• ئەرلەر ۋە ئاياللار

    2009-04-10

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37687950.html

    ئاياللارنىڭ شوخلۇقى بەزىدە ئەرلەرگە مەغلۇبىيەت ئېلىپ كىلىدۇ ،ئەرلەرنىڭ شوخلۇقى بەزىدە ئاياللارنى يولدىن چىقىرىدۇ .

    ئەرلەردە ۋىجدان،غۇرۇر يوقالغاندا ، ئاياللار ئۆزگىلەردىن بەخىت تىلەشكە مەجبۇر بۇلىدۇ .

    ئاياللارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى تۆكۈلسە ، ئەرلەر باش كۆتۈرەلمەي سۈكۈتتە تۇرىدۇ . ئەرلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى تۆكۈلسە ئاياللارنىڭ تاپا تەنىسىگە قالىدۇ .

    ئاياللارغا كۆرسىتىلگەن ھىسداشلىق چەكتىن ئاشقاندا ، ئەرلەر ئۇلارنىڭ ئەخمەق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ .

    بەزى ئاياللارنىڭ كۆز يېشى ئەرلەرنى شامدەك ئىرىتسە ، كۈلكىسى بەزىدە ئەرلەرنى جېنىدىن جۇدا قىلىدۇ .

    بەزى ئاياللار كىيىم كېچەكنىڭ گىپىنى ۋە غەيۋەت شىكايەت قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆز ئەقىلىنى ئىشقا سالغان بولسا ،ھىچقانداق ئەر نەتىنجە قازىنالمىغان بۇلاتتى .

    بەزى ئاياللار راست نەرسىلەرگە ساختا نەرسىلەرگە ئىشەنگەندەك ئىشەنگەن بولسا ئىدى بىر ئۆمۈر ھىجران ئازابى تارتمىغان بۇلاتتى .

    ئايال كىشىنى غەپلەت باسقاندا ، بەزىدە بارلىقىنى باشقىلارغا ئاتايدۇ . ئەرلەرنى غەپلەت باسقاندا بەزىدە ئاياللارنىڭ ھىيلە مىكىرىگە ئالدىنىپ قالىدۇ .

    بەزى ئاياللارنىڭ مۇھەببىتى نەپرەتكە ئايلانغاندا ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ . بەزى ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتى نەپرەتكە ئايلانغاندا شەيتانغا ئوخشاپ قالىدۇ .

    ئەر ئايالدىن ۋىجدان ، غۇرۇر تەلەپ قىلسا ، ئايال ئەردىن كۆيۈمچانلىق ، مەردلىك تەلەپ قىلىدۇ .

    分享到: