-
رەڭ ھەققىدە - [نەسىرىي ئەسەرلەر]
2011-08-22
رەڭ ھەققىدە
رەڭلەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن،ياخشى كۆرۈپ، ياخشى كۆرۈپ زېرىكىپ كېتىمەن،ئاندىن رەڭسىز، رەڭسىز ياشايمەن،رەڭسىزلىكتىكى رەڭسىزلىك جېنىمنى چىقىرىدۇ،ئاندىن بۇ رەڭسىزلىكلەرنى باشقىچە رەڭلەر بىلەن رەڭلەپ چىقىمەن،ئاندىن يايرايمەن،ئاندىن زادى كۈڭلۈمدىكىدەك بولماي قالىدۇ...مېنى ھاياجانلاندۇرغان نەرسىلەر تولىمۇ مەنىسىز بىرنېمىلەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ،ئەمما مەن رەڭلەرنى تولىمۇ سۆيىمەن!
-
كۇنسۇل كوچىسى ـ سەھەر سائەت سەككىز - [شىئېرلار]
2011-08-22
ئەتىگەن سائەت سەككىز
پەلەمپەيلەر ياتار سوزۇلۇپ
ئاياق مايلايدىغان بالىدىن ئۆتتۈم
يەر ئاستى يوللىرى ئۇزاقتىن ئۇزاق
تۇيۇقسىزلا غەش بولدى كۆڭلۈم...
-
كۈيلەر ئەۋجى - [شىئېرلار]
2011-08-22
كۈيلەر ئەۋجى
ۋاقىت ئىنتايىن ئاستا ئۆتمەكتە
تۇتۇۋېلىنماي قېلىشتىن شۇنداق ئەنسىرىدىم
بارمىقىمغا قاراپ ئولتۇرۇپ
سىزىقلارنى بىر- بىر سانىدىم....
-
تولدۇرۇلغان ۋاقىتلار - [نەسىرىي ئەسەرلەر]
2011-08-21
تولدۇرۇلغان ۋاقىتلار
ھەممىسى سېنىڭ ۋاقتىڭ،ھەممىسى بۇيرۇپ بېرىلگەن،ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاقىتلار..
ئەڭ كىچىك بىرلىكلىرىگىچە،ئەڭ كىچىك بوشلۇقلىرىغىچە...ھەممىسى توشقۇزۇلغان ۋاقىت! -
مەن سېنى سېغىندىم - [شىئېرلار]
2011-08-21
مەن سېنى سېغىندىم
قۇشلارمۇ باھارنى سېغىنماس بۇنچە
مەن سېنى شۇنچىلىك سېغىندىم جېىنىم... -
ئانا
كېتىۋېتىپ قارنىڭ ئۈستىدە،
يادىڭىزغا يېقىلدىم يەنە.
يىغلىۋەتتىم شۇنداق تۇيۇقسىز
ئىسمىڭىزنى چاقىرىپ ئانا.
-
مەيلىڭنى ماڭا بەر - [نەسىرىي ئەسەرلەر]
2011-08-20
مەيلىڭنى ماڭا بەر
نۇرغۇن كىشىلەردىن ئاڭلايمەن،ئەمما زادى ياخشى كۆرمەيمەن.ئەجىبا مېنىڭ مەيلىم بارمىدى؟
ھاياتتىكى نۇرغۇن ئىشلار مېنىڭ مەيلىم بويىچە ماڭمايدۇ؛مەن ئۆز مەيلىم بويىچە ياشىيالمايمەن،مەيلىم بويىچە ماڭالمايمەن،نۇرغۇن نەرسىلەر مېنى چەكلەپ ياكى تارتىپ تۇرىدۇ،ئۇلارنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلسام دەيمەن.يولىدىن قېچىپ چىققان بىرەر ئاسمان جىسىملىرى قانداق بەختلىك!؟ مەيلى ئېدى شۇنىڭدەك سوقۇلۇپ كۈكۈم -تالقان بولۇپ كەتسەممۇ،مەيلى ئېدى ھاۋانىڭ سۈركىلىش تەسىرىدىن كۈيۈپ يوقاپ كەتسەممۇ..ئەمما ماڭا ئۇنداق بەخت،ئۇنداق مەيل نەدە تۇرۇپتۇ..بوينۇمدىن باغلاقلىقمەن،باغلاقلىق -
دەردتىن چىقىش - [شىئېرلار]
2011-08-06
دەردتىن چىقىش
نېمىشقا ئارقا-ئارقىدىن شۇنداق بولىدۇ؟
نېمىشقا ئارقا -ئارقىدىن ئېقىپ كېتىدۇ؟
نېمىشقا؟
توزۇپ كېتىدۇ ئارقا ئارقىدىن؟
ھېلىقى مەن يىرگىنىدىغان نائەھلى ئۇ گۈل؟ -
ئائىشە - [ناخشا - مۇزىكىلار]
2011-07-31
-
ئىككى غەزەل - [شىئېرلار]
2011-07-31
غەزەل
جۇنۇن ۋادىسىغا مايىل كۆرەرمەن جانى زارىمنى،
تىلەيمەن بىر يولى بۇزماق،بۇزۇلغان روزىگارىمنى.
فەلەك بىدادىدىن گەرچە مەنى خاكى غۇبار ئولدۇم،
تىلەرمەن تاپماغايلەر تۇتىيالىققە غۇبارىمنى.
-
مەشرەب غەزەللىرى - [شىئېرلار]
2011-07-30
مەشرەب غەزەللىرى
(1)
نەمەنگان شەھىرىدىن كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
غېرىبلىق شەھىرىدە يۈرسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
قېنى قەۋمۇ قارىنداشىم، بۇ يولدا بولسا يولداشىم،
كۆزۈمدىن ئاققۇزۇپ ياشىم، مېنى يوىلار كىشىم بارمۇ؟
مۇھەببەت شەربەتىن ئىچتىم... -
زەلىلى ئەسەرلىرىدىن - [شىئېرلار]
2011-07-30
مۇخەممەس
يۈزۈڭگە بىخۇدانە سەجدە قىلدىم،بىرىيا دەرلەر
ئولۇغلۇق ھۆرمىتىدىن ئاستانەڭ كىبرىيا دەرلەر
يۈزۈم كۆرگەچ بۇ تۇپراق ئۆزرە نەقشى-بورىيا دەرلەر
قارا قاشىڭنى ئەي زالىم،كۆرۈپ ئىشق ئەھلى ھا دەرلەر
داغى ئول ئەنبەر ئەفشانەڭ تۈتۈن يا ئەجدىھا دەرلەر -
ئاپامنىڭ توققۇز بالىسى - [شىئېرلار]
2011-07-28
ئاپامنىڭ توققۇز بالىسى
ئاپا ،مەن دائىم يالغۇز يۈرىمەن
چېچىڭىزغاچۈشكەن ئاقتەك
بەك مۇڭلۇق يۈرىمەن.
... -
ئەلانۇرخان - [شىئېرلار]
2011-07-25
ئەلانۇرخان
قەدىمى ناخشىلارنىڭ ئىچىدىن چىقىپ
لاۋۇلدايدۇ نۇردەك ،يۇلتۇزدەك
ئەلانۇرخان،جان ئەلانۇرخان
-
يامغۇر بەك ياغدى - [شىئېرلار]
2011-07-22
نەمخۇش شامال ئەجەپ يېقىملىق
ئېتىكىمدەك تۇرار يەلپۈنۈپ
دېرىزەڭنىڭ ئالدىدا ھازىر
تۇردۇڭمىكىن ياكى تەلپۈنۈپ
...