• بىر قانچە قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ رەڭلىك سورۇندا ئولتۇرۇپ، ئېسىل شاراب ۋە ھەرخىل ھالالمۇ، ھاراممۇ بىلگىلى بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ-ئىچىپ، « ئاللا، بەرگەن نازۇ-نېمەتلىرىڭگە كۆپ رەھمەت» دەپ دۇئا قىلىۋاتقىنىغا توۋا دەيمەن.
    چاچلىرىنى، تىرناقلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈۋېلىپ، قۇلاقلىرىغا ھالغا ئېسىۋالغان يىگىتلىرىمىزگە توۋا دەيمەن.باشقىلارنىڭ بەختلىك ئائىلىسىنى بۇزىۋاتقان، بالىلارنى يىتىم قىلىۋاتقان، ئىچىدىن زەھەر تامىدىغان ھەسەتخور كىشىلەرگە توۋا دەيمەن.ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن شۇنچىلىك ياخشى تەربىيە ئالغان، غورۇرلۇق دەپ ئويلىغان شۇ قىزنىڭ، بىر ھاراقكەش، تىلى شېكەر، دىلى زەھەر، قىزلارنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدىغان يىگىتنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۆزىنىڭ ئاللىبۇرۇن غورۇرىنى يوقۇتۇپ بولغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەي يۇرىۋاتقانلىقىغا توۋا دەيمەن.ئەكسىچە، ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان ئاقكوڭۈل، ئېغىر-بېسىق يىگىتلەرگە، بىرەر قىزنىڭمۇ كۆڭلى چۈشمەيۋاتقىنىغا توۋا دەيمەن.« مودا » دەپ ھەرخىل ياسىنىپ، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ « سودا » بولىۋاتقىنىنى بىلمەيۋاتقان قىزلىرىمىزغا توۋا دەيمەن.