىرلىشىپ بلوگ يازسىڭىز بولىدۇ.
- ئەسەرلارگە خەتكۈچ قۇشۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، خەتكۈچ (tag) ئارقىلىق ئەسەرلەرنى تۈرگە ئايرىپ كۆرەلەيسىز.
- ئەسەرلەرگە بىۋاسىتە قۇشۇمچە(رەسىم، ھۆججەت) قاتارلىقلارنى قوشالايسىز. . بلوگ باش بىتىدىكى كالېندار ئارقىلىق ئەسەر يېزىلغان كۈننى چېكىپ شۇ كۈنلۈك ئەسەرلەرنى كۆرەلەيسىز.
- ئارقا باشقۇرۇشقا ساندان قالدۇق تازىلاش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بلوگ سۈرىتىنى كۆرۈنەرلىك تىزلىتەلەيسىز.
- RSS ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، بۇ ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەر سىزنىڭ بلوگىڭىزغا مۇشتەرى بولالايدۇ.
- ئارقا باشقۇرۇشتا ساندان زاپاسلاش، ئاپتوماتىك ساندان زاپاسلاش ۋە ساندان قايتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.
- بلوگنىڭ يەنە خاتىرە يوللاش ئىقتىدارى بولۇپ، رەسىم ۋە چىراي ئىپادىلىرىنى قىستۇرالايسىز. ھەر ۋاقىت تۇرمىشىڭىزنى خاتىرىلەپ ماڭالايسىز.
قاچىلاش ئۇسۇلى
ئاستىدىكى چۈشۈرۈش مەنزىلىدىن emlog 5.3.1 نەشىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تۇلۇق تەرجىمە نۇسقىسىنى چۈشۈرىمىز.
چۈشۈرگەن ھۆججەتنىڭ ئىچىدىن src ھۆججەت خالتىسى ئىچىدىكى باھارلىق ھۆججەتنى emlog قاچىلىماقچى بولغان مۇندەرىجىگە چىقىرىمىز.
ھۆججەت چىقىرىلغان مۇندەرىجىنى تور كۆرگۈچىڭىز بىلەن ئېچىپ MySQl ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرۇپ سېستىمىنى قاچىلايمىز.
كۆرۈش بېقىش مەنزىلى
emlog 5.3.1 نەشىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تۇلۇق تەرجىمە نۇسقىسىنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ. ئادىرىسى:
http://demo.izqut.com/emlog
emlog 5.3.1 چۈشۈرۈش
emlog 5.3.1 نەشىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تۇلۇق تەرجىمە نۇسقىسىنى چۈشۈرۈش:
emlog5.3.1_Bilimlar.com_Uyghur.7z
(515.78 KB, چۈشۈرۈش سانى: 608)
ئەگەر سېستىمىغا يېڭىدىن ياماق ئېلان قىلىنسا مۇشۇ تېمىغا تۇلۇقلىنىپ يوللىنىدۇ.
پىرىستىن يېشىش پارولى:
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز،
ئىنكاس يېزىڭ
ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش
emlog 5.3.1 غا ukij tuz tom خەت نۇسقىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، نۇرمال ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى font ھۆججەت قىسقۇچىنى تور بوشلۇق غول مۇندەرىجىسىگە يوللايسىز.
خەت نۇسقىلىرىنى چۈشۈرۈش:
font.7z
(90.99 KB, چۈشۈرۈش سانى: 280)
قىسقىچە تەشۋىقات
مەزكۇر سىستېما پۈتتۈن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلگەن بولۇپ خېلى كۆپ كۈچ چىقىرىشقا توغرا كەلدى. بېكەت باشلىقلىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىمىزگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەزكۇر سېستىمىنىڭ كىيىنكى يېڭى نەشرى، تۈرلۈك ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىلارنى تەرجىمە قىلىش گۇرپىسىغا ئەزا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەگەر بىزنى قوللىسىڭىز سىزمۇ گۇرپىغا قوشۇلۇڭ.
بىز قوشقان ئۆزگەرتىشلەر
بىز emlog 5.3.1 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندىن سىرت، ئۇسلۇبىنى ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇردۇق، بىكەتكە ئۇنىۋېرسال eot ۋە ttf ئۇلىدۇق، بىكەتكە ئەڭ يېڭى بولغان kindeditor ئالماشتۇرۇپ ئورناتتۇق، بىكەتكە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش js ئۇلىدۇق.
تەرجىمىگە قاتناشقۇچىلار
@admin :
ئىزقۇت تورى،
بىلىملەر تورى،
3 كوي تورى
@boyhero :
ھويلىسى