كۆرۈش: 15623|ئىنكاس: 5

گېرمانىيە بالىلىرى يەسلىدە نېمە ئۆگىنىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2720
تۆھپە
1484
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 15:31:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر گېرمانىيەلىك بالىغا نىسبەتەن ئۇنىڭ 400 سائەتكە يېقىن ۋاقتى يەسلىدە ئۆتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار زادى قانداق نەرسىلەرنى ئۈگۈنىدۇ؟
1. بالىلار ساقچى ئىدارىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، ساقچىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگۈنۈش بىلەن بىللە ساقچىلارنىڭ نىمە قىلىدىغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىدۇ.
2. ئۇلار يەنە ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرى، ئوت ئاپىتىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئۈگۈنىدۇ.
3. پوچتا ئىدارىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، بىر پارچە خەتنىڭ ئائىلىدىن قانداق قىلىپ پوچتا ئىدارىسىغا بارىدىغانلىقى، يەنە قانداق يوللار ئارقىلىق قارشى تەرەپكە يەتكۈزىلىدىغانلىقىنى كۆرۈدۇ.
4. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان شەھەر باشلىقىنىڭ كىم ئىكەنلىكى بىلەن تونۇشىدۇ.
5. ئۇلار ئەركىن بازارغا بېرىپ، پۇل خەجلەپ بىر نەرسە سېتىۋېلىشنى ئۈگۈنىدۇ.
6. ئۇلار گۇلخانىغا بېرىپ، گۈللەرنىڭ قانداق تېرىلىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە گۈللەرنى پەرق ئىتىشنى ئۈگۈنىدۇ.
7. ئۇلار سېرك، بالىلار تىياتىرى ۋە سېھرىگەرلىكنى كۆرگىلى بارىدۇ.
8. ئۇلار كۈتۈپخانىغا بېرىپ، كىتابنى قانداق ئارىيەت ئېلىش ۋە قانداق قايتۇرۇشنى ئۈگۈنىدۇ.
9. ئۇلار تىراللىبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئۆيگە قايتىدىغان لىنىيەنى ئەستە ساقلاشنى ئۈگۈنىدۇ.
10. ئۇلار ھەر ھەپتىسى مۇئەللىم بىلەن تاللار بازىرىغا بېرىپ، ماللارنى تاللاش، پۇل تاپشۇرۇشنى ئۈگۈنىدۇ.
11. گىلاس ۋە كاۋا پىشقان مەزگىللەردە بالىلار مۇئەللىم بىلەن بىللە گىلاس ئۈزگىلى بارىدۇ، بىرلىكتە كاۋىدا شورپا قىلىپ ئىچىشىدۇ.
    يەسلىدە ئۆتكەن ئۈچ يىل جەريانىدا بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزلىرى رىمۇنىت قىلىشنى، ۋاقىتنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى، پىلان تۈزۈشنى، كىيىملىرىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشنى، ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇشنى، ئىشى بولسا ساقچىنى ئىزدەشنى ئۈگۈنىۋالىدۇ. ئالتە ياشقا كىرگەن ئاشۇ بالىلارنىڭ تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك يىتىلىپ بولغان بۇلىدۇ.

مەنبە: ئالىم بىز بلوگى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كارۋانىم
تىللا
3035
تۆھپە
871
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 18:18:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەسلىدىمۇ خىلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىدىكەن


سۇلايمان،ياخشىلىق،ئىزدىنىمەن....تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى كارۋانىم!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
504
تۆھپە
224
UID
50

تەڭرىتاغ گۈزىلىمېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 18:28:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ! بۇلارنىڭ يەسلىلىرىنى ياقتۇرۇپ قالدىم جۇمۇ. ھەممىسى بالىلار بىلىشكە تېگىشلىك ھەم ئېھتىياجلىق ئەمەلىي بىلىملەر ئىكەن. بۇلارنىڭ 17-18 ياشلىق بالىلىرىمۇ شۇنداق پىشقان تەسىر بېرىدۇ ئادەمگە.


قەلبلەر مۇھەببەتكە  تولسۇن!

Rank: 4

ئىسىمى
ئاتېللا
تىللا
276
تۆھپە
174
UID
205
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 16:20:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىمۇ يەسلى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. تىخىمۇ روناق تىپىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
1345
تۆھپە
278
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 22:40:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
522
تۆھپە
304
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 18:17:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەسلىدىمۇ خىلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىدىكەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-29 12:06, Processed in 0.077772 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991