• ئالتۇن باھاسى نېمىشقا ئۆسۈپ كەتتى؟

    2009-04-10

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37712552.html

    ئىككى يىلدىن بۇيان ، خەلقئارا بازاردا ئالتۇننىڭ باھاسى ئۈچ قېتىم رېكورت ياراتتى . بۇلتۇر 3–ئايدا تۇنجى قېتىم ھەر ئونسىيە ئالتۇننىىڭ باھاسى 1033.9 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققانىدى. ئارىلىقتا ئازراق چۈشۈپ، 7–ئايدا يەنە مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. ئاندىن، خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ ، ئالتۇن باھاسى سەل چۈشكەن بولسىمۇ، بۇ يىل 2 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ھەر ئونسىيە ئالتۇن باھاسى 1002.20 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى . ئېلىمىزدە مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا ھەر بىر گرام ئالتۇننىڭ باھاسى 100 يۈەندىن 200 نەچچە يۈەنگە چىقتىتارختىن بۇيان مەيلى قايسى مىللەت، قايسى ئىرق، قايسى دۆلەت، قايسى خىل مەدەنىيەت ۋە دىن بولسۇن، ئالتۇننى ئەڭ مۇھىم بايلىق دەپ قاراپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئالتۇن تاۋار دەپ قارىلىپ ، ھېچقانداق دۆلەتتە پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلمەيۋاتقان بولسىمۇ ، دۇنيادا ئالتۇن ئەڭ ئاخىرقى تۆلەم ۋاستىسى قىلىنىۋاتىدۇ . ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئالتۇن پۇل ئەمەس، بەلكى پۇلنىڭ «يىلتىزى». گەرچە ئامېرىكا دوللىرى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھېساب–كېتابتا ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئۇ زاۋۇتتا بېسىپ چىقارغىلى بولىدىغان قەغەز پۇل بولغاچقا ، بارغانسېرى جەلپكارلىقىنى يوقاتماقتا . 2007– يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئامېرىكىدا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بېرىپ، پۇل پاخاللىشىپ كەتتى. ئاشلىق، ياغ، گۆش قاتارلىق زۆرۈر ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى . نېفىت باھاسىمۇ ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتتى. ئالتۇنمۇ دۇنيادا بىردىنبىر تۆلەم ۋاستىسى قىلىشقا بولىدىغان «پۇل» بولۇش سۈپىتى بىلەن، نېفىت باھاسىغا ئەگىشىپ قىممەتلەشتى . ئەمما نېفىت باھاسى بىر چۈشكەنچە قايتا ئۆسمىدى ، ئەمما ئالتۇن باھاسى ئۈچ قېتىم يۇقىرى باھاغا چىقتى. ھازىر دۇنياۋى ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بېرىپ، خەلقئارادا ھەر بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 40 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىغا چۈشۈپ قالدى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، ئالتۇن «قەد» كۆتۈرۈپ، يەنىلا يۇقىرى باھادا تۇرىۋاتىدۇ. ئېھتىمال، سىزدە مۇنداق بىر سۇئال تۇغۇلىشى مۇمكىن: دۇنيا بويىچە مال باھاسى ئاز–تولا تۆۋەنلىگەن، نېفىت باھاسى چۈشۈۋاتقان پەيتتە ، نېمىشقا ئالتۇن باھاسى چۈشۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۆسۈپ كېتىدۇ؟ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە ، قەغەز پۇلنى ھەر قايسى دۆلەتلەر بېسىپ كۆپەيتەلەيدىكەن ، بانكا ئامانەت ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆز ئالدىغا ئۆستۈرۈپ–چۈشۈرەلەيدىكەن، ئەمما ئالتۇن زاپىسى ۋە باھاسىنى ئۆز ئالدىغا خالىغانچە ئۆزگەرتەلمەيدىكەن، «بېسىپ» كۆپەيتكىلى بولمايدىكەن. شۇڭا، ئالتۇن ھەر قانداق چاغدا، ھەر قانداق ئەلدە قىممەت ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. ھازىر ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بېرىپ، كىشىلەر پۇل پاخاللىشىشتىن بارغانسېرى ئەندىشە قىلغاچقا، ئالتۇن باھاسى بارغانسېرى ئۆسۈپ كەتكەن«گۈللەندۈرۈش» بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى پارچە سېتىش بۆلىمىنىڭ خادىمى مۇنداق دەيدۇ : شىنجاڭلىقلار ئاساسەن قولىدىكى پۇلنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئالتۇن سېتىۋالىدۇ . شىنجاڭلىقلار ئاساسەن زىخچە ئالتۇن سېتىۋالمايدۇ، ئالتۇن زىبۇزىننەت سېتىۋالىدۇ. ئالتۇن زىبۇزىننەتنىڭ باھاسىغا ئىش ھەققى قۇشۇلغاچقا، زىخچە ئالتۇنغا قارىغاندا قىممەت بولىدۇ . ئالتۇن باھاسى يۇقىرى بولغان ئەھۋالدىمۇ، ئالتۇن زىبۇزىننەت سېتىۋالىدىغانلار ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان شاڭخەي ئالتۇن بازىرىغا ئەزا بانكىلاردىن زىخچە ئالتۇن سېتىۋېلىپ، زەرگەرخانىلارغا ئاپىرىپ زىبۇزىننەت ياساتقۇزسا، ھەر قانداق بانكا ۋە زەرگەرخانىلاردىن ئەرزان توختايدۇ. بولۇپمۇ، ئالتۇن باھاسى يۇقىرى بولغان مەزگىلدە، ئىشەنچىلىك ئورۇنلاردىن ئالتۇن زىبۇزىننەت سېتىۋېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ   ئالتۇن ئەزىزلىگەنلەرنى نائۈمىد قالدۇرمايدۇ . ئەمما ئىقتىسادشۇناسلار مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ھازىر ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆسۈپ ئەڭ يۇقىرى باھاغا چىقتى ، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادى ئاستا– ئاستا ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئالتۇن باھاسى يەنە ئۆسۈپ كېتەرمىكىن دەپ، ئەندىشە ئىچىدە ئالتۇن سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ

    分享到: