• خان،ياقىڭىزنى سەل ئۈستىگىرەك كۆتىرۋەتسىڭىز

    2010-09-05

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/74389665.html

    چۈشلۈك ئارام ۋاقتى توشتى،،،خىزمەتتىن ئالدىراپ چۈشۈپ ئابتوبۇس بېكىتىگە يۈگۈردۈم،،،قىستىلىپ يۈرۈپ،ئابتۇبۇسقا چىقتىم ،ھەممە ئادەم ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىت بولغاچقىمىكىن ئابتۇبوستا ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم ،،،مېنىڭ يېنىمدىكى ئورۇندۇقتا شۇنداق چىرايلىق ،ئەمما سەل مۇقامدا يوق پەلپەتىش كىيىنگەن بىر قىزچاق ئولتۇرغان ئىدى ،،ئۈستىگە كۆكسىنىڭ يېرىمىنى ياپالماي قالغان مايكا كىيىۋالغان بولۇپ ئىچىدىكى دەسمىسى كۆرۈنۈپ قاپتۇ،،نېمە دېسەم بولار ،سول تەرىپىمدە ئۆرە تۇرغان بىر ياش يىگىت بوينىنى ئۈزمەي قىزنىڭ مەيدىسىنى ماراۋاتاتتى،،،باشقا دادام دېمەتلىك ئادەملەرمۇ تىللىرىنى تامشىتىپ پاقا تەشكەن سويمىدەك بېزىرىپ كۆزىنى ئۈزمەيۋاتاتتى، ،،،خۇددى مېنى ماراۋاتقاندەك تولىمۇ خىجىل بولۇپ كەتتىم،،ئۇ قىز ئولتۇرغان بولغاچقا ئۆرە تۇرغۇچىلار ئۇ قىزنى ئېنىقلا كۆرۈپ ‹تاماشا›قىلالايتتى ،،،قېرىشقاندەك ماشىنا توسىلىپ قېلىپ ھېلىقى ئوۋچىلارغا كۆپرەك ‹ھوزۇرلىنىۋىلىش›پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتاتتى،،توۋا ،، ئەتراپىمدا ساپلا دېگۈدەك ئەر كىشىلەر دېسە ،،،قىستىلىپ كەينىگىرەك ماڭدىم،،بىر چاغدا ھېلىقى چىرايلىق قىزنىڭ ‹سېغىزخان›دەك ئاۋازى ئاڭلاندى:
    -ۋۇي لۈكچەك،نېمە بېزىرىپ قارايسەن ،،،ئاپاڭنىڭكىنى كۆرۈپ باقمىغانما؟ئەجەپ قاراپ كىتىپسەنا؟
    -پاسكىنا،زۇۋانىڭنى يىغە ،،،سەن مەرەزمۇ باشقىلار كۆرسۇن دەپ ئېچىپ قويغانسەن ؟ۋۇي تېگى پەس قانجۇق ،،ئاپامنى چىشلەپ تارتما!،-دەپ ۋاقىراپلا كەتتى~~
    ئىشقىلىپ كېيىن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئەپسانە گەپلەرنى بۇ يەردە دېيەلمەيمەن ،،،،
    ھازىر بەزى قىزلىرىمىزدا ھايا ،نۇمۇس دېگەنلەر قالماپتۇ (قىسمەن)،،،بۇ تېخى 10نىڭ بىرى ،،،،قىسقىسى كەلگۈسى دۇنيانىڭ ئانىلىرى بولغان سۆيۈملۈك قىزلار ،ئۆزىمىزنىڭ شەرمى ھايارىمىز بىلەن ياشايلى ،،،قەدىر -قىممىتىمىز بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنى ساغلام يېتىلدۈرەيلى ~~~~
    شۇنداق يارىشىملىق كىيىم كېچەكلىرىمىز بار،،،ئۇنى كىيگىمىز بولمىسىمۇ ياقىسى ئۈستۈنرەك،كاسسىمىزنى يېپىپ تۇرغۇدەك،تىزىمىزدىن چۈشكىدەك،كەڭ كۇشادە،ئازادە كىيىملەرنى كىيەيلى
    分享到:

    收藏到:Del.icio.us