-
خاتىرەمدىكى بىر قىز - [شىئېرلار]
2011-07-21
خاتىرەمدىكى بىر قىز
خاتىرەمدىكى بىر قىز
قىيىن دەرىخىدەك ياش ھەم ئېگىز!
شاماللىرى ئېتەكلىرىدە
ئېتىكىدە دۇلقۇنلار دېڭىز -
ئۈرۈمچىدە بىر كۈن
2011-07-19
ئۈرۈمچىدە بىر كۈن
سۇغۇق يوللار يەنە قاراڭغۇ
ئاپئاق رەڭلەر مۇزدەك شۇقەدەر
بىر تۈپ دەرەخ ئېرغاڭشىپ تۇرار
ئېرغاڭشىيدۇ گويا بۇ شەھەر
ئاتام مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ
...يەرگە باقتى شۇنداق پەرىشان -
يېشىل
-
كېچىگە يېزىلغان خەتلەر{ئەتتار يازمىلىرى} - [ئەتتارنىڭ يازمىلىرى]
2011-07-14
بىر دەرەخ بىر ئايال بولار ئېدى كۈتسەم ئېدىم، سېنى كۈتكەندىن؛
بىر تامچە بىر دېڭىز بولار ئېدى كۈتسەم ئېدىم، سېنى كۈتكەندىن؛
بىر زەڭگەر كىپىنەك بىر ئاسمان بولار ئېدى كۈتسەم ئېدىم، سېنى كۈتكەندىن؛
سېنى كۈتتۈم، بىر ئەر بىر دەرەخكە ئايلاندى؛ بىر دېڭىز بىر تامچىدەك قۇرۇدى؛ بىر ئاسمان بىر كېپىنەكتەك زەڭگەر قاناتلىرىدىن ئايرىلدى، جېنىم ، سېنى كۈتسەم... -
مېنىڭ ئېدى ھېلىقى ئايال{ئەتتاريازمىلىرى} - [ئەتتارنىڭ يازمىلىرى]
2011-07-14
مەن دەرەخلەرنى تەسۋىرلىدىم ، دەرەخلەر ئەسلى بىر ئايال ئېدى؛
مەن كۆللەرنى سىزىپ چىقتىم ، كۆللەر ئۇ ئايالنىڭ كۆزى ئېدى ؛
مەن باغۋەن بولدۇم، گۈل تېرىدىم ، ھەمدە ئۇ ئايال ئۈنۈپ چىقتى ؛
مەن جاھاننى تەرك ئېتىپ يىراق بىر جايغا ماكانلاشتىم ، ھەمدە ئۇ ماكان بىر ئايالنىڭ خىيالى ئېدى؛
مەن بېلىقچىدەك ئولتۇرۇپ قۇرۇق قول قارمىقىمنى سۇغا تاشلىدىم ، ھەمدە مېنى بىر سۇ پەرىسىدەك ئايال بىر تال بىلىقتەك ئىلىندۇرىۋالدى؛
چوڭقۇر تىندىم ، ھەمدە ئۇ تىنىق بىر ئايالنىڭ ئىسمىغا ئايلاندى؛
شۇندىن بېرى تالاي كۈيلەرنى ئىجاد قىلدىم ، تالاي ناخشىلارنى يازدىم ، تالاي ياشلارنى تۆكتۈمكى...سىزدىن باشقا ئايال كەلمىدى،كۈز غازاڭلىرىدەك رەڭدار ھاياتىمغا...
-
سۈرىيە سۆيگۈ لېرىكىلىرى - [چەتئەل ئەدەبىياتى]
2011-07-14
سۆيگۈ لېرىكىلىرى
(ئەرەبچىدىن
ئە. ئوسمان تەرجىمىسى)
داۋاملىق
رىياد
سالىھ ئەلھۈسەيىن (1954 -- 1982)
مەن سېنىڭ ئۆپكەڭدىكى
ئاتموسفىرا
ھەم دەريالار كۆڭلىكىڭدىكى. -
يېسنىن شېئىرلىرى - [چەتئەل ئەدەبىياتى]
2011-07-14
ئالتۇن رەڭ دەرەخزار تىمتاس شۇ قەدەر،ئاق قىيىن سۆزلىمەس بۇندا شاد _ خۇرام.
تۇرنىلار پەرىشان كەتتى يىراقلاپ،
كىمدىندۇر مېھرىنى ئۈزەلمەي تامام.
قىيالماس ئايرىلىپ كېتىشكە كىمدىن،
ئىنسانلار دۇنياغا مېھمانغۇ پەقەت!
سىردىشىپ كۆكتىكى تۇلۇن ئاي بىلەن،
كەندىرلىك سېغىنار ھەممىنى قەۋەت. -
شامالغا يازغان خەتلىرىم{1} - [سۈرەتلەر]
2011-07-13
ئادرىسىڭ يوق،ئەمما خەت يازىمەن..
ياخشىمۇسەن قەدىرلىكىم!
بۈگۈن ھاۋا بەكلا ئىسسىق!ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا دىيىشىچە 46سېلتسىيە گىرادۇس بولغۇدەك..ئۇف،ھازىر تىخى سائەت سەككىز بولمىدى،كۈن بولسا شۇنداق ئىسسىق!ھويلىدا ئولتۇرۇپ تەر دىگەن قوي... -
بىر تېمىمدۇر قىزىل رەڭ دىگەن - [سۈرەتلەر]
2011-07-12
ھازىر كەچ سائەت ئەمدى تېخى تۈن بولغاندەك قىلسىمۇ...مېنىڭ قاتتىق ئۇيقۇم كېلىۋاتىدۇ..تۇرۇپلا ھېلىقىلارنىڭ رەسۋاچىلىقلىرىدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ بىرمۇ قېتىم قېنىپ باقمىغىنىمنى مانا ھازىر تۇنجى قېتىم ھىس قىلىۋاتماقتىمەن؛
ھايات بەزىدە ھېچنىمىدەك تۇ... -
غۇلجىلىق ئايال - [شىئېرلار]
2011-07-11
يۇپۇرماقلار چۈشەر ئۈزۈلۈپ
غۇلجىلىق ئايال ئاچسا كۆزىنى
تاڭ ئاتىدۇ يۇلتۇز سۈزۈلۈپ!قوياش چىقار ئوچاق بېشىدىن،
كالا سۈتىنىڭ يىقىملىق ھىدى
شاماللارنى لەپەڭلەتكەنچە
سورىلىدۇ ئۇنىڭ قولىدىن. -
قەشقەر،قەشقەر سۈيۈملۈكۈمسەن
قەشقەر دىگەن پىچاق ئاسقان ئەر
ئۇيغۇر قېنى تۇمۇرلىرىدا
كۇۋەجىگەن ھەرقانداق ئۇيغۇر
دىدارىڭنى كۆرمەكنى ئىستەر! -
ماۋزۇسى يوق بىر شېئىر - [شىئېرلار]
2011-07-06
كۈن ئۆتمەكتە ئاستا لەپىلدەپ،
سەن ياغماقتائاستا لەپىلدەپ
كۆمۈلمەكتە قەلبىم قىشتىكى
قېلىن-قېلىن جىمجىت قارلاردەك
-
سېنىڭ قاردەك قارا يۈرىكىڭ - [ئەتتارنىڭ يازمىلىرى]
2011-07-06
سېنىڭ قاردەك قارا يۈرىكىڭ
بەلكىم شۇنداق كۈلكىلىك بىلىنەر
سۆيگۈ ئۆلگەن مۇشۇ كۈنلەردە
سۆيگۈ ئۆچۈن بىرەر شېئىر يىزىش!
مەن كېچەڭگە يۈلىنىپ تۇرۇپ
شېئىر يازدىم يەنىلا ئەي قىز!
-
سېرىق دەريا
2011-07-05
سېرىق دەريا
سېرىق دەريا كۆيەر لاۋۇلداپ،
سۇ قۇشلىرى كۆيەر لاۋۇلداپ،
كۆيەر يەنە جىمجىت بەك جىمجىت
ئاخشامدىكى غۇۋا سۆرەتلەر
ھەم بىز ئېيتقان ھېلىقى ناخشا
نامازشامدەك مەغرۇر چېچەكلەر.
-
بىۋاپا vefasiz
2011-06-09