• مۇناپىق دىگەن قانداق بولىدۇ؟

    2009-05-01

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/38779236.html

    مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرى(بىلۋېلىڭ)

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:«4خىسلەت بار،ئۇ كىمدە بولسا خالىس مۇناپىق بۇلىدۇ،ئەگەر ئۇ 4خىسلەتتىن بىرى كىمدە بولسا ،ئۇنى تاشلىمۇغىچىلىك ئۇنىڭدا مۇناپىقنىڭ بىرسۈپىتى بولغان بۇلىدۇ،ئۇ 4خىسلەت: ئامانەت قۇيۇلسا خىيانەت قىلىدۇ،گەپ قىلسا يالغان سۆزلەيدۇ،ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمايدۇ،تارتىشىپ قالسا ئېغىزىنى بۇزىدۇ».

    مۇناپىقنىڭ لوغەت مەنىسى،بىر ئىشىكتىن كىرىپ ،يەنە بىر ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەن دىگەن بۇلىدۇ،ئۇنىڭ شەرىئەتتىكى ئىستىلاھ مەنىسى "دىلدا كۇپرىنى يۇشۇرۇپ تۇرۇپ ئاغزىدا مەن مۇسۇلمان دەيدىغانلاردۇر''ئاللاھ قۇرئاندا مۇناپىقلارغا لەنەت ئۇقۇغان،ئۇلارنى سۆككەن ۋە ئۇلارغا ئاخىرەتتە ناھايىتى قاتتىق ئازاپ بىلەن ئاگاھلاندۇرغان،ئۇلارنى دىلدا يوق نەرسىنى تىلدا دەيدۇ،ئۆزلىرى ئىشەنمەي تۇرۇپ ئاللاھقا ،ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىمىز دەپ داۋا قىلىدۇ دەپ سۈپەتلىگەن،مۇناپىقلارنىڭ قىلىقى ئالداش ،ساختا قىلىش،يالغان سۆزلەش ،غەيۋەت قىلىش،گەپ تۇشۇش ،يالغان گۇۋاھلىق بىرىش ،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق،گىپىدە تۇرماسلىق،ئەھدىنى بۇزۇش ،ئامانەتكە خىيانەت قىلىش،مۇسۇلمانلار ئارسىىغا ئاداۋەت سېلىش ئارقىلىق يەريۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ،بىخىل ،بەدىننىڭ سىمىزلىكى ،كىيمىنىڭ پاكىزلىقى ۋە سۆزىنىڭ تاتلىقلىقى بىلن تاشقى كۈرىنىش چىرايلىق ،مۇتەكەببىرلىك ،ھەسەتخورلۇق ،رىياكارلىق ۋە باشقا پىسخىكى ئىللەتلەر بىلەن ئىچى زەھەر قەبىھ ئىنسانلاردۇر.

    ئاللاھ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مۇناپىقلاردىن ھەزەر قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دىگەن:ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇشى (سالاپەتلىكى) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، (سۆزىنىڭ پاساھەتلىكىدىن) سۆزىگە قۇلاق سالىسەن، (ئىلىمسىز، ئەقىلسىز، پاراسەتسىزلىكتە) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان (چىرىپ قالغان) ياغاچلاردۇر، ئۇلار (قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ، ئۇلار (ساڭا ۋە مۆمىنلەرگە) دۈشمەندۇر، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، اﷲ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ!. ( مۇنافىقۇن، 4 ـ ئايەت )

    مۇناپىقلارنىڭ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان خەتىرى كاپىرلاردىنمۇ يامان،چۈنكى كاپىرنىڭ دۈشمەنلىكى ئاشكارا ،ئەمما مۇناپىق مۇسۇلمان قېلىپىغا كىرىۋالغان زەھەرلىك يىلان بولغاچقا ،كىشىلەر ئۇنىڭ تاشقى كۈرۈنىشىگە قاراپ ئۇنى دوسىت دەپ گۇمان قىلىپ ئىچكى سىرلىرىنى ئېيتىدۇ،قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ پىلانلىرىدىن خەۋەر بىرىدۇ،لىكىن ئۇ ئىككى يۈزلۈك دۈشمەن بىر يۈزى بىلەن دوسىت كۈرۈنۈپ تۇرۇپ مەخپىيەلىكلەرنى بىلۋېلىپ ،ئاندىن يەنە بىر يۈزى بىلەن نەشتىرىنى تىقىدۇ،ئەندەلۇس(ئىسپانىيە)،مۇسۇلمان تۈرك مەملىكەتلىرى ۋە پەلەستىن قاتارلىق ئىسلام دىيارلىرىنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنداق مۇناپىقلارنىڭ سەۋەبى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇلىدىن چىقىپ كەتكەن،ئىسلام تارىخىدا مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا سالغان زىينى ئاز ئەمەس،ئۇلار گەپ تۇشۇپ مۇسۇلمانلارنى پەرچە-پارچە بۈلۈپ تاشلىغان،مۇسۇلمانلار ئارسىدىا پىتنە-پاسات پەيدا قىلىش ئارقىلىق تاشقى دۈشمەنگە يول ئېچىپ بەرگەن.

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ھەدىسىدە مۇسۇلمانلارنى مۇنداق ناچار قىلىقتىن ئۆزىنى پاكلىسۇن،ئۈتۈلۈپ قالغان كەمچىلكىلىرى بولسا دەرھال تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتسۇن،ئىككى يۈزلۈك مۇناپىقلاردىن يىراق تۇرسۇن ئۈچۈن،بىزگە مۇناپىقلارنىڭ ئەڭ ئاشكارا سۈپەتلىرىدىن 4بايان قىلىدۇ،چۈنكى بۇ 4نەرسىگە ئادەتلەنگەن كىشىنىڭ ئىككى يۈزلۈك ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان بۇلىدۇ،گەپ قىلسا يالغان سۆزلەپ كىشىلەرنى ئالدايدۇ،پۇل-مال،سۆز ياكى سىر ئامانەت قويسا خىيانەت قىلىپ ئىشەنچە قىلغان كىشىنى زىيانغا ئۇچرىدتىدۇ،قىلمايغان ئىشقا ۋەدە بىرىپ كىيىن ۋەدىسدە تۇرمايدۇ،ئازراق جىدەل بۇلۇپ قالسا ئاغزىنى بۇزۇپ سەت گەپلەر بىلەن تىللايدۇ،بۇنداق ئادەمنىڭ مەن مۇسۇلمان دەپ داۋا قىلغىنى ،ناماز ئۇقۇغىنى ،روزا تۇتقىننىڭ پايدىسى نىمە؟

    ئاللاھ مۇناپىقلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
    «ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯗﻕ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯗﻕ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ) (8). ﺋﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﯞﻩ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯘﻳﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻼ ﺋﺎﻟﺪﺍﻳﺪﯗ (9). ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯧﺴﻪﻝ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺶ) ﺑﺎﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ؛ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﻰ ﺩﻩﯞﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ) ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (10). ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ: «ﻳﻪﺭﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ» ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ، «ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺴﻼﮪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯩﺰ» ﺩﻩﻳﺪﯗ (11). ﺑﯩﻠﯩﯖﻼﺭﻛﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻼﺭﺩﯗﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﯘﻳﻤﺎﻳﺪﯗ (12). ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻏﺎ): «ﺋﯩﻤﺎﻥﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩﻙ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜﯕﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﻼﺭ» ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ، «ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯩﻴﺘﺎﻣﺪﯗﻕ؟» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺑﯩﻠﯩﯖﻼﺭﻛﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻼ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﻪﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦ (ﺑﯘﻧﻰ) ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯘﻳﻤﺎﻳﺪﯗ (13). ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﯩﻨﯩﺪﺍ: «ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺘﯘﻕ» ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺷﺎﻳﺎﺗﯘﻧﻠﯩﺮﻯ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﻛﺎﺗﺘﯩﺒﺎﺷﻠﯩﺮﻯ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ: «ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﯩﻤﯩﺰ، ﭘﻪﻗﻪﺕ (ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﯨﻼ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ) ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ» ﺩﻩﻳﺪﯗ (14). ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﮬﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗﻛﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﺪﯗ (15). (بەقەرە)
    (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻜﻰ،ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﭘﻘﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (138). ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﯞﻩ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗ؟ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯘﻓﻔﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﯞﻩ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﺗﯩﻠﻪﻣﺪﯗ؟) ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﯞﻩ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ (139). ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﻼﺭﺩﺍ، ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ) ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎﺭﺍﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﯕﻼﺭ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ (ﮔﯘﻧﺎﻫﺘﺎ) ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ (ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ) ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﮕﻪ ﺗﻮﭘﻼﻳﺪﯗ (140). ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻧﯘﺳﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺴﻪﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭ: «ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪﯗﻕ؟ (ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ)» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺯﻩﭘﻪﺭ ﺗﺎﭘﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭ (ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻏﺎ): «ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ (ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺪﯗﻕ) ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﯩﺪﯗﻗﻤﯘ؟» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ (ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ) ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﻮﻝ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ (141). ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﺋﯘﻻﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺧﯘﺵ ﻳﺎﻗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ (ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ)، (ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ) ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺭﯨﻴﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﺎ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ (142).(نىسا)

    ئاللاھ تائالاھ بىزنى بۇنداق يامان ئاقىۋەتكە ئاپىرىداغن ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىسۇن! ئامىيىن!

    分享到: