• ئاي شارى جۇڭگۇنىڭ

    2009-04-18

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/38064683.html

    جۇڭگۇ ئەزەلدىن ھەرقانداق بىر مەسلىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ، پاكىتىنى ئاساس قىلدۇ.
    تارىخىنى ئېلىپ ئېيتساق بىزنىڭ جۇڭگۇنىڭ تارىخ ماتىرياللىرى تۇلىمۇ مول بۇلۇپ ، مۇشۇنداق مول تارىخي ماتىرياللىرىمىز بارجايدا مللىي بۆلگىنچىلەرگە يول يوق! چۈنىكى بىزنىڭ تارىخ كىتاپلرىمىزدە ، جۈملىدىن << خەننا مە >> << تارىخ نامە >> قاتارلىق ھۆججەت خاراكتىرلىك كىتابلىرىمىزدا ، شىزاڭ ، شىنجاڭ قاتارلىق يۇرۇتلارنىڭ مىلادىدىن 60يىل بۇرۇنلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن جۇڭگۇنىڭ ئايرىلالماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىگە دائىر نۇرغۇن تارىخي پاكىتلار بار.
    بولدى!  بۇلار ئاللا بۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغان كونا ئىشلار بۇلۇپ قالدى!
    ئەمدى يۇقۇرقىلارنى قۇيۇپ تۇرۇپ پۈتۈن  دۇنيا ئەھلى قىزقىدىغان ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بەس- بەستە ئۇچۇپ چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ بايراقلىرىنى ئۇ بۇلۇڭ- بۇ رايۇنلارغا قاداپ بۆلشىۋالماقچى بۇلىۋاتقان << ئاي شارى>> مىز ئۈستىدە توختىلايلى!
     ھەممىز بىلىمىز ئىنسانلار ئىككى جاھان ئۇرشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن ، ئۇرۇش جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، بۇلۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرشى مەزگلدە ، بىرىنچى دۇنيا  ئۇرشىدا ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئايرۇپۇلانلارنى ،تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئالدىنقى ئەسرىنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە دۇنيادىكى ئىككى جاھانگىر دۆلەت بولغان سابىق سوۋىتلەر ئىتپاقى بىلەن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ، سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرشىنىڭ كۈرشىنىڭ تەسىردە ، پىلانتلار ئارا ئۇرۇش پىلانىنى  تۈزۈپ چىقىپ ، كىيىن ئۇرۇش بۇلۇپ قالسا ، بوشلۇق ئۇرشى بولدىغانلىقنى ، شۇڭلاشقا  كىم ئاۋۋال ئاي شارىغا چىقىپ شۇنى بازا قىللالىسا ، كىينىكى ئۇرشتا شۇ دۆلەتنىڭ يېڭىدىغانلىقىنى ئالدىن ئويلىشىپ،  بۇ ئىشقا سوۋىت ئىتپاقى ئالدى بىلەن تۇتۇش قىلشقا باشلىدى، ھەمدە تۈنجى بۇلۇپ ئايشارىنى ئايلىنىپ ئۇچۇتتى.

    كىيىن 70-يىللارغا كەلگەندە ، <<بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن -كىيىن چىققان مۇڭگۈز ئېشىپ كىتىپتۇ >> دىگەندەك  ئامىرىكا بىراقلا ئايغا چىقىپ ئاي شارىغا ئۇزنىڭ بايرىقىنى تىكلەپ ، ئاي شارىنىڭ ئامرىكىنىڭ ئىكەنلىنىكىنى  نۇمۇسىزلارچە ئېلان قىلدى.

    ئەمما بۇ جايدا شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۈتمەي بولمايدىكى ، يۇقارقى دۆلەتلەر ئايغا چىقىش جەريانىدا ، جۇڭگۇ خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپلا قالماستىن ، ئۇچۇقتىن ئۇچۇق جۇڭگۇ << ئېيىغا >> تاجاۋۇزچىلق قىلىپ ، جۇڭگۇنىڭ << ئاي شارىسى>> نى ئېگەللىۋالماقچى بولدى.

    بىز تارىخي پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيدىغان بولساق، ئاي شارىنىڭ جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيمىز !  يەنى بۇنىڭدىن مىڭ يىللار مۇقەددەم ئىلگىرى يېزلغان تارىخي ئەسەرلەردىن جۈملىدن  ۋەتىنىمىزنىڭ بەش مىڭ يىللىق مەدىنىيتىنىڭ كىچچىكىنىە  بىر قىسمى بولغان << خەننامە >> قاتارلىق تارىخي كىتاپلىرىمىزدىن مىسال كەلتۈرسەك ، بۇ كىتاپلىرىمىزدا ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش كىتاپلىرىمىزدا ، ئاي شارىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە جۇڭگۇلۇق << چاڭې >> تەرپىدىن بىرلىككە كەلتۈرىلگەنلىكى توغرىسىدىكى يازما مەلۇماتلار بار.
    بۇنىڭدىن شۇنى كۈر ىۋالغىلى بۇلدىكى ئاي شارى ئەزەلدىن جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر زىمىنى !  
    بىز 60-70-يىللاردا ئاجىز بولغاچقا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ، بىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمىز بولغان ئاي شارىغا ئۇزنىڭ بايرىقىنى تىكلىشىگە چىداپ تۇردۇق، ئەمدى بىز جۇڭگۇلۇقلارمۇ  مۇ ئورنمزدىن تۇرۇپ زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشتۇق . ھازىر بىزنىڭ مىللىي قەھرىمانىمىز  <<چاڭې >>نىڭ ئىزنى بويلاپ ئاي شارىغا چىقالىغىدەك كۈچ -قۇدرىتىمىز مۇ ئەسلىگە كېلىپ قالدى .
    مانا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئېلگىركى مىللىي قەھرىمانىمىز  << چاڭې >> نىڭ نامى قۇيۇلغان << چاڭې >> نامىلىق ئۇچقۇلرىىمىزنىمۇ ئاي شارىغا قارتىپ قۇيۋەتتۇق.  ئىشىنىمىزكى   بىز پات يېقىن ئارلقتا ، مۇشۇ ئۇچقۇلىرىمىز ئارقىلق ، ئاي شارىدا  ئىلگىرى << چاڭې>> قالدۇرۇغان ئاياق ئىزلىرىنى تېپىپ چىقىپ ،  بۇ ئارخىلوگىيىلك ماتىرياللارنى  بىزدىكى يازما ماتىرياللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، ئاي شارنىڭ ھەقىقەتەن جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى  پۈتۈن دۇنيا ئەھلىگە جاكارلايمىز!!!.........

    分享到: