• دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟

    2010-05-30

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/64655628.html

    ·باشقىلار ئۆزىنىڭ ھەركەت ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرسا ھەمدە بۇنىڭدىن خوشاللىق تاپسا، سىز ئۇنى چۇقۇم "جاھىل"دەپ قارايسىز؛ بىراق ئۆزىڭىز شۇنداق قىلغان چاغدا، بۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە "مۇستەھكەم ئىرادە" گە ئايلىنىدۇ.

    ·باشقىلار سىزنىڭ دوستىڭىزنى ياخشى كۆرمىگەن چاغدا، سىز ئۇنى "ئادەم تۇنۇمايدىكەن "دەپ قارايسىز؛ ئەمما سىز باشقىلارنىڭ دوستلىرىنى ياخشى كۆرمىگەن چېغىڭىزدا، بۇنى "ئادەمنى توغرا تۇنۇش" ئىقتىدارىڭىزنىڭ پاكىتى قىلۋالىسىز.

    ·باشقىلار ئىشنى ئاستا قىلسا، ئۇنى مىس-مىس تاشپاقىغا ئوخشىتىسىز؛ ئەمما بۇ ئىش سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلسە، ئۇنداقتا ئۇنى "يەتتە ئۆلچەپ بىركەس" نىڭ نەتىجىسى دەۋالىسىز.

    ·باشقىلار زامانغا ماس يېڭى نەرسىلەرنى سېتىۋالسا، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئۇلار شۆھرەتپەرەسلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئەمما ئۇنى سىز سېتىۋالسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئېھتىياجنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ.

    ·باشقىلار سىز ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى تىلغا ئالغاندا ، قارشى تەرەپ نەزىرىڭىزدە كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئەگەر سىز شۇنداق قىلسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ "سەمىمىي بولۇش "نىڭ ئىپادىسىگە ئايلىنىدۇ.

    ·باشقىلار سىزگە سالام قىلماي قالسا، سىز ئۇنى "ھاكاۋۇر" دەپ باھالايسىز؛ ئەگەر سىز باشقىلارغا سالام قىلمىسىڭىز، ناھايىتى ئېنىقكى، كۆرمەي قالغان بولۇۋالىسىز.

    ·باشقىلار مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان چاغدا، سىز چۇقۇم ئۇنى "مەسئۇلىيەتسىز" دەپ قارايسىز؛ ئەمما ئۆزىڭىز مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلمىغان چاغدا، سىز ئامالسىز قالغانلىقىڭىزنى پەش قىلىسىز.

    ·باشقىلار قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى ئۇلارغا بېرىلگەن "جازا "دەپ قارايدىغانلىقىڭىز تەبىئىي؛ بىراق سىز قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇ سىزگە قۇيۇلغان سىناققا ئايلىنىدۇ.

    ·باشقىلار خىزمەت قىلمىغاندا، ئۇنى چۇقۇم "ئويۇنچى ھورۇن" دەپ ئەيىبلەيسىز؛ ئۆزىڭىز خىزمەت قىلمىغاندا، ئۇنى "خىزمەت تاپالماسلىق" دەپ سۈپەتلەيسىز.

    ·باشقىلار تاپقان پۇلىنى يەتكۈزەلمىسە، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئۇئىگىلىك تىكلەشنى بىلمەيدىغان ھاماقەتكە ئايلىنىدۇ؛ ئەگەر سىز تاپقان پۇلىڭىزنى يەتكۈزەلمىسڭىز، ئۇنداقتا چۇقۇم "يېتەرلىك پۇل تاپالمىدىم" دەپ باھانە كۆرسىتىسىز.

    ·باشقىلار رىقابەتنى قۇبۇل قىلمىغاندا، سىز ئۇنى "توخۇ يۈرەك" دەپ ئاتايسىز؛ ئۆزىڭىز قۇبۇل قىلمىغاندا بولسا، "مېنىڭ بۇنداق ئىقتىدارىم يوق"دەپ قارايسىز.

    ·باشقىلار غەزەپتىن يىرىلغۇدەك بولغاندا، ئۇ نەزىرىڭىزدە "ئۆپكىسى يوق" ئادەمگە ئايلىنىدۇ؛ ئەگەر سىز شۇنداق ھالغا كەلسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ھەقىقەتنى قوغدايدىغان ئادەم بولۇۋالىسىز.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us