ئىگىسى: نىدائىي

ئالىم خالىق ‹‹تەڭرىتاغدا سۆھبەت›› پىروگراممىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
قۇربان غۇپۇر ئۇلباس
تىللا
309
تۆھپە
113
UID
2099
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 20:27:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرگىمۇ ئورۇن بېرەرسىلەر......


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
562
تۆھپە
294
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 02:02:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيرىساخاۋەتنىڭلا ئەمەس، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭمۇ ئەڭ ياخشى ئۆلگسىنى تىكلىگەن ئالى جاناپ روھىدىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيىدۇ.


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇرباننىياز
تىللا
1451
تۆھپە
865
UID
5191
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 14:09:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجاننىڭ تىرىشچان روھى ھەممىمىزنى خوشال قىلىدۇ،ئالىمجاننىڭ ئالىجاناپ پەزىلىتى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۇردى،ئۇنىڭ كىيىكى ئىشلىرىنىڭ بەرىكەت تېپىشىغا تىلەكداشمە.


غەلىبە كىشىنى توختىتىپ قويىدۇ، مەغلۇبىيەت بولسا ئالغا ماڭدۇرىدۇ

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1494
تۆھپە
1146
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 17:05:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم خلىقنىڭ ئىش ئىزلىرنى راديول تىلھوزۇر گىزىت زورناللاردىن كۇپ كۇرەەن بۇگۇن بۇ يەردە كۇرۇپ
ئۇنقڭغا تەشەكۇر ئىتقىم كەلدى رەخمەت ئالىمكا  داۋاملىق تىرىشقايسىز.



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
711
تۆھپە
282
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 11:48:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
( بۇ ماقالە يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا يېزىلغان بولۇپ، گېزىت-ژورناللارغا ئەۋەتىپ قويسام ھازىرغىچە جىم. تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى بۇ تېمىنى ھازىر كۆرۈپتىمەن، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويدۇم.)
                             
                                ئالىم خالىق نىمىشقا تاللاندى
2011-يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەر قاتارىدا ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئالىم خالىق تاللاندى. ئالىم خالىق دوپپا كەيگەن، ساقال-بۇرۇت قويغان ھالەتتىكى  ئۆزگىچە ئۇيغۇرچە قىياپەت  بىلەن سەھنىگە چىقتى. ئالىم خالىقنىڭ شىنجاڭدىن  گۇيجۇغا بېرىپ كاۋاپچىلىق قىلىپ، نەچچە يىلنىڭ بىرىسىدىن تاپقان پۇللىرىدىن يۈز نەچچە مىڭ يۇەننى نامراتلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوقۇشتا قىينالماسلىغى ئۈچۈن ئىئانە قىلىپ ياردەم بەرگەن ئىش-ئىزلىرى ئۇنى بۇ سەھنىگە چىقاردى. ئەمما، جۇڭگودا  نەچچە يىلنىڭ بىرىسىدىن ئوقۇشتا قىينىلىۋاتقان بالىلارغا ياردەم قىلغان، مەكتەپ سېلىپ بەرگەن، قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە ئىئانە قىلغان پۇللىرى نەچچە يۈز مىڭ، نەچچە مىليونغا يەتكەن باشقا تىجارەتچى-سودىگەر، كارخانىچى ساخاۋەتچى كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئالىم خالىقتىن قېلىشمىغىدەك ساخاۋەتچىلەرمۇ يوق ئەمەس.   لېكىن، بۇ يەردىكى تاللىنىش ئۆلچىمى بولسا، كىم، نەدىن كېلىپ، نەدە، نېمە ئىش قىلىپ، قاچاندىن باشلاپ، كىملەرگە، قانچىلىك  ياردەم قىلىپ كىلىۋاتقانلىغى ئالاھىدە مۇھىم ھالەتتە قارالغان  بولسا كېرەك.
كىم دىگەندە، ئالىم خالىق، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىن گۇيجۇ ئۆلكىسىگە كېلىپ كاۋاپچىلىق قىلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار ئىرقى، تىل سىستېمىسى، مىللى مەدەنىيەت ئۆرۈپ-ئادىتى، دىنى ئېتىقادى، مىجەز-خارەكتىرى، نوپۇسى، جۇغراپىيەلىك ئولتۇراقلاشقان يۇرتى قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگودىكى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىغاندا ئەڭ چوڭ پەرققە ئىگە بولۇپ تۇرىۋاتقان بىر مىللەت. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگودىكى بېيجىڭغا ئەڭ يىراق بولغان، ئەڭ كۆپ مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان زىمىنى  ئەڭ چوڭ  مەمۇرى  ئاپتونوم رايون.
          ئالىم خالىق ئەنە شۇنداق پەرىقتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ  يۇرتىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى باشقا بىر مەدەنىيەت مۇھىتىغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا خاس مىللى  مەدەنىيەت  بولغان يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى كاۋاپچىلىق بىلەن قىيىنچىلىقنى يىڭىپ شۇغۇللۇنۇپ، زىق ساناپ تاپقان پارچە پۇللىرىنى ئۆز تۇرمۇشىدىن ئېشىنچا قىلىپ  يىغىپ توپلاپ، ئائىلە ئىقتىسادى سەۋەپلىك ئوقۇشتا قىينىلىپ قالغان بالىلارغا ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ساخاۋەت قۇلىنى سۇنۇپ يۈز نەچچە مىڭ يۇەننى خالىس ياردەم قىلىپ كىلىۋاتقان مىللەت ھالقىغان مېھىر-مۇھەببىتى ھەقىقەتەن  ھەر مىللەت كىشىلىرىنى، جەمىيەتنى، بىر دۆلەتنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئەلۋەتتە.
              جۇڭگودەك مىللەتلەر مەدەنىيىتى       پەرىقلىنىپ تۇرىۋاتقان كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە ئۇيغۇر يىگىت  ئالىم خالىقنىڭ ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ يۇرت ئاتلاپ ئوي-چوڭقۇرىنى بىلمەيدىغان  گۇيجۇ ئۆلكىسىگە بېرىپ كاۋاپچىلىق قىلىپ، جاپا-مۇشەقەت ئىچىدە ئاسان تاپمىغان  نۇرغۇن پۇللىرىنى ئوقۇشتا قىينىلىۋاتقان باشقا مىللەت بالىلىرىغا  ئىئانە قىلىۋەتكەن مىللى پەزىلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ  ئارىسىدىمۇ مۇنداق پەزىلەت ئىگىسى بارلىغىنى نامايەن قىلىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاجىزلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆزلىرىدىن مۇھىم بىلىدىغان، ئىنسانى مىھىر-مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان، مەدەنىيەت روھىدا ئالىجاناپلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدىغان مەدەنىيەت ئەخلاقىنىڭ قىممىتىنى تۇنۇتىدۇ. ئالىم خالىقنىڭ باشقا يۇرت-باشقا مىللەت ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى پەخىرلەندۈرىدىغان، ئۇيغۇرلاردا مۇنداقمۇ كىشىلەر بار دەپ ئويلايدىغان  مىللى روھى باشقىلارنى قايىل قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قوزغايدۇ.  ئالىم خالىقتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىدىيە-روھىنى دۆلەتنىڭ، جەمىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ كىملىگى، نەدە نېمە ئىش قىلغانلىغى جەمىيەتتىكى تەشۋىقات قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغانلىغى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ  مۇھىم قىممىتىنى كۆرسۈتۈپ بىرىدۇ.                                ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، كاۋاپچىلىق قىلىپ  ئۆزگىچە تەم-سەمىمى مۇلازىمەت  بىلەن بازار تېپىش، ھورۇنلۇق قىلماي سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ زىق ساناپ  پۇل تېپىش،  تاپقان پۇللىرىنى بۇزۇپ چاچماي جايىدا ئىشلىتىپ يول تېپىش ئاسان ئىش ئەمەس. ئالىم خالىق  گۇيجۇغا بېرىپ كاۋاپچىلىق قىلىپ   تاپقان ئانچە كۆپ بولمىغان پۇللىرىنى ئۇدۇللۇق ھالدا گۇيجۇدا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتىدى. پۇلنى نەدە تاپقان بولسا شۇيەردە ئىشلەتتى، شۇ يەرگە خەجلىدى، تاپقان پۇللىرىدا ئۆزىنى قوللىغان  شۇ يۇرت كىشىلىرىنىڭ ھەققى بار دەپ ئويلىدى. ئالىم خالىق توغرا ئويلىغان ئىدى، ئۇ ئويلىغىنى ئەمەلدە ھەقىقەتەن كۆرسۈتۈپ، ئۆزىنىلا ئويلاپ تۇرىۋالماي دېڭىزدەك كەڭ قوساقلىق بىلەن خالىس ياردەم قۇلىنى سۇنۇپ، باشقا مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن بالىلارنىڭ قىينالماي خاتىرجەم ئوقۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.  بەلكىم ئالىم خالىق كاۋاپچىلىق قىلىدىغان شۇ شەھەردە ئالىم خالىقتىنمۇ جىق پۇل تاپقان يەرلىك سودا-تىجارەتچى، كارخانىچى بايلارمۇ بۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئالىم خالىق بىر ئۈلگە، سېلىشتۇرما. ئۇنىڭ ئۇيغۇر يىمەكلىك مەدەنىيىتى بولغان كاۋاپچىلىق بىلەن باشقا يۇرتتا  باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئارىسىدا  تىجارەت قىلىپ، ئىزچىل ھالدا پۇل ئىئانە قىلىپ كىلىۋاتقان، ئۆز ئالدىغا ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلغان قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا  ياردەم قىلىدىغان ئالىجاناپ  روھى ئۇيغۇر مىللىتىنى تۇنۇتىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت  قىممەت ئېڭىنى  ھەم  مىللى مەدەنىيەت ئەخلاقىنى نامايەن قىلىدىغان روھتۇر. ئالىم خالىقنىڭ يۇرت ئاتلاپ، مىللەت ھالقىپ قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ھەركىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ قوساقلىغى، مەردۇ-مەردانىلىغىنى نامايەن قىلىشى  بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى قىلىۋاتقان،  ئىچكىرى بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدا  قاتناپ يۈرۈپ يەرلىك مەھسۇلاتلار بىلەن سانائەت مەھسۇلارلىرىنى كىرگۈزۈش-چىقىرىش  سودىسى قىلىۋاتقان، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوتتۇرا-ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، بىلىم ئۆگۈنىۋاتقان، ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان  ئۇيغۇرلار  ئۈچۈن  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۇنۇشى بىرتەرەپلىمە بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆرسە كەمسىتىپ كاۋاپچى(كاۋاپچىلىقتىن باشقىسى قۇلىدىن كەلمەيدىغان ئىقتىدارسىز دېگەن مەنىدىرەك)، ئوغرى-يانچۇقچى دەپ قارايدىغان خاتا چۈشەنچىسىگە تۈزۈتۈش بىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەخلاقىنى ھەم ئىنسانپەرلىك روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن شەخستىن ھالقىپ كەتكەن ئوبراز.
    نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، ھەر خىل سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللۇنۇپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا، يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە تارقالغان ئالى مەكتەپلەردە، يېڭىدىن باشلانغان ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى خىزمەتتىن ئىلگىرىكى تەربىيىلەش  ئورنى  بىلەن تەمىنلىگەن شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بىرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئاز بولمىغان ئۇيغۇرلار بولغاچقا، شۇنداق ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇرلارنى تونۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى  مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ-ئادىتى،  ئەخلاقى ئېڭى  قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت خاسلىغىغا ھۆرمەت قىلىش  جەھەتلەردە ئالىم خالىقنىڭ جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس بولۇپ تاللىنىشى  ھەم مەملىكەت بويىچە كەڭ تەشۋىق قىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم ئەمىلى قىممەتكە ئىگە.   
  ئالىم خالىق بىر نەچچە يىلنىڭ بىرىسىدىن ئۇيغۇرچە مەدەنىيەت مۇھىتى بولمىغان گۇيجۇدا يەككا-يېگانە ھالدا كاۋاپچىلىق قىلىپ، دۇنيا  مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان دەپ قاراپ،  ئاۋال ئۆزى باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، باشقىلارنىڭ خوشاللىققا چۆمگەن  چېھرىدىن  ئۆز كۆڭلىنى خوشاللىققا ئېرىشتۈردى. دىمىسىمۇ، دۇنيا مېھىر-مۇھەببەتكە تولغاندا ئادەملەر بىر-بىرسىنى ئۆچ كۆرمەيدۇ، مىللەتلەر بىر-بىرسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ھۆرمەت قىلىدۇ،  جەمئىيەتتە ئادەملەر بىر-بىرسىگە ياردەم  قىلىدۇ، مىللىتىگە بېقىپ پەرىقلىق  مۇئامىلە قىلمايدۇ. مېھىر- مۇھەببەت ئادەملەر ھەم مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئاچكۆزلۈككە تولغان  شەخسىيەتچىلىكنى توغرا تاپمايدۇ. دۇنيادىكى  مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرسىگە ئوخشاش بولمىغان  مەدەنىيەت قىممىتى بولىدۇ، مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت قىممىتى بولسا، ئىنسانلىق ئۇلارنىڭ تەبىئىي قىممىتى بولىدۇ، شۇڭا  ئادەملىك نۇقتىسىدىن بارلىق ئادەملەر ئوخشاش بولىدۇ.  ئادەمدە مەدەنىيەت بىلەن ئەخلاق بىرىككەن   مۇھەببەت بولغاندا باشقىلارنى چۈشۈنەلەيدۇ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتەلەيدۇ،  باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى بىلەلەيدۇ، باشقىلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئويلاپ يىتەلەيدۇ.  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-29 13:25, Processed in 0.061322 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991