-
سېنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەردە - [شىئېرلار]
2012-02-10
سېنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەردە
سېنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەردە
تۇتاشقانتى يەر بىلەن ئاسمان
ئىككىمىزنىڭ شېرىن ئۈنلەردە
ۋىلىقلايتتى ياپيېشىل ئارمان
سەن كۆيەتتىڭ يۇلتۇزدەك ، تۈندەك
ئاۋازىڭدا كۆكۈچ رەڭ يالقۇن
-
قۇشتەك يەڭگىل - [شىئېرلار]
2011-10-10
بىزنىڭ يولىمىز بىر ئەمەس
قۇياش چىققاندا
بىزنىڭ يولىمىز بىر ئەمەس
پەقەت كۈن پاتاي دىگەندە ئاندا – ساندا ئۇچرىشىپ قالىمىز
-
بىر ئايدىڭ كېچىنىڭ ئېدى - [شىئېرلار]
2011-09-05
بىر ئايدىڭ كېچىنىڭ ئېدى
ئاينىڭ نۇرى يېرىم مەستچىلىك
ئاينىڭ نۇرى..شېرىن سەتچىلىك!
ئاينىڭ نۇرى مۇزدەك ھەم چوڭقۇر
شېئىر يازالماس جېنىم سەنچىلىك! -
تېلىفون كۈتۈش - [شىئېرلار]
2011-08-24
تېلىفون كۈتۈش
ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان نەرسىسىدىن
ئېلىپ كېتىدىغىنى كۆپتۇر ئېھتىمال
-
رەڭ ھەققىدە - [نەسىرىي ئەسەرلەر]
2011-08-22
رەڭ ھەققىدە
رەڭلەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن،ياخشى كۆرۈپ، ياخشى كۆرۈپ زېرىكىپ كېتىمەن،ئاندىن رەڭسىز، رەڭسىز ياشايمەن،رەڭسىزلىكتىكى رەڭسىزلىك جېنىمنى چىقىرىدۇ،ئاندىن بۇ رەڭسىزلىكلەرنى باشقىچە رەڭلەر بىلەن رەڭلەپ چىقىمەن،ئاندىن يايرايمەن،ئاندىن زادى كۈڭلۈمدىكىدەك بولماي قالىدۇ...مېنى ھاياجانلاندۇرغان نەرسىلەر تولىمۇ مەنىسىز بىرنېمىلەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ،ئەمما مەن رەڭلەرنى تولىمۇ سۆيىمەن!
-
كۇنسۇل كوچىسى ـ سەھەر سائەت سەككىز - [شىئېرلار]
2011-08-22
ئەتىگەن سائەت سەككىز
پەلەمپەيلەر ياتار سوزۇلۇپ
ئاياق مايلايدىغان بالىدىن ئۆتتۈم
يەر ئاستى يوللىرى ئۇزاقتىن ئۇزاق
تۇيۇقسىزلا غەش بولدى كۆڭلۈم...
-
كۈيلەر ئەۋجى - [شىئېرلار]
2011-08-22
كۈيلەر ئەۋجى
ۋاقىت ئىنتايىن ئاستا ئۆتمەكتە
تۇتۇۋېلىنماي قېلىشتىن شۇنداق ئەنسىرىدىم
بارمىقىمغا قاراپ ئولتۇرۇپ
سىزىقلارنى بىر- بىر سانىدىم....
-
تولدۇرۇلغان ۋاقىتلار - [نەسىرىي ئەسەرلەر]
2011-08-21
تولدۇرۇلغان ۋاقىتلار
ھەممىسى سېنىڭ ۋاقتىڭ،ھەممىسى بۇيرۇپ بېرىلگەن،ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاقىتلار..
ئەڭ كىچىك بىرلىكلىرىگىچە،ئەڭ كىچىك بوشلۇقلىرىغىچە...ھەممىسى توشقۇزۇلغان ۋاقىت! -
مەن سېنى سېغىندىم - [شىئېرلار]
2011-08-21
مەن سېنى سېغىندىم
قۇشلارمۇ باھارنى سېغىنماس بۇنچە
مەن سېنى شۇنچىلىك سېغىندىم جېىنىم... -
ئانا
كېتىۋېتىپ قارنىڭ ئۈستىدە،
يادىڭىزغا يېقىلدىم يەنە.
يىغلىۋەتتىم شۇنداق تۇيۇقسىز
ئىسمىڭىزنى چاقىرىپ ئانا.
-
مەيلىڭنى ماڭا بەر - [نەسىرىي ئەسەرلەر]
2011-08-20
مەيلىڭنى ماڭا بەر
نۇرغۇن كىشىلەردىن ئاڭلايمەن،ئەمما زادى ياخشى كۆرمەيمەن.ئەجىبا مېنىڭ مەيلىم بارمىدى؟
ھاياتتىكى نۇرغۇن ئىشلار مېنىڭ مەيلىم بويىچە ماڭمايدۇ؛مەن ئۆز مەيلىم بويىچە ياشىيالمايمەن،مەيلىم بويىچە ماڭالمايمەن،نۇرغۇن نەرسىلەر مېنى چەكلەپ ياكى تارتىپ تۇرىدۇ،ئۇلارنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلسام دەيمەن.يولىدىن قېچىپ چىققان بىرەر ئاسمان جىسىملىرى قانداق بەختلىك!؟ مەيلى ئېدى شۇنىڭدەك سوقۇلۇپ كۈكۈم -تالقان بولۇپ كەتسەممۇ،مەيلى ئېدى ھاۋانىڭ سۈركىلىش تەسىرىدىن كۈيۈپ يوقاپ كەتسەممۇ..ئەمما ماڭا ئۇنداق بەخت،ئۇنداق مەيل نەدە تۇرۇپتۇ..بوينۇمدىن باغلاقلىقمەن،باغلاقلىق -
دەردتىن چىقىش - [شىئېرلار]
2011-08-06
دەردتىن چىقىش
نېمىشقا ئارقا-ئارقىدىن شۇنداق بولىدۇ؟
نېمىشقا ئارقا -ئارقىدىن ئېقىپ كېتىدۇ؟
نېمىشقا؟
توزۇپ كېتىدۇ ئارقا ئارقىدىن؟
ھېلىقى مەن يىرگىنىدىغان نائەھلى ئۇ گۈل؟ -
ئاپامنىڭ توققۇز بالىسى - [شىئېرلار]
2011-07-28
ئاپامنىڭ توققۇز بالىسى
ئاپا ،مەن دائىم يالغۇز يۈرىمەن
چېچىڭىزغاچۈشكەن ئاقتەك
بەك مۇڭلۇق يۈرىمەن.
... -
ئەلانۇرخان - [شىئېرلار]
2011-07-25
ئەلانۇرخان
قەدىمى ناخشىلارنىڭ ئىچىدىن چىقىپ
لاۋۇلدايدۇ نۇردەك ،يۇلتۇزدەك
ئەلانۇرخان،جان ئەلانۇرخان
-
يامغۇر بەك ياغدى - [شىئېرلار]
2011-07-22
نەمخۇش شامال ئەجەپ يېقىملىق
ئېتىكىمدەك تۇرار يەلپۈنۈپ
دېرىزەڭنىڭ ئالدىدا ھازىر
تۇردۇڭمىكىن ياكى تەلپۈنۈپ
...