تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكىلەر ئۈچۈن qq توپى قۇرۇلۇپتۇ !        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، توردىشىمىز قاپلان 19 مۇنبەردە "مۇنبەرداشلار ئۆز ئارا تونۇشساق قانداق " دىگەن تېمىنى يوللىغاندىن كېيىن ، تورداشلىرىمىز قىزغىنلىق بىلەن  ئۆز پىكىرلىرىنى قالدۇردى ياكى ئۆزلىرىنى تونۇشتۇردى ، بۇ تېما ئەڭ ئاۋات تېمىلاردىن بولۇپ قالدى . بۇ تېمىغا كىرگەن تورداشلارغا ئايان بولغىنىدەك،  ئىنكاسلار ئارىسىدا تورداشلارنىڭ qq توپى قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر ئىنكاسلىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا ،  مۇنبەرداشلارنى تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشۇش ۋە ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن،  تورداشلىرىمىزدىن " يالغۇز "  بىر توپ قۇرغان ئىكەن .     مەن بۇ تېمامنى شۇ توپقا كىرىشكە تەكلىپ قىلىش توغرىسىدا يازغان ئىدىم ، لېكىن بەزى تورداشلىرىمىزنىڭ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا  تەڭرىتاغ مۇنبىرى نامىدىكى توپ بار ئىدى دىگەن ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن ، بۇ تېمىنىڭ  ئەسلىدىكى مەزمۇنىغا  تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى توغرا تاپتىم .  بىر مۇنبەر بولغاندىكىن بىرلا توپ بولسا يېتەرلىك بولار ،شۇڭا  ئىنكاسلاردا تىلغا ئېلىنغان توپنىڭ نومۇرىنى مۇشۇ تېما ئاستىغا قويدۇم . كىرىشنى خالىغانلار مەرھەمەت!   توپ ئىسمى :     تەڭرىتاغ مۇنبىرى  توپ نومۇرى:      196757012
       ئاقساقاللىق قىلىپ قويدۇم، ئاتاماننىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  كىرىش-كىرمەسلىك ئىختىيارى تورداشلاردىن بولغان بىلەن  ، توپقا قېتىش -قاتماسلىق ھوقۇقى يەنىلا ئاتامان ( ياكى  مۇشۇ توپنى قۇرغان كىشى )نىڭ قولىدا . شۇڭا مەن پەقەت تەكلىپلا قىلدىم . خاپا بولۇشمىغايلا ! 
   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-17 18:06  
 
  |