• قۇم باسقان شەھەر(PDFنۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ)

    2009-05-10

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39179090.html

    قۇم باسقان شەھەر(PDFنۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ)

    تۆۋەندىكىسى «قۇم باسقان شەھەر»ناملىق روماندىكى خەلق ئىچىدىكى مەدداھلار ئېيتقان ھىكايىلەرنىڭ بىرى .

    ...بىر كۈنى شۇ چۆلدە ئىشەكلىك كېتىپ بېرىپ مۈگدەپ قاپتىمەن ، - دەپ ھېكايىسىنى باشلايتتى بىرەيلەن ، - بىر چاغدا كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ، ئالدىمدا بىر ئادەم كېتىپ بېرىپتۇ . ياندىشىپ بېرىپ قارىسام ، بىر كۆزى ئالىغاي ، يۈزى چوقۇر ، تازىمۇ كۆرۈمسىز بىر نېمە ئىكەن . تېنىم شۈركەنگەندەك بولدى . ئېشىكىمنى دېۋىتىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتسام :
    —— ھوي ، ئاداشۇي ، ئېشىكىڭ سۆڭەك غاجىلامدۇ ؟ - دەيدۇ ، نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ئالىجۇقا دەپ :
    - مېنىڭ ئېشىكىم سۆڭەك غاجىلايدىغان ئىتمىدى ؟ ئۆزۈڭ نېمە ئادەمسەن ؟ نېمانداق كېلىش - پەخىش گەپ قىلىسەن ؟ - دەپ قايناپ كېتىپتىمەن . ھېلىقى چوقۇر گەپلىرىمنى قاپتىلىغا ئېلىپ قويماي :
    - ئەمىسە ئۆزۈڭ تاش يەمسەن ؟ - دەيدۇ.
    بىر ساراڭغا ئۇچرىغان ئوخشايمەن ، دەپ گەپمۇ قىلماي مېڭىۋەردىم . قارىسام ، ئېشىكىم ھەرقانچە قامچىلىساممۇ قەدىمى ئاستىلاپ ، چىلىق -چىلىق تەرگە چۆمۈپ كېتىۋاتىدۇ . نېمە ئالامەتتۇر بۇ ؟ دەپ ئارقامغا قارىسام ، ھېلىقى چوقۇر يول ئۈستىدە كۆرۈنمەيدۇ . ئېشىكىمنىڭ قۇيرۇقىدا يوغان بىر تاش چىگىكلىك تۇرىدۇ . ئاچچىقىم نەدىن كەلدى ، ئېشەكتىن ئىرغىپ چۈشۈپ ، ئۇنىڭ قۇيرۇقىدىكى تاشنى ئېلىپ يىراققا ئاتتىم . تاش يەرگە پاققىدە چۈشۈشى بىلەن ، ئېشەك مېنىمۇ تاشلاپ تىكراڭلىشىپ چېپىپ كەتتى . شۇنداق قارىسام ، ئېشەكنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى چوقۇر بىر ئوبدان مىنىۋاپتۇ ، ئارقىسىغا قاراپ -قاراپ قويۇپ ، سەت ھېجىيىپ كېتىپ بارىدۇ .

    -توختا ، ھەي نائىنساپ ! قانداق نېمىسەن ؟ بىراۋنىڭ ئېشىكىنى نەگە ئېلىپ بارماقچىدىڭ؟ - دەپ ئارقىسىدىن يۈگۈردۈم . يېتىشىپ بېرىپ چاپىنىنىڭ ئارقا پېشىدىن تۇتۇپ بىر تارتىپتىكەنمەن ، گۈپپىدە قىلىپ ئوڭدىسىغا ئالدىمغا چۈشتى . ئېشەكمۇ جايىدا توختاپ قالدى . قارىسام ھېلىقى چوقۇر خارقىراپ توپىدا ياتىدۇ . بىردەمدىلا ، ئاسماندىن چۈشكەندەك يېنىمدا بىر ئازازۇل خوتۇن پەيدا بولدى ، كەلگەنچە ياقامغا ئېسىلىپ :
    -ۋاي خۇدايىم جاجاڭنى بېرەر ، ئوغرى ! سەن مېنىڭ دوستۇمنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپسەنغۇ ؟!...ۋاي ۋاپادار دوستۇم ، ۋاي چىرايلىق دوستۇم ، ساڭا كۆز تەگدىغۇ ، دوستۇم ، ئەمدى مەن بۇ يالغۇزچىلىقنىڭ دەردىنى قانداق تارتارمەن ، دوستۇم !- دەپ يىغىنى سالدى .
    نېمە بالاغا قالغاندىمەن ، دەپ ھېلىقى خوتۇنغا بولغان ئەھۋالنى چۈشەندۈرگىلى تۇردۇم . ھېلىقى بېشەم خوتۇن :
    -بۇ ئادەمغۇ ئۆلۈپتۇ ، ئەمدى مەن بۇ چۆل - جەزىرىدە كىم بىلەن مۇڭدىشىپ كۈننى كەچ قىلىمەن ، ئۇزاق كېچىلەرنى قانداق قىلىپ تاڭغا ئۇلاشتۇرىمەن ؟ ئەمدى سەن ماڭا خوتۇن بول! - دەيدۇ .
    نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ساراڭ خوتۇن ؟ دەپ قاراپلا قالدىم .
    - نېمە دەۋاتىسەن ؟ ...ماڭا خوتۇن بول دەۋاتامسەن ، ئەر بول دەۋاتامسەن ؟ - دېسەم .
    -خوتۇن بول! -دەيدۇ .
    قارىسام ھېلىقى مېنىڭدەك ئىككى ئەرنىڭ بەستى بار ، تازىمۇ يوغان خوتۇن ئىكەن ، قورققىنىمدىن پۇت -قولۇمدا جان قالمىدى .
    -تۈزۈك گەپ قىلسىلا ، خېنىم ، خوتۇن كىشى خوتۇن ئالغاننى نەدە كۆرگەن ؟!- دېدىم . ھېلىقى خوتۇن ئەيمىنمەي :
    -ماۋۇ ئادەمگە ئون نەچچە يىل خوتۇن بولغانتىم ، ئەمدى سېنى بىرنەچچە يىل بولسىمۇ خوتۇن قىپ باقاي دەيمىنا! -دېدى .
    -يوقىلاڭ گەپنى قىلمىسىلا ، قانچە پۇل دېسىلە بېرەي ، مېنى يولدىن قويمىسىلا ، ئىشىم ئالدىراش ، -دېدىم . يانچۇقلىرىمنى ئۆرۈپ - قېقىپ ، بار پۇلۇمنى قولىغا بەردىم .
    - ئەمىسە ، ئېشەكنىمۇ تاشلاپ كەت ! -دېدى .
    ئېشەكنىمۇ تاشلاپلا ، قۇتۇلغۇنىمغا خوشال بولۇپ يۈگۈردۈم . بىر يەرگە بېرىپ ئارقامغا قاراپ ،ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قاپتىمەن . قارىسام ھېلىقى ئەر-خوتۇن ئىككىسى سەت ھېجىيىشىپ ئېشەكنىڭ ئۈستىگە مىنىشىۋاپتۇ . بىچارە ئېشىكىمنىڭ بېلى ئىگىلىپ يەرگە تېگەي دەپ قاپتۇ ...
    قۇم باسقان شەھەر(PDFنۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ)
    قۇم باسقان شەھەر رومانىنى چۈشۈرۋېلىڭ
    1-قىسىم:http://www.kaskin.cn/elk/db/kum1.rar
    2-قىسىم:http://www.kaskin.cn/elk/db/kum2.rar
    分享到: