• ئۇ سىنىڭ خوتۇنۇڭ

    2009-04-10

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37711734.html

    يەر شارىدا بەش مىلياردتىن ئارتۇق ئادەم بار،ئاشۇ بەش مىلياردتىن ئارتۇق ئادەم ئىچىدە پەقەت بىرلا كىشى ئەتىگەندە كۆزۈڭنى ئاچقىنىڭدا سەن بىلەن ئۇچرىشىدۇ، بۇ كىشى دەل سىنىڭ خوتۇنۇڭ، ئۇ سەن بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدۇ، بالاڭنى تەڭ باقىدۇ، سەن بىلەن ئورتاق خىراجەت قىلىدۇ، سەن بىلەن ئوخشاش نىمەتلەر بىلەن ناشتا قىلىدۇ.

    ئاللا نىسىپ قىلسا، يۈز يىلدىن كىيىن خوتۇنۇڭنىڭ ئىسمى سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن تەڭ بىر خاتىرە تاشقا يېزىلىشى مۇمكىن. بۇ تاشنى كۆرگەن ھەر بىر ئادەم بۇ دۇنيادا بەش مىليادتىن ئارتۇق ئادەم ئىچىدە پەقەت مۇشۇ ئايالنىڭ سەن بىلەن ئەڭ ئۇزۇن سىرلىق، بىخەتەر كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىدۇ.

    سەن نۇرغۇن كىشىلەر ئارسىدىن بىر قاراپلا ئۇنى تونۇۋالالايسەن، چۈنكى ئۇ سېنىڭ خوتۇنۇڭ. بىرەر خەتەرگە يولۇققان چېغىڭدا، ئۇنىڭ چوقۇم يېتىپ كىلىپ، سېنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيسەن. چۈنكى ئۇ سەن ئۈچۈن بالا تۇغۇپ بەرگەن.

    خوتۇنۇڭ ئىككىڭلار باشقا- باشقا ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بولساڭلارمۇ، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتىڭلار ئوخشاش بولمىسىمۇ، مەيلى بوران- چاپقۇن چىقىپ، قار- يامغۇر ياغسۇن، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، سەلدەك ئېقىپ كىتىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا پەقەت ئىككىڭلارلا ئوخشاش بىر ماكانغا قايتىسىلەر، بۇ ماكان دەل سىلەرنىڭ ئۆيىڭلار.

    بۇ ئۆيدە نەچچە كىشى بار، ئۇلار سەن، خوتۇنۇڭ، شۇنىڭدەك ئىككىڭلارغا ئورتاق بولغان پەرزەنتىڭلار. ئىككىڭلار ئىككى ئاچقۇچ بىلەن ئوخشاش بىر ئىشىكنى ئىچىپ ئاشۇ ئۆيگە كىرىسىلەر.

    پىيادە ئادەم دېڭىزىدا ، سانسىزلىغان ئادەم توپى ئىچىدە، پەقەت بىرلا كىشى «ئۆي» ئاتلىق يەردە يەنى بىر كىشىنىڭ قايتىپ كىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردۇ. ئۇنىڭ بۇ كۈتىشى بىردەملىك ئەمەس، ئۇ نەچچە ئون يىل كۈتىدۇ.

    كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇرۇش پارتىلاپ، يىراقلارغا قىچىشقا توغرا كەلسە، كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئۇنىڭدىن ھەرگىز كۆزۈڭنى ئۈزمەيسەن، چۈنكى سەن سەللا بىخەستلىك قىلساڭ ئارىلىقىڭلارنىڭ مەڭگۈلۈك يىراقلاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىسەن.

    كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ قالسا، سەن يول بويىدا ئولتۇرۇپ، كىشىلەر توپى ئارىسىدا پەقەت خوتۇنۇڭنى تونۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىسەن. ناۋادا، ئۇ مەڭگۈگە قايتىپ كەلمىسە، بارلىق ئائىلە بىساتىڭنى سېتىۋېتىپ، ئۇنى ئىزدەش كويىدا بولىسەن، ئۇنى تاپالمىساڭ ، ئۆيگە قايتىپ كەلمەيسەن.

    ئۇرۇش بولمىغان ھالەتتىمۇ كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئۇنى كۆرۈپ قالساڭ، ئۇزۇن يىل كۆرۈشمەي قايتا كۆرۈشكەندەك ھېسياتتا بولىسەن.

    نىكاھنىمۇ بىر مەيدان ئۇرۇش دىيىشكە بولىدۇ، ئۇرۇش پارتىلاشتىن ئىلگىرى ئىككىڭلار ئىككى ياقتا، سىلەر تونۇشقان كۈن سىلەرنىڭ قايتا ئۇچراشقان كۈنۈڭلار. بۇ ئوڭاي قولغا كەلگەنمۇ؟ سىلەر توي قىلىپ، بىر ئۆيگە كىرىسىلەر، ئاجايىپ شېرىن كۈنلەر شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ، ئۈچ ۋاق تامىقىڭلار بىرگە، كىيىن پەرزەنتلىك بولىسىلەر.

    باشقىلار بىلمەسلىكى مۇمكىن، بىراق سەن ئاللىقاچان شۇ نىيەتكە كەلگەن: ئۇ مەن بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغاننىكەن، ئۇنى ھەرگىز پۇشايماندا قويمايمەن. تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىجاتچىسى بولۇشقا رازىمەن.

    分享到: