• ئەرلەر دىيىشكە تېگىشلىك <<شېرىن-شېكەر>>سۆزلەر

    2009-04-10

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37711631.html

    مۇھىم ئىشلاردا ، ئاياللار ئەرلەرنىڭ %100 سەمىمى بولىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ. ئەمما ئادەتتىكى كىچىك ئىشلاردا، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئاز -تولا يالغان ئارلاشتۇرۇلغان <<شېرىن -شىكەر>> سۆزلىرىدىن ناھايىتى مىننەتدار بولىدۇ. بۇنى ئاياللارنىڭ رومانتىكىلىغى دىسىڭىزمۇ ، شۆھرەتپەرەسلىگى دىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن، شۈبھىسىزكى ، زۆزۈر << شېرىن - شېكەر >> سۆزلەر ئاياللارنىڭ خوشال كەيپىياتىنى ساقلاپ ، مۇناسىۋىتىڭىزنى تېخىمۇ ئىناقلاشتۇرىدۇ.
    1. سىز نىمىلا كىيسىڭىز يارىشىدۇ.
    ئاياللار بۇنىڭ راس ئەمەسلىگىنى بىلىدۇ، ئەمما ئۇلار ناھايىتى خوشاللىق بىلەن مۇھەببەتنىڭ قارغۇ ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ. كىيىۋالغان كىيىمى ئۆزىگە ئازراقمۇ ياراشمىسىمۇ ، ئەمما مۇنداق گەپ ئۇلارنى ناھايىتى مەمنۇن قىلىدۇ.
    2. مەن سىزنى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كەلدىم.
    ئاياللار ئۆزىنىڭ جەلپكارلىغىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.ئۇلار ئەلەرنىڭ مەن يېققىندىلا قىز دوستۇم بىلەن ئايرىلىپ كەتتىم، ھېسسىيات جەھەتتە تەسەللىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سىز بىلەن ئارلاشتىم ، دىيىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئەكسىچە، بەلكىم .ئىلگىرى بەزى بىر ئشلارنى قىلغاندىمەن، ئەمما سىزنىڭ تالانتىڭىز ھەقىقەتەن مېنى جەلپ قىلىۋالدى، دىگەندەك سۆزلەر ئۇلارغا يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ.
    3. شۇنداق ، چېچىڭىزنى بەك قىسقا ياسىتىۋاپسىز، ئەمما سىزگە بەك يارىشىپتۇ.
    تۇرمۇشتا ئاياللارنىڭ ئالاھىدە نازۇكلىشىپ كېتىدىغان چاغلىرى بولىدۇ.مەسلەن، ئۇلار ساتىراشخانىدىن چىققان ۋاقىتتا قىسقا ياساتقان چېچى ئۆزىگە تازا يارىشىپ كەتمەسلىگى مۈمكىن، مۇشۇنداق ۋاقىتتا جەزمەن شۇنداق دىيىش كېرەك.
    4. سىز مەندە ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ئالاھىدە ھېس- تۇيغۇلارنى ئويغاتتىڭىز.
    ھەر بىر ئايال ئەرلەرنىڭ قەلب ئىشىگىنى ئۆزى ئېچىشنى، ئۇلارنىڭ بۇندىن ئىلگىركى تۇرمۇشىنىڭ بىر پارچە قاراڭغۇلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    5. ياش قىزلارنىڭ چىرايىنىڭ ۋاي دىگۈچىلىگى يوق، مەن ئۇلارغا قىزىقمايمەن.
    شۇنداق ، سىز جەزمەن شۇنداق دىيىشىڭىز كېرەك، بولۇپمۇ بايىلا بىر ياش قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قايتىپ كەلگەن ۋاقتىڭىزدا.
    6. مېنىڭ ئىلگىركى قىز دوستۇم چىشى يولۋاس ئىدى.
    نۇرغۇن قىزلار ئىلگىرى باشقا ئەرلەر بىلەن ئارلاشقان ، ئاشۇ ئەرلەردىن ئاز دىگەندە بىرى ئۇلارنى چىشى يولۋاس دەپ ئاتىغان، ئەمما ، ئاياللار ئىشلارنى ئاددى ھەم تېيز ئويلايدۇ.( مەن بۇنىڭ سىرتىدا جۇمۇ!) ئۇلار ئىلگىركى قىز دوستىڭىزنى ناھايىتى بىشەم ، ھازازۇل، پەقەت مەن بىلەن ئارلىشىپلا بەختىڭىزنى تاپتىڭىز، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئامراق.
    7.مەن ئۆيىڭىزدىكىلەرنى ياخشى كۆرىمەن.
    ئاياللار ئۆز تۇققانلىرىغا قانداق قاراشتا بولۇشتىن قەتئى نەزەر، كۆڭلىدە يەنىلا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم قوغدايدۇ. ئۇلار ئاپىسىغا بولغان قارىشىڭىزنى سورىغان ھەم بىر تەرەپلىمە قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بېقىشىڭىزنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا ، گەپ - سۆزگە دىققەت قىلىڭ.

    分享到: