• ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى

    2009-05-10

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39182183.html

    ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى


    تارىخىي خاتىرىلەر ۋە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئورنى بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ئىچكىرىكى شەھەرنىڭ
    غەرپ تەرىپىدىكى قەبرىستانلىق ئىدى . مىلادى 1442 - يىلى قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان ھاكىم بەگ ___ ساقىت مىرزا ئۆزىنىڭ ۋاپات بولغان ئۇرۇق - جەمەتلىرىنى مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان . ئۇرۇق - تۇققانلارنىڭ قەبرىسىنى قەبرىسىنى يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ھازىرقى ئىچكىرىدىكى مەسچىت ئورنىدا بىر كىچىك مەسچىت سالدۇرغان . تۇنجى مەسچىت ياسىلىپ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى ئوبۇل ھادى بەگنىڭ تاغىسى مىرزا ئەزىز ۋەلى دېگەن كىشى ۋاپات بولۇپ مۇشۇ ئورۇنغا دەپنە قىلىنغان . ھىجرىيىنىڭ 944 - يىلى (مىلادى 1558 - يىلى ) ئوبۇل ھادى بەگ مەسچىتنى كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياساتقان ھەمدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەتتىكى مەسچىتنى جۈمە نامىزى ئۇقۇلىدىغان جامە قىلىپ ئۆزگەرتكەن . مىلادى 1787 - يىلى (ھىجرىيە 1201 - يىلى) يېڭى شەھەر ناھىيە خانئېرىق يېزىسىدىن زۇلپىيە خېنىم مەككىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن توپلىغان پۇلىنى سەرپ قىلىپ ھېيتگاھ جامەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياسىغان .

    ⅪⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان تۇرپانلىق ئىسكەندەر ۋاڭ ھايات تۇرۇپ ئۆزىگە ، ھىجرىيىنىڭ 1224 - يىلى (مىلادى 1809 - يىلى ) شەھەرنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى پايناپ يېزىسىغا ھەشەمەتلىك گۈمبەز ياساتقان . بۇ گۈمبەزنى خەلققە ئېغىر ئالۋاڭ سېلىپ ياساتقانلىقتىن ، خەلقنىڭ نارازىلىقى غەزەپكە ئايلىنىپ قوزغۇلاڭ كۆتۈرگەن . ئىسكەندەر ۋاڭ ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ، ھېيتگاھ جامەسىنى رېمونت قىلىپ كۆل چاپتۇرغان ، ئېرىق ئېلىپ ، سۇ باشلاپ كىرىپ ئورمان بىنا قىلغان .
    ھىجرىيىنىڭ 1235 - يىلى (مىلادى 1820- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يامغۇر يېغىپ جامەنىڭ تورۇس - تاملىرى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا ، نىدىر خوجا ئەبرىشىمكا دېگەن كىشى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغان . ھىجرىيىنىڭ 1255 - يىلى (مىلادى 1839 - يىلى ) قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى زوھورىدىن بەگ قەشقەرنىڭ تاشقىرىقى شەھەر دەپ ئاتالغان قىسمىغا سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەرنى كېڭەيتكەن . شۇ چاغدا جامەنى سۈپەتلىك قىلىپ رېمونت قىلدۇرغان .
    ⅪⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىنجاڭغا ھۆكۈمىرانلىق قىلغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ) خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپلىگەن مەسچىت ، مەدرىس ، مازارلارنى ياساتقان . شۇ جۈملىدىن ھىجرىيىنىڭ 1290 - يىلى (مىلادى 1872 - يىلى ) ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ قەمىر قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن . بۇ جامەنىڭ غەربىي تەرىپىنى مەسچىت ، شەرق تەرىپىنى مەدرىس قىلىپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ ، مەدرىس قىسمىنىڭ شىمال ، شەرق ۋە جەنۇپ تەرەپلىرىگە 24 قاتار 72 ئېغىزلىق ھۇجرا ، شەرقىي شىمال تەرىپىگە 100 دىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان مۇنچا ، مۇنار ، گۈمبەز ، پەشتاق ، دەرۋازا قاتارلىقلارنى ياساتقان . شۇنىڭ بىلەن ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ھازىرقى ھالىتى شەكىللەنگەن .
    ھىجرىيىنىڭ 1320 - يىلى (مىلادى 1903 - يىلى ) قەشقەردە قاتتىق يەر تەۋرەش ( شۇ ۋاقىتتىكى يەر تەۋرەش 1901 - يىلى ياكى 1902 - يىلى بولغان دېگەن گەپلەرمۇ بار ) زىلزىلىسى يۈز بېرىپ ، جامەنىڭ تاشقىرىقى مەسچىت قىسمىغا خېلى دەرىجىدە زەخىم يېتىپ بەزى تاملىرى ئۆرۈلگەن ، مۇنار زەخمىلەنگەن ئىدى . لېكىن ھىجرىيە 1322 - يىلى (مىلادى 1905 - يىلى) قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق بايلىرىدىن<<ئاخۇن باي>>دەپ ئاتالغان تۇردى باي ھاجىم بىلەن كىرىم ئاخۇن نايۋەچچىلەر تەرىپىدىن قايتا رېمونت قىلىنغان .
    ھىجرىيىنىڭ 1352 - يىلى (مىلادى 1934 - يىلى) قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىدارە باشلىقى ئابدۇكىرىم خان مەخسۇمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رېمونت قىلىنىپ ، دەرەخلەر تولۇقلاپ قويۇلغان ، كۆللەر قايتا چېپىلغان . كۆللەرنىڭ ئەتىراپىغا رىشاتكىلار ئورنىتىلغان .
    ھىجرىيىنىڭ 1354 - يىلى (مىلادى 1936 - يىلى) قەشقەردە <<ئىسلامى مەدرىسى>> __ مەسچىت ھەيئىتى قۇرۇلۇپ ، بىر قېتىم تېمونت قىلدۇرۇلغان . جامەنىڭ شىمال ۋە جەنۇپ تەرىپىگە ئىككى يان دەرۋازا ئېچىلىپ ، كىرىپ - چىقىش راۋانلاشتۇرۇلغان .
    ھىجرىيىنى 1355 - يىلى (مىلادى1937 - يىلى) شەھەر كوچىلىرىنى كېڭەيتىش ھەركىتىدە جامەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى 24 ئېغىزلىق ھوجرا بىلەن مۇنچا چېقىۋىتىلگەن . تام ئورنىغا سالاسۇنلۇق رىشاتكا بېكىتىلگەن .
    ئازاتلىقتىن كېيىن جامەنىڭ يېڭى باھارى باشلاندى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇ جامەنى <<ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن>>قىلىپ بېكىتىپ بىر قانچە قېتىم چوڭ - كىچىك رېمونت قىلدۇردى. 1955 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتوموم رايونى قۇرۇلغاندا كۆپ مەبلەغ ئاجىرىتىپ چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىپ سىرلاپ ، ئاقارتىپ تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى. 1983- يىلى 100 مىڭ يۇەن ئاجىرىتىپ جامەنى چوڭ رېمونت قىلدى. جامەگە تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى بېكىتىپ، ئىگىدارچىلىقنى كۈچەيتتى.
    ھازىر ھېيتگاھ جامەسى ۋە مەيدانى يالغۇز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مىللەتلەرنىڭ دىنىي - مەدەنىي پائالىيەت مەركىزى بولۇپلا قالماستىن بەلكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەت سورىنىغا ئايلاندى.
    قەشقەر شەھىرى ئېچىۋېتىلگەن ئوچۇق شەھەر قىلىپ ئېلان قىلىنغاندىن بېرى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن دوسلار ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرىنىڭ قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ئالدىن زىيارەت قىلىدىغان ئورنى ھېيتگاھ جامەسى بولماقتا ، بۇ جامەنىڭ ئورنى ، ئابرويى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلمەكتە.
    ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى
    ھېيتگاھ جامەسى ، شىنجاڭ بويىچە ، شۇنداقلا مەملىكىتىمىز بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىت ۋە مەدرىسەسىدۇر. بۇ جامە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىنىي ساھەدىكىلەر ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە، ھەمدە قەشقەرنىڭ ئىلىم - مەرىپەت ، ھۈنەر - سەنئەت ماكانى بولۇشتەك ئېسىل خىسلىتىنىڭ نامايەندىسى ، شۇنداقلا باتۇر ، ئەمگەكچان، ئەقىل - پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلق بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسىدۇر .
    ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شىمالدىن جەنۇپقا ئۇزۇنلىقى 140 مېتىر، غەرپتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى 120 مېتىر ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 25.22 مو كېلىدۇ. بۇ جامە:دەرۋازا ، ھويلا ، مەسچىت ، مەدرىس ، ھۇجرىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلىنىدۇ . دەرۋازا قىسمىدىن ئالغاندا مۇنار ، دەرۋازا ، گۈمبەز قاتارلىق ئۈچ قىسىم بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر گەۋدە ھاسىل قىلىدۇ.
    جامە چوڭ دەرۋازىسىنىڭ كەڭلىكى 4.30 مېتىر ، ئېگىزلىكى 4.70 مېتىر كېلىدۇ. چوڭ دەرۋازا ئورنىتىلغان تامغا مېھراب شەكىللىك نەقىشلەنگەن تەكچىلەر چىقىرىلغان. دەرۋازىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى تامدا رەڭدار زىننەتلەنگەن تۆت مېتىر كەڭلىكتە ، يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى مېھراب ، ئەگمە شەكىللىك ناۋا ئاستىغا قۇرئان كەرىمنىڭ بىرنەچچە ئايەتلىرى يېزىلغان ئىككى مېتىر كەڭلىكتە ، بىر مېتىر ئېگىزلىكتە رەڭدار نەقىشلىك بىر چاسا تاختا بار .
    دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنىدا ئېگىز ، ھەيۋەتلىك ، كۆركەم سېرىق سىر بىلەن چىرايلىق سىرلانغان ئىككى مۇنار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 19 مېتىر كېلىدۇ. بۇ مۇنار شەھەرگە كۆركەم ھەيۋەتلىك تۈس بېرىدۇ . بۇ ئىككى مۇنارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان گەج ۋە پىششىق خىش بىلەن ئېتىلگەن چاتما تامنىڭ ئارىلىقى 28 مېتىر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئىچىدە ئايلانما پەلەمپەيلەر بولۇپ ، مەزۇن ، ئاخۇنۇملار شۇ پەلەمپەيلەر بىلەن ئۇستىگە چىقىپ مۇسۇلمانلارنى نامازغا چاقىرىدۇ. مۇنارنىڭ ئۈستىگە تۆمۈر دەستىلىك ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھېلال ئاينىڭ شەكلى ئورنىتىلغان . ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ .
    جامەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىش بىلەن گۈمبەز ئىچىگە كىرىسىز ، گۈمبەزنىڭ سەككىز بۇرجەكلىك ئايلانمىسى ، ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە جامە سەيناسىغا كىرىدىغان مېھراپ شەكىللىك ئىشىكى بار .
    گۈمبەزنىڭ سىرتقى ئايلانمىسى 40 مېتىر ، ئېگىزلىكى 12.5 مېتىر ، ئۈستى ئېگىزلىكىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا بىر مۇنار بېكىتىلگەن بولۇپ ، بۇ مۇنارنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 17.5 مېتىر كېلىدۇ. بۇ گۇمبەز ئالەم گۈمبىزى بىلەن رىقابەتلەشكەندەك تىك تۇرىدۇ. دەرۋازىنىڭ شىمال ۋە جەنۇپ تەرەپلىرىگە يۆلەپ سېلىنغان 46 ئېغىزلىق دۇكان بولۇپ ، بۇ دۇكانلارنىڭ ئىجارىسى مەسچىت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
    ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدى __ شەھەرنىڭ ئەڭ قويۇق ئېلىم - سېتىم ، سودا بولىدىغان بازىرىدۇر. بۇ جامە دەرۋازىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئېگىز ھەم ئازادە بىر پەشتاق ياسالغان ، ھەر يىلى قۇربان ھېيت ۋە روزد ھېيت كۈنلىرىدە پەشتاقتا ناغرا ، سۇناي ئاۋازى ياڭراپ ، ھېيتگاھ مەيدانىغا توپلانغا تۈمەنلىگەن كىشىلەر بايرام خوشاللىقىنى تەنتەنە قىلىدۇ. بۇ ئورۇن ___ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت - بايراملىرىنى قۇتلۇقلايدىغان مەيدانى بولغاچ ھېيتگاھ دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن مەسچىت سەينا(ھويلا)سىنىڭ كۆلىمى ئىككى مودىن ئارتۇق ، ئىككى كۆلى بار . بۇ جامەدە ھەر كۈنى 3 - 4 مىڭ كىشى ، جۈمە كۈنلىرى 5 - 10 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيدۇ . جامە ھويلىسى بىلەن كايۋاننى جەنۇپتىن شىمالغا سوزۇلغان ماشرەڭ سىرلانغان رىشاتكا ئايرىپ تۇرىدۇ . رىشاتكىنىڭ ئېگىزلىكى 1.50 مېتىر ، كايۋانغا كىرىش ئۈچۈن ئۈچ ئورۇنغا ئىشىك ئورنىتىلغان .
    مەسچىت قىسمى ئىچكىرىكى مەسچىت (خانىقا ) تاشقىرىقى مەسچىت (پېشايۋان)، كايۋاندىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ . ئىچكىرىكى مەسچىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36.5 مېتىر ، كەڭلىكى 10.5 مېتىر ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 456 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ .
    جامەنىڭ غەرپ تەرىپىدىكى تامغا چىقىرىلغان مېھرابتا خاتىپ ئاخۇنۇم خۇتبە ئوقۇيدۇ. تاشقىرىقى مەسچىت ، كايۋانلارنى قوشۇپ ئۈستى يېپىلغان قىسمىنى ھېساپلىغاندا 2660 كۋدرات مېتىر كېلىدۇ. كايۋان تورۇسلىرىنى يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى 140 تال تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. دېمەك ، جامە ، دەرۋازا ، مۇنارلار ، پەشتاقلار ، گۈمبەز - رىشاتكىلار ، ئاجايىپ نەقىشلەنگەن تۈرلۈك قۇرۇلمىلار بىلەن پۈتۈن شىنجاڭغا مەشھۇردۇر .
    مەنبە : ئىبراھىم نىيازنىڭ <<تارىختىن قىسقىچە بايانلار>> كىتاۋى
    分享到:

    评论