كۆرۈش: 14569|ئىنكاس: 9

كومپىيۇتىرنى بۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2596
تۆھپە
1347
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 04:03:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيۇتېرنى بۇزۇشنىڭ ئۇسۇللىرى
كومپىيۇتىردىن زىرىككەنلەر ئۈچۈن دەششەت تىمىدىن بىرنى ئىلىپ كەلدىم، ئەمدى كومپىيۇتىرنى بۇزالماي يۈرگەنلەرنىڭ ئىشى ئاسان بولىدۇ .

كومپيوتېرنى قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشىدىغان يەردە ئىشلىتىڭ. پار، مەش… دېگەندەك ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرىگە يېقىن يەردە ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ئەڭ ياخشىسى ئەتراپنىڭ ئازراق ھۆل، نەم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.

كومپيوتېرىڭىزنى ئەتكەندە، ئاۋارە بولۇپ ”باشلاش“ تىزىملىكىدىن ”كومپيوتېرنى ئۆچۈرۈش“ نى تاللاپ ئۆچۈرۈپ يۈرمەڭ، بىۋاسىتە Power كونۇپكىسىنى بېسىپلا ئۆچۈرۈڭ. ئۆچۈرۈپ بولۇپلا، دەرھال قايتا كومپيوتېرىڭىزنى قوزغىتىڭ.

كومپيوتېرىڭىزنى ئىشلىتىۋاتقاندا توك كەتسە، كومپيوتېرنى ئېتىپ يۈرمەڭ، توك كەلگەندە ئېلىكتىر بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئېكراندىكى غەلىتە رەسىملەر، ئانا تاختىدىن چىققان غەلىتە ئاۋازلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ”ئەجەب قىزىقكەن“ دەپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.

كومپيوتېرنى قويغان ئۈستىلىڭىز مۇستەھكەم بولۇپ كەتمىسۇن. بۇنداق بولغاندا ھەر قېتىم كونۇپكا باسقىنىڭىزدا لەپەڭشىپ، چىڭراق باسىسىز، نىشانغىمۇ بالدۇر يېتىسىز.

ئانا تاختىنى تامغا يېقىن، ھاۋا ئالماشتۇرۇش تۆشۈكچىلىرىنى تام توسۇۋالغۇدەك دەرىجىدە يېقىن ئورۇنلاشتۇرۇڭ، بۇنداق بولغاندا كومپيوتېرنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق، ۋە كېرەكسىز ئىسلارنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كومپيوتېرىڭىزنىڭ ئىللىق ھالىتىنى ساقلىيالايسىز.

ئېكرانىڭىزدا بىر رەسىمنى چىقىرىۋېلىپ، نەچچە سائەتكىچە ئۆزگەرتمەڭ، (رەسىم قانچە رەڭلىك بولسا شۇنچە ياخشى) بۇنداق بولغاندا ئېكرانىڭىزنىڭ رەڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمى يۇقىرىلاپ، سىز كومپيوتېرنى ئېتىۋەتكەندىمۇ شۇ رەسىمنى كۆرەلەيدىغان بولىسىز.

كومپيوتېرىڭىزنىڭ توك سىملىرىنى ئۇلىغاندا يەر سىمى ئىشلەتمەڭ. باشقا ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى بىلەن بىرلىكتە يەر سىمىسىز بىر توك مەنبەسىگە چېتىپ ئىشلەتسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

كىچىك ئىنى-سىڭىللىرىڭىز، ياكى بالىلىرىڭىز بولسا، كومپيوتېرىڭىز بار ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئادەتتە ئوچۇق قويۇڭ. كومپيوتېرىڭىزنىڭ ئەتراپىغا پارچە-پۇرات پۇل، ئويۇنچۇق بىرنەرسىلەرنى قويۇپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.

كومپيوتېرىڭىزنىڭ تور كارتىسى، ئاۋاز كارتىسى… دېگەندەك ئانا تاختىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان كارتىلارنى پات-پات چىقىرىپ، ”ھاۋالاندۇرۇپ“ تۇرۇڭ. ئەلۋەتتە، تۆت قىرلىق ئەتۋىركە تاپماق دائىم ئاسان ئەمەس، شۇڭا خالىسىڭىز ئانا تاختىڭىزنى ئوچۇق قويۇڭ. بۇنداقتا بەك قولايلىق بولىدۇ. بولسا ئانىڭىزغا تاپىلاپ قويۇڭ، شىرەلەرنى، ئوچاق بېشىلىرىنى سۈرتكەندە كومپيوتېرىڭىزدىنمۇ بىر خەۋەر ئېلىپ قويسۇن.

ئەگەر بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىنى سىنىسىڭىزمۇ كومپيوتېرىڭىز يەنە جاھىللىق بىلەن ئىشلەۋەرسە، ئامال يوق، ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى قوللىنىڭ: كومپيوتېرىڭىزنى كۆتىرىپ دېرىزىدىن تاشلاپلىۋېتىڭ.



قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2238
تۆھپە
1651
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 11:20:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى تىمىكەن، كومپىيۇتىر ئاسراشنىڭ ئەپلىك چارىسىكەن. ياخشى تىمىڭىزغا رەھمەت.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1274
تۆھپە
534
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 11:37:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۆزگىچە چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىكەن، بەلكىم ...نى قىلماڭ، دىگەندەك چۈشەندۈرۈشلەر بولغان بولسا چوقۇم ئۇنتۇپ كىتەتتىم، بىلىۋالدىم رەھمەت سىزگە. ئىكرانغا ئابدۇللا ئابدۇرىھم ئاكىمىزنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويغىلى ھەپتە بوپتۇ، دەرھال ئۆزگەرتىۋىتەي...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2352
تۆھپە
1225
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 12:29:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز بىلىۋالدىم


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
450
تۆھپە
222
UID
3842

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 12:46:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان گەپكەن، مەنغۇ بۇزۇلغاي دېمەيتىم. ئەمما ئېكران رەسىىمىنى ئالماشتۇرمىغىلى ئۇزۇن بوپ كېتيپتۇ، ئالماشتۇرىۋالاي.
  قەشقەرلىقنىڭ تەنە گەپلىرىدىنمۇ بەكرەك ئۆتەپ كېتىپتۇ ما گەپلەر، چوقۇم ئاسرايمىز!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 16:05:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلۋالدىم.....


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەيسەر ئابدۇكېرەم
تىللا
758
تۆھپە
213
UID
515
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 18:25:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان چارىلەر ئىكەن!!!!!!!


Rank: 4

ئىسىمى
قۇربانجان
تىللا
381
تۆھپە
204
UID
4954
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 16:35:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دىگەندەك قىلىپ ئاۋەرە بولغاندىن كومپېيوتېرغا 4كۈندە بىر سستىما قاچىلاپ بەرسە تىزلا بۇزلۇش ئۈنىمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلدۇ


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
bilal
تىللا
344
تۆھپە
39
UID
5891
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 23:38:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئىزدىنىپسىزدە.....


Rank: 2

ئىسىمى
مۇھەممەت
تىللا
156
تۆھپە
39
UID
2822
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 15:22:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە ئۇسسۇللاركەنغۇ بۇلار ،رەھمەت تېما ئىگسىگە جاپاچەكتىڭىز....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-31 00:48, Processed in 0.082609 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991