كۆرۈش: 7259|ئىنكاس: 9

مېيىپ لۈكچەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
126
تۆھپە
41
UID
1784
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 19:25:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېيىپ لۈكچەك


تاھىرجان نىياز



ــ قاراڭلا ئاۋۇ مۇتىھەم يۇرتدېشىڭلارغا،ھېلى تېخى سىلە ئىچ ئاغرىتىپ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ ھەم بىزنىڭمۇ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇشىمىزنى ئۆتىنىۋاتاتتىڭلار،ئەمدى نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭغا بېرىدىغان بىر پۇڭۇممۇ يوق.بېرىپ شاپىلاقتىن نەچچىنى«سەدىقە بېرەي»دېسەم مېيىپ ئىكەن،ئەل-جامائەت زاڭلىق قىلغۇدەك،ھەي...!!بولدى كېتەيلى.
       مەن دوستۇمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇ ئىشارە قىلغان تەرەپكە قارىسام ،سودا بازىرى ئىچىدە دوستۇم ماڭا دوق قىلىپ دەۋاتقان «مېيىپ يۇرتلۇقۇم» مېيىپلار ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ كېلىپ، تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرغان بىر موماينى تىللاپ ، دۈشكەلەپ،يۈزىنى يېپىۋالغان چۈمبىلىنىمۇ چۆرىۋېتىپ ،ئۇ موماينىڭ يېلىنغىنىغىمۇ ئۇنىماي«بۇ يەردىن يوقال!»دەپ قوغلىغىلى تۇرۇپتۇ.قاراپ تۇرساق ئۇ مېيىپ يىگىت موماينى سودا بازىرىنىڭ سىرىتىغا چىقىرىۋەتتى.موماي چۈمبىلىنى قايتا ئارتىپ يىغلىغىنىچە كېتىپ قالدى.ئەتىراپتا تۇرغان ھەممىمىز ئۇ مېيىپ يىگىتنىڭ ئۆكتەملىكىگە لەنەت ئوقۇشتۇق،بىر قىسىم كىشىلەر ئاچچىقىدا«خۇدايىم ھەممىنى تەڭشەپ بېرىدىكەن»دېيىشىۋاتاتتى.بىراق ،بىرەرسىمىز ئارىغا كىرىپ ئۇنىڭغا ‹‹ئاپاڭدەك ئايالغا نىمىشقا ھۆرمەتسىزلىك،ئۆكتەملىك قىلىسەن؟» دەپ ئېغىز ئېچىپ نەسىھەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق.چۈنكى 25ياشلاردىكى ئۇ يىگىتنىڭ ئىككى پۇتىمۇ مېيىپ،تىلىمۇ راۋان ئەمەس،قولىمۇ يېرىم ئىشلەيدىغان تۇغما مېيىپ بولۇپ،مېيىپلار ھارۋىسىدىن ئايرىلسا ئىككى پۇتىنى سۆرەپ ئۆمىلەپ ماڭىدىغان جىسمانىي جەھەتتىن ئىنتايىن ئاجىز بەندە ئىدى.شۇڭا ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولغىسى كەلمەيتى.
   دېيىلىۋاتقان بۇ ئىش بىزنىڭ ناھىيەگە قوشنا بولغان بىر ناھىيەنىڭ چوڭ بىر سودا بازىرىدا يۈز بەردى.مەن شۇ كۈنى مۇشۇ ناھىيەدىكى دوستۇمنىڭ قېشىغا كەلگەنىدىم.بىز بىر قانچە دوست چۈشلۈك تاماق يېيىش ئۈچۈن ئاشۇ سودا بازىرىدىكى ئاشخانىغا كىردۇق.كىرىپ كىتىۋېتىپ ئاشخانىنىڭ ئۇدۇل تەرپىدە مېيىپلار ھارۋىسىنىڭ يېنىدا يېنىچە يېتىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان مېيىپ يىگىتكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ۋە دەرھال ئۇنى تونۇدۇم.«ۋاي ،بۇ بىزنىڭ ناھىيەدىكى مېيىپ يىگىتقۇ، بۇ ناھىيەگە قانداق كەلگەندۇ،ھەر قانچە بولسىمۇ مېيىپلار ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ كېلىپ بولالماس؟»دېگەنلەرنى ئويلاپ بىر دەم جايىمدا تۇرۇپ قاپتىمەن.دوستۇم؛«نىمىگە قاراپ قالدىڭلار،ئاشخانىغا ماڭساڭلار»دېدى. مەن ئۇلارغا :«ئاۋۇ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان مېيىپ بالا بىزنىڭ ناھىيەدىن،شۇڭا قاراپ قالدىم»دېدىم.مەن ئاتايىن ئۇ مېيىپ يىگىتنىڭ يېنىغا بېرىپ سەدىقە بەردىم.ئۇ يىگىت ماڭا قاراپ:«سىز شاياردىنغۇ؟»دېدى.«تونۇپسىز ھە،بۇ ناھىيەگە قاچان،قانداق كەلدىڭىز،قاچان كېتىسىز؟»دېگەنلەرنى سورىدىم.ئۇ:«ماشىنىدا كەلدىم،50كويغا ئەكىلىپ قويدى.كەلگىلى تۆت كۈن بولدى،كېلەر ھەپتە كېتىمەن»دەپ جاۋاپ بەردى.خىيالىمدا ،ئەگەر ئۇ بۆگۈن كەچتە كېتىمەن دېسە مەن كىراسىنى تۆلەپ ئالغاچ كېتىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياي دېگەنىدىم.ئۇنىڭ سەدىقە قاچىسىغا نۇرغۇن پۇل چۈشكەن ئىدى.ئۇنىڭ بۇ مېيىپ ھالىتىگە قاراپ ئىچ ئاغىرتىپ سەدىقە بېرىدىغانلار كۆپ بولۇپ،ئەر-ئايال،قېرى-ياش ۋە ئۆسمۈر بالىلارمۇ ئېچىنىش ئىچىدە ئاتىغىنىنى بېرىپ ماڭاتتى.بۇ يىگىت تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان جايدا باشقا تىلەمچىمۇ يوق ئىدى.ئەتىراپتىكى تىجارەتچىلەرمۇ مۇشۇنىڭ قېشىغا كېلىپ پۇل پارچىلاپ كېتىۋاتاتتى.مەن بۇ ئەھۋالغا قاراپ،ئۇنىڭ بۇ سودا بازىرىغا خېلىلا ئۆزلۈشۈپ قالغانلىقىنى.داۋاملىق كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ،شۇڭا شاياردا بەك كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.مەن ئاشخانىغا قايتىپ كىرىپ تاماق يېگەچ دوستلۇرۇمغا ئۇ يىگىتنىڭ ھەقىقەتەن بىچارىلىقىنى،يېنىدىن ئۆتۈپ قالغاندا سەدىقە بېرىپ قويىشىنى ئۆتۈندۈم.ئاشخانىدىن چىققاندا دوستلۇرۇمنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا سەدىقە بەردى.ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ سەدىقىنى كۆپ بەرگىنىدىن، كۆڭلۈمدە خۇددىي ماڭا ئامەت كەلگەندەك سۆيۈنۈپ كەتتىم.سەۋەبى؛ بىر تەرەپتىن مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ناھىيەدىن.يەنە بىر تەرەپتىن مەن ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇش ئەھۋالىدىن خەۋەردار. ئۇ ساختا مېيىپ بولماستىن ھەققىقى مېيىپ.مېيىپ بولغاندىمۇ ئائىلىسى نامرات،يىتىم مېيىپ.مەن كۆپ قېتىم ناھىيەنىڭ نامراتلاردىن،مېيىپلاردىن ھال سوراش گوروپپىسى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بارغان.ئۇ ئولتۇرىۋاتقان مېيىپلار ھارۋىسىنىمۇ ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى تەقدىم قىلغان.نىمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ  ئۆز ناھىيسىدە تىلەمچىلىك قىلغىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن.پەقەت ھارۋىسىنى ھەيدەپ كوچىدا سەيلە قىلىپ مېڭىپلا يۈرەتتى.لېكىن بىز سودا بازىرىنى بىر قۇر ئايلىنىپ قايتىپ چىقىپ كېتىۋاتقاندا ،ئۇنىڭ بۇ سودا بازىرنىڭ يەنە بىر يېرىدە ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ياشانغان ئايالغا قىلغان قىلىقلىرىدىن مېھرىبانلىقىم غەزەپكە ئايلىنىپ،«ھۇي ئىنساپنى بىلمەيدىغان،شەخسىيەتچى مېيىپ لۈكىچەك!!»دېگىنىمچە ئىچىم ئاچچىق بولغان ھالدا يولۇمغا راۋان بولدۇم.ئۇ‹‹ مېيىپ لۈكىچەك»بەلكىم شۇ كۈنى نۇرغۇن ساخاۋەتچى،مېھرىبان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى.توۋا!!يەتتە ئەزايى ساق ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىمۇ ياخشى،ئەسكىسى بولغىنىدەك،مېيىپلارنىڭ ئىچىدىمۇ نۇرغۇن ئالىي جاناپ،تىرىشچان،ئىرادىلىكلىرى بولغاندىن سىرىت ،مۇشۇنداق مېيىپلىقىنى ئەسكىلىك ئۈچۈن دەستەك قىلىدىغان جىسمانىمۇ ،قەلبىمۇ مېيىپ ئەسكىلەرمۇ بار ئىكەن.

ئەسكىلىكتىن ھەممىمىز يىراق تۇرايلى،دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە ،ئىناقلىققا تولسۇن!!
مەنبە:ئۆزۈم.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
492
تۆھپە
195
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 11:48:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچىڭىزدە ئۇنى تىللىغىچە، بىرىپ ھىچبولمىسا ياقىسىدىن ئالمىغاندىمۇ، جىنىدىن ئۆتكىدەك، غۇرۇرىغا تەككۈدەك گەپتىن بىرەرنى قىلسىڭىزچۇ
چاقچاققا ئىزاھات بەرمەڭ، شىئرنى چۈشەندۈرمەڭ

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
696
تۆھپە
568
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 13:17:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلەمچىلەر ئارىسىدىكى بازار رىقابىتى  بولسا كېرەك...
ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 1

ئىسىمى
ئەسقەر
تىللا
17
تۆھپە
8
UID
5564
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 16:44:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېيىپلارنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ پۇل تاپىمەن دېمەي  ئۆيىدە ياتسا  نىم بۇلا  

Rank: 2

ئىسىمى
ياسىن
تىللا
152
تۆھپە
35
UID
5978
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 19:31:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز تايىرجان كۇرۇشمگلى ئۇزۇن بۇپتۇ............

Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 03:55:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


پەقەت «ھارامدىن بولغان» دېگەن گەپلا لايىق ئۇنىڭغا .

ھارام ئىش قىل (بىرىنچى)
ياشانغاننى ھاقارەتلە (ئككىنچى)
........................................
......................................
......................................
........................................
.......................................
.......
......
...
...
...

پەقەت «ھارامدىن بولغان» دېگەن گەپلا لايىق ئۇنىڭغا  ! ! !

Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 03:56:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
meyipdos يوللىغان ۋاقتى  2012-2-21 16:44
مېيىپلارنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ پۇل تاپىمەن دېمەي  ئۆيىدە يات ...

ئۆيدە (بىكار) ياتماڭ !      رەھمەت .

Rank: 4

تىللا
238
تۆھپە
174
UID
5327
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 03:52:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجىز ئاجىزنىڭ قاياشى دەيدىغان، نۇرغۇن مېيىپلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئازابلىق تەقدىرگە دۇچار بولغانلارغا مۇڭداش،قەلىبداش بولغانلىقىنى ئاڭلىغان، ھەجەپ بىرنېمىكىنا ماۋۇ؟

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1384
تۆھپە
1135
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 13:16:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇنداق ئادەملەر كۆپ بولۇپ كەتتى جۇمۇ،،،،،
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1384
تۆھپە
1135
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 13:17:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىر بۇنداق كىشلەرنى كۆرسەممۇ قوقۇيدىغان بولۇپ قالدىم،،،
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 14:30, Processed in 0.078016 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991