iPhone نىڭ تېلېفون كەلگەندىكى كۆرۈنۈشى
iPhone نىڭ تېلېفون كەلگەندىكى كۆرۈنىشى قارىماققا ئادەتتىكىدەكلا، ئەمما ئاشۇ يەردە ئازراق غەيرىلىك باردەكلا تۇيۇلىدۇ.
دوستلار چەمبىرىكىنى يېڭىلىغان ۋاقىتتا كەلگەن تېلېفوننىڭ قوبۇل قىلغاندىكى كۆرۈنۈش مۇنداق:
ھېچقانداق ئالاھىدە ئەمەس، يانفون ئېكرانىنى قۇلۇپلاپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويسىڭىز، ئوخشاش بىر ئادەمدىن يەنە تېلېفون كەلسە، بۇ ۋاقىتتىكى يانفون ئېكرانى ئويلىمىغان يەردىن مۇنداق ئۆزگىرىدۇ:
ئوخشاش بىر ئادەم ئوخشاش بىر يانفوندىن بىر قانچە سىكۇنىت پەرقلىنىپ تېلىفون كەلسە، تېلېفون كەلگەندىكى كۆرۈنۈش يەنىلا ئوخشىمايدۇ. ئەسلىدە iPhone كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندا، ناۋادا ئېكراننى قۇلۇپلىمىغان ۋاقىتتا ئالسا بىرىنچى سۈرەتتىكىدەك ھالەت كۆرۈنىدۇ، ئەكىسچە ناۋادا ئېكران قۇلۇپلاقلىق ھالەتتە ئالسا ئىككىنچى سۈرەتتىكىدەك ھالەت كۆرۈنىدۇ.
iPhone دا ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە دانە ئارقا سەھنە ئەپىنى كۆرگىلى بولىدۇ؟
تورداش Inchyea مەلۇم بىر كۈنى ئارقا سەھنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەپنىڭ قىستىلىپ چىقىپ كېتىپ كۆرۈنمىگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ئارقا سەھنىدىكى ساقلانغان ئەپنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەستايىدىل ھالدا تەجىربە قىلغاندىن كېيىن، Home كۇنۇپكىسىنى قوش چېكىپ، سىن بەلگىنى تۆۋەنگە تارتىپ ئاستا-ئاستا ساناپ، توققۇز ئەپنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ قىلىپ سانىغان، ئون گۇرۇپپىدىن كېيىن يەنە ئون دانە ئەپ ئېشىپ قالغان، قوشۇپ ھېسابلاش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئارقا سەھنىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 ئەپنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلگەن.
3G/4G سىگىنال مۇھىتىدا، ھالەت سىتونىدىكى پىرقىراۋاتقان گۈلنىڭ ئايلىنىشى تېخىمۇ تېز
3G/4G تور ئىشلەتكەندە، پىرقىراۋاتقان گۈلنىڭ ئايلىنىشى 3G/4G ئىشلەتمىگەن ۋاقىتتىدىكىدىن ناھايىتى تېز بولىدۇ.
ئۈندىدارنى بۇنداق يېڭىلىغاندا ئارتۇقچە غەمدىن خالاس بولىسىز
مەيلى ئۈندىدار يېڭىلىغان، مىكروبىلوگ كۆرىۋاتقان، تور بەت يېڭىلاۋاتقان، سۈرەت كۆرىۋاتقان ۋاقىتتا بولسۇن، پەقەت چوققا قىسىمىدىكى ھالەت سىتونىنى پەقەت قوش چېكىپ قويسىڭىزلا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئەڭ چوققىسىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئىكراننى قايتىدىن توختىماستىن سۈرۈپ ئۈستىدىكى ئورۇنغا قايتۇرۇپ كېلىشىڭىز ھدجەتسىز.
iPad نىڭ زەرەتلىگۈچىسى iPhone غا تېخىمۇ تېز توك قاچىلايدۇ
(Apple Store) ئالما بازىرىدىكى چۈشەندۈرۈشكە قاراڭ، iPad نىڭ 12W زەرەتلىگۈچىسى بارلىق iPhone ۋە iPad تىپىنى قوللايدۇ.
ناۋادا سىز iPhone 6 Plus نىڭ ئابونىتى بولسىڭىز، iPad نىڭ 12W زەرەتلىگۈچىسىنى ئىشلىتىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ.
1. توك قاچىلاش ۋاقتىنى 40 مىنۇت تېجەيدۇ، ئىككى سائەتتە تولۇق توك قاچىلىغىلى بولىدۇ.
2. توك قاچىلاش ۋاقتىنى بىر سائەت ھېسابلىساق، %60 توك قاچىلىغىلى بولىدۇ.
(ئەسكەرتىش: iPhone 6 Plus پەقەت 5V/2A توك تولۇقلاشنى قوللايدۇ.)