• بىزدە «ھۆرمەت قىلساڭ، ئىززەت تاپىسەن» دەيدىغان گەپ بار. دېمەك، سىز باشقىلارنى ھۆرمەت قىلسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزنى ئىززەت قىلىدۇ. سىز كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، ھۆرمەتلىسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزنى ئەتىۋارلايدۇ، قەدىرلەيدۇ. ‹‹قول قولنى يۇيسا، قول يۈزنى يۇيىدۇ›› دېيىشنىڭ مەنىسىمۇ شۇ.
    ھەر كىم ئادىمىيلىك پەزىلىتى بىلەنلا ھۆرمەتلىنىدۇ ھەم ئىززەتلىنىدۇ. ئادىمىيلىك ئادەمنىڭ پەزىلىتىدە. ئەخلاقلىق ئادەم مەيلى ئىش - ھەرىكەت، گەپ- سۆز، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، تۇرمۇش، كەسپىي ئىشلاردىكى ياخشى پەزىلىتى ئارقىلىقلا باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرەلەيدۇ ھەم باشقىلارنى يېتەكلىيەلەيدۇ، جەمئىيەتتە ئىناۋەت تىكلىيەلەيدۇ.
    ئىجتىمائىيەتتە شۇنداقلارمۇ باركى، ئۇلار باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىشىنى، ئىززەتلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ - يۇ، ئەمما ئۆزى باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەيدۇ. باشقىلار ھۆرمەت قىلسا، تېخىمۇ غادىيىۋېلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. ياش تۇرۇپ چوڭلاردىن تۆر تالىشىدۇ، ھوقۇقىنى پەش قىلىدۇ. ئەمەل - مەنسەپ تۇتقانلارغا بىر خىل، ئادەتتىكى كىشىلەرگە يەنە بىر خىل مۇئامىلە قىلىدۇ. مانا بۇنداقلار ئاسانلا باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ.

  • ھازىرقى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى ھالىتىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق ، ئۇلارنىڭ تاپتىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى بىنۇرمال قىلقلىرىنى كۆرگەن چېغىمىزدا ،ئىچىمىزدە ئۆكۈنمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق.نىمىلا دېمەيلى ، كىلەچىكى ئادەمىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كۆپىچە ھاللاردا ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربيسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى تەلىم - تەربىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇلىنى ئائىلە سالىدۇ. چۈنكى بالىنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى ۋە خاراكتىر پىسخىكىسى ئائىلىدە شەكىللىندۇ ۋە تۇراقلىشىدۇ. ئائىلە بالىلارنىڭ پۇتكۈل ھاياتىغا ئاساس سالىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ،مەكتەپ تەربىيسى بولسا ئۇنىڭ داۋامى ۋە تولۇقلىمىسى.

  • ئەگەردە ئەخلاقسىزلىق ۋە جىنايەتلەر مۇشۇ ھالەتتە يامىراپ كېتىۋەرسە كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئۇلار بىزنى نىمە دەپ قاغار؟ بىزدىن قانداق نەپرەتلىنەر؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى تۇنۇش ۋە تۈزەش، ئاندىن ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش بىلەن پەرزەنلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئائىلىدە بار بولغان ئەنئەنىۋى ھۈنەر كەسىپلەردىن بازارغا ماس كەلگەندىن تارتىپ دەۋر تەرەقىياتىدا يوقۇلۇش، ئۇنتۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھۈنەر كەسىپ بولغان تەقدىردىمۇ، ھەممىسىنى باللىرىمىزغا تۇلۇق ئۆگىتىپ بولۇپ، ئاندىن باشقا ھۈنەر كەسىپ ئۈگىنىشكە بېرىش؛ پۇرسىتى كەلگەندە بۇ ھۈنەر كەسىپلەرنىڭ ئىقتىسدى ئۈنۈم يارىتىشىغا ئاساس سېلىپ، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ پۇل تاپالايدىغان، تاپقان پۇلنى ئەھمىيەتلىك ھەم ئۆز ئورنىغا خەجلىيەلەيدىغان؛ مەبلەغ سالالايدىغان؛ پۇلغا باغلىنىپ قالىدىغان، پۇلغا خىزمەت قىلىدىغان بولماستىن، پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان، زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇندىن ئىبارەت قۇدرەتلىك قورالدىن پايدىلنالايدىغان؛ زامانىۋى ئاڭغا ئىگە بىر ئەۋلات كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقساق،

  • 1- كۆرۈنۈش
    ئانا- رېستۇراندا باشقا ئەر بىلەن نازلىنىپ تانسا ئوينىماقتا،ئاتا- شۇ رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا كۆڭۈل ئاچماقتا،
    پەرزەنت- مۇزدەك سوغۇق پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىمەكتە!!!
    2- كۆرۈنۈش
    يېزا يولىدا بىر ئانا يۈرىكىنى مۇجۇقلىغىنىچە ياتماقتا،چۈنكى بايىلا قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىنى يۇلۇپ ئېلىۋالغان ئوغرى دەل ئۇنىڭ
    ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىگە ئون نەچچە يىل بولغان ئوغلى ئىدى.
    3-كۆرۈنۈش
    80ياشلاردىكى بېلى مۈكچەيگەن بوۋاي ھارۋىسىدىكى سېتىلمىغان يېسىۋىلەكلەرگە قاراپ كىچىك بالىدەك ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى،چۈنكى ئۇ يالغۇز
    نەۋرىسىگە پايپاق ئالغاچ كېلىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى. 

  • يۈزە تەتقىق قىلىپ قويۇشقا لايىق بىلىملەرمۇ، ئاز-تۇلا بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك بىلىملەرمۇ بار. پەقەت ئازساندىكى كەسپى بىلىملەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ۋە يىپىدىن -يىڭنىسىگىچە بىلىشكە توغراكىلىدۇ.شۇڭا،بەزى كىتابلارنىڭ بىر قىسمىنى، بەزى كىتابلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئۇقۇشلا كۇپايە،ئازساندىكى ياخشى كىتابلارنى قېتىرقىنىپ تەكرار ئوقۇش كېرەك.
    بەزى كىتابلارنى باشقىلار ئوقۇپ چىقسا، ئۇنىڭ خاتىرسىنى ئۇقۇپ چىقسىڭىزلا بولىدۇ لىكىن بۇنداق قىلىش مۇلاھىزىسى ئانچە مۇھىم بولمىغان كىتابلار بىلەنلا چەكلىنىشى كېرەك.

  • ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ قانداق بولىشى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانداق بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر . شۇنداق ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردىن تۈزۈلگەن بىر جەمئىيەتتۇر ، مانا ئەمدىلىكتە مۇشۇ جەمئىيەتتىكى ئائىلىنىڭ رولى ، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ئويلىشىپ كۆرىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى . بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە شۇنچىلىك ياخشى كۈنلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ بىر تۈركۈم ئىدىيىسى تۇراقسىز ، پۇرسەتپەرەس ، مەسئۇلىيەتسىز ، دىيانەتسىز كىشىلەر جەمئىيەت تەرتىۋىنى ، خەلقىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى بۇزۇپ، ناچار قىلمىشلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزگە ، مىللىتىمىزگە تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە ، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن شەكىللەنگەن كىرىزىس مىللەتنىڭ كېلىچىگىگىلا ئەمەس بۈگۈنى ئۈچۈنمۇ زور خەۋپلەرنى كەلتۈرمەكتە ، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ۋە ئۇچۇرلار ئارقىلىق، بۇ جەھەتتىكى جۈملىدىن بىزنىڭ ئائىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى ، ئائىلە ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشى ، بۇنىڭ ئائىلىگىلا ئەمەس پۈتكۈل مىللەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ھەققىدە پاكىتلىق مۇلاھىزىلىرىمنى سۇنماقچىمەن .