• تاياققا لايىق 10 خىل ئەر ۋة تاياققا لايىق 10 خىل ئايال

    2009-05-10

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39171282.html

    تاياققا لايىق 10 خىل ئەر ۋة تاياققا لايىق 10 خىل ئايال
    مۇتەخەسسلەرنىڭ ئەڭ يىڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا . كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇنۇ 10 خىلدىكى ئاياللارنى (خانىم-قىزلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تاياققا لايىق دەپ قارىغان.

    1. پۇلى يوق مودا قوغلىشىدىغان ئاياللار.
    بۇلارنى گاھىدا تىللاپ ، گايىدا ئۇرسىڭىز بولىدۇ، قولىڭىزنى قاتتىق قىلماڭ. مودا قوغلىشىش ئاياللارنىڭ قىنىغا سىڭىپ كەتكەن. «مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق » دىگەن ھىكىمەتلىك سۆز دەل مۇشۇ تىپتىكى ئاياللار ئۈچۈنلا مەخسۇس چىقىرىلغان.

    2.باشقا ئاياللارنى مەنسىتمەيدىغان، ئاغزىدا شەھەر ئالدىغان ئاياللار.
    ئۇرسىڭىز تامەن بولىدۇ، لىكىن قولىڭىزنى قاتتىق قىلماڭ. «قوڭىدا ئىشتان يوق . ئىتىم مارجان بۈۋى» دىگەندە بۇلارنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ھىچكىم ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ، پوپاڭ سۆزلەش، رەڭۋازلىق قىلش دىگەندە بۇلار «دەرىجە كنشكىسى » ئالغان، ئىسل كيىملەرنى كىيپ، ئاغزىدا قاسلدىتىپ سىغىز چايناپ ، ئەتراپقا سوغۇق قاراپ. ئۆزىنى دۇنيادىكى ئاڭ ئالىجاناپ سانايدىغان ئاياللار دەل شۇلارنىڭ جۈمىلىسىدىندۇر

    3.قېرىغىننى تۇيمايدىغان ، ئۆزىنى ياش قىزلاردەك چاغلايدىغان ئاياللار.
    ئۇلارنىڭ قېرىغىننى تۇيماي، ياش قىزلاردەك ياسىنىپ يۈرگەننى، گىرىم-پىرىم دىگەننى لايىقىدا قىلماي قېرى مايمۇنلاردىن ئىشىپ چۈشكىننى كۆرسىڭىز ئۇلار ئۈچۈن خىجىل بولوپ يۈزىڭىز چىملداپ كىتىدۇ، لىكىن ئامال يوق، سىز قىزارغىنىڭىز بىلەن ئۇلار قىلغۇلىقىنى قىلىۋىرىدۇ. ئۇلار دىگەن يېشى بىلەن نوپۇس دەپتىرىدىكى يېشىى ماس كەلمىسە ساقچىخاندىكىلەر بىلەن ئاتا-ئانىسىدىن رەنجىشى بار، مۇنۇسى ھەممدىن كۈلكىلىك.


    4.يالغاندىن كۆز يىشى تۆكۈپ ھىسداشلىقىنى بىلدۈردىغان ئاياللار.
    بۇلارنى تازا سىلىڭ.
    بۇنداق ئاياللار بەك خەتەرلىك، «تىمساقنىڭ كۆز يېشى » دىگەن سۆز دەل مۇشۇ تىپتىكى ئاياللار ئۈچۈنلا چىقىرىلغان ۋە شۇلار ئۈچۈنلا ئىشلىتىلدۇ، مەخسۇس پاتنىت ھوقۇقى بار سۆز بۇ .

    بېشىڭىزغا سەل كېلشمەسلىك كەلسە بۇنداق ئاياللار سىزدىن بەكرەك يىغلايدۇ، ئاندىن« تولا يىغلاپ بەدىنمدىكى سۇ مىقىدارى ئازلاپ كەتتى» دەپ تازا ئوخشىتىپ دەملەنگەن قەھۋەرىڭىزنى ئىچمىگىچە سىزنى بوش قويۋەتمەيدۇ.

    5.ئاياللىق سۈپىتىنى ساقلاپ يۈرمەيدىغان ئاياللار.
    مۇنداقلارنى مۇشتۇمىڭىزنى لازا-ئاچچىقسۇغا چىلاپ تازا سالمىسىڭىز بولمايدۇ.
    مۇنداقلارنىڭ تىشىغا قاراپ ئاياللىقىنى بىلەلەيسىزيۇ ، لىكىن قىلىپ يۈرگەن ئىشىلرىدىن ئۇلارنىڭ ئاياللىقىلىقى ئۇياندا قالسۇن ئادەملىكىدىنمۇ گۇمان قىلىپ قالىسىز.

    6.بەتخەج ئاياللار.
    ئۇرۇپ ئاغىزى-بۇرنىدىن قان كەلتۈرۋىتىڭ.
    كچىككىنە پۇل تاپسا كىيم -كىچەك ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدىغانلار ، ئۆينىڭ ئەھۋالى بىلەن ھىساپلاشمايدىغان ئاياللار.

    7.ھەددىدىن زىيادە رومانتىك ، ئوماقلىقىنى قوغلىشىدىغان ئاياللار.
    بىر-ئىككى كاچات سالسىڭىز بولار،
    ئۇلار بىلەن بىر سورۇندا بولۇشتىن.قوغلىشصشىتىن ساقلىنىڭ ، سورۇن تاللىماي ئەركىلەپ يۈرسە، مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئۆز خىيالىدىكى ، تىلۋىزۇرلاردىكى رومانتىك تۇرمۇشنى چۈشەپ يۈرسە تەبىئىكى يۈزىڭىز چۈشۈپ، مۇھەببىتىڭىز بۇزۇلىدۇ.

    8.چەتئەل مەستانىلىرى.
    ئېسىپ قويۇپ قامچا بىلەن سىلىڭ.
    چەتئەلىنىڭ كوچا لۈكچەكلىرى توپىدىكى قىزلار كىيۋالىدىغان كىيىملەرنى كىيۋالدىغان. كۆڭلىكى كىندىكىنى ياپالمايدىغان ، چېچىنىڭ رەڭگى بىلەن تىلىدىن ئۆزىڭىزنىڭ مىللتىڭىزدىن ئىكەنلىكىدىن گۇمانغا سىلىپ قويدىغان، ھە دىسە ئۇ چولپاننى ئويلاپ، بۇ چولپان بىلەن خىيالىي تويلاپ چىقىدىغان ئاياللار، ئۇ خەققە چەتنىڭ تۇرمۇشى بىلەن كىيىملىرى، مەدىنىيتى شۇنداق ئىلغار كۆرىنىدىكى ئۆزىنىڭ مەدىنىيىتى شۇنچىلىك مەتۇ ھىساپلىنىدۇ.

    9. مۇھەببەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللار.
    قامچا بىلەن تازا ئۇرۇڭ، ئاندىن ئاپتاپلىق يەرگە باغلاپ قويۇڭ.
    «داننى ئۆيدىن يەپ سىرىتقا كاكىلايدىغان مىكيان» مىجەز تىپىدىكى ئاياللارنىڭ تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئائىلەرنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشى بۇزۇلۇپ. نۇرغۇن سەبىئىي بالىلار يىتىملىق كوچىسدا چۆگىلەۋاتىدۇ.


    10. ئۆز يولدىشىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، مەنسىتمەيدىغان ئاياللار.
    قامچىنى لازا سۈيىگە چىلاپ تازا ئۇرۇپ، ئاندىن قامچا ئىزىغا تۇز سۈركەپ ، ئاپتاپلىق جايغا باغلاپ قويۇڭ.

    بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلىق ئىززەت-ئابرۇيى، ھۆرمىتى بولىدۇ. باشقىلار تەرپىدىن ھۆرمەتلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىششى ، يول قويۇشى بىلەن ئائىلە ئائىلە بولوپ، بەختكە چۆمىدۇ.

    تاياققا لايىق 10 خىل ئەر

    1. پۇلى يوق ،بايۋەتچە بولىۋالدىغان ئەر كىشى
    ئوتتۇراھال ئۇرسىڭىز بولىدۇ
    بۇنداقلار پۇلى يوق ،ئولتۇرۇشتىن قالمايدۇ .ئويلايدىغىنى قىز قوغلاش. پۇلى يوق ئاپتۇبۇسنى ياراتماي تاكسىغا ئولتۇرىدۇ.پۇل ھېساپلىغۇچتا 23.5كوينى كۆرسەتسە،20كوينى تەڭلەپ ،تېخى قايتۇرماڭ دەيدۇ.


    2.باشقا ئەرلەرنى چۇشۇرۇپ ،ئۆزىنى كۆتۇرىدىغان ئەرلەر
    بەك ئۇرۇۋەتمەڭ،ئۇلار ئۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ.
    بۇنداق ئاياللارنىڭ ئالدىدا باشقا ئەرلەرنى چۇشۇرۇپ ،ئۆزىنى ماختايدىغان، ئاقسالىقىغا گەپ توغرا كەلمەيدىغانلار ئۇچراپ قالسا ئويلانمايلا بېرىپ ئۇرۇش كېرەك..

    3.يالغاندىن باشقىلارغا ھېسىداشلىق قىلىدىغان بولىۋالغان ئەرلەر
    ئاغزى -بۇرنىدىن قان چىقىرىۋىتىش كېرەك
    دىۋانىغا 2كوي بېرىپ ئاپتۇبۇسقا چىقىتتىم دەپ بىر كوي قايتۇرۋالدىغان بۇنداق ئەرلەرنى ئۇرمىسا قانداق بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟ ھى ھى

    4. 30-40ياشقا كىرىپ قېلىپمۇ ئۆزىنى كىچىك بالا چاغلايدىغان ئەرلەر
    ئۇلارنىڭ «بىزدەك بالىلار»دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىسىڭىز ئۇستىڭىزدە يىلان ئۆمىلاۋاتقاندەك ھېسياتقا كېلىسىز. ئۇرماي ئامال يوق شۇڭا يەنىلا ئۇرۇڭ .

    5.تاپقان پۇلىنى ئۆيىگە خەجلىمەي ،سىرتتا ئاشنا ئوينايدىغان ئەرلەر
    باشقا گېپىم يوق .ئۇرۇپ نىمە قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ

    6.قارىسىڭىز ئەرمۇ -ئاياللىقىنى بىلگىلى بولمايدىغانلار
    ئەلۋەتتە دەسلەپتە سىز ئۇنىڭ ئەرلىكىنى ئۇقمايسىز .لېكىن ئۇقۇپ قالسىڭىز -- زە ...... دەسسىەپ يوق قىلىۋېتىڭ.

    7.ئوماق بولىمەن دەپ قىز بالىدەك ئەكىلەپ يۇرىدىغانلار
    ھەرگىز ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يەپ قالماڭ .گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالسىڭىز يەۋاتقان تامىقىڭىزنى قۇسۇۋەتمەي ئامال يوق.ئۇنىڭدىن كىيىن قاتتىقراق ئىككى كاچات سالمايمۇ ئامال يوق

    8.چەتئەلگە ياكى ئىچكىرىگە بىر قېتىم بېرىپ كەپلا ئۆزىنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلار
    تېخى ئۇ يەرلەردە ئۇزاق تۇرۇپ ئادەتلىنىپ قاپتىمەن دەپ قويىشى بار.
    بۇنداقلارنى كوللىكتىپ .ئۇرۇش كېرەك

    9.ئايال كىشىنى ئۇرىدىغان ئەرلەر
    گېپىم يوق . ئېسىپ قۇيۇپ ئۇرۇڭ . (كىم ئۇنى ئاجىزە بەندىگە قول تەككۈزسۇن دەپتۇ )

    10 . تىما يوللىسام ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلار ياكى قۇسۇر تاپدىغانلا، شۇنچە جاپا تارتىپ تىما يوللىسام ،كۆرىدىغاننى كۆرۇپ بولۇپ ،گەپمۇ قىلماي چىقىپ كەتكەنلەر ، بۇ دىگەن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولىدۇدە ، تاياققا ئەڭ لايىق !

    分享到:

    评论

  • ياخشى تىما يوللاپسىز ، بۇنداق پەند-نەسىھەت توغرىسىدىكى تىمىلارنى كۆپرەك يوللىغايسز~! قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن~!