تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 14722|ئىنكاس: 16

بىر يۇلتۇز ئۆچتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
762
تۆھپە
392
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 17:40:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر يۇلتۇز ئۆچتى

(خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ياش ناخشىچىسى مەرھۇم شاۋكەت نۇرمۇھەممەتكە مەرسىيە)

سەنئەتتە چاقنىغان بىر يۇلتۇز ئىدىڭ،

يۈرەكتىن يۈرەككە تۇتاشتۇرغان ئوت.

ۋەتەننى كۆيلىگەن لىرىك كۆيلىرىڭ،

خەلقىمگە بىرەتتى سائادەتلىك قۇت.

ئەل ئاۋام سىنىڭدىن سۈيىنەرئىدۇق،

دىللارغا بىرەتتىڭ مەنىۋى ئۇزۇق.

سەھنىدە ھەر قېتىم پەيدا بولغاندا،

ئاجايىپ جوشقۇن سەن ئاجايىپ روھلۇق.

تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى سەندە تونۇلدى،

ئۇيغۇرنىڭ نېنىمۇ سىنىڭدە پىشقان.

  كۆيچى قۇش دىيىشىپ ماختايىتتى سىنى،

ھەتتاكى قېرى-ياش ئېتىزدا دېھقان.

شۇم ئەجەل ئالدىراپ ئايرىدى بىزدىن،

باھاردەك ياشلىقىڭ سۇندى جۇدۇندا.

يۈرەكلەر قان بولدى ھەسرەتتە قالدۇق،

ئاھ ئۇردى تەڭرىتاغ تارىم ئارماندا.

  چەرچەندە سەن باسقان ئىزلىرىڭ قالدى،

   قول تۇتۇپ دوستلاشقان سۆزلىرىڭ قالدى.

  ئەلۋىدا خەلقنىڭ ئەركى سەركىسى،

يۈرەكتە شۇلىرىك كۆيلىرىڭ قالدى.

چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز تېلىفۇن13999621039


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
551
تۆھپە
218
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 22:30:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي...  ئەجەپ ئىسىل، مەرت ، ساخاۋەتلىك ئاكىمىز ئىدى، مەن رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدا پات-پات ھەرخىل گىزىتلەردىن قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى نامرات ، يىتىم-يىسىرلارغا پۇل- پىچەك تارقاتقانلىقىنى كۆرەتتىم، تىخى گىزىتلەردە، مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنمىغىنى قانچىلىك ، بۇنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ... رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي...

         پولاتكا، ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىڭىز مول بولىۋاتىدۇ،  بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيتىڭىز خەيىرىلىك بولسۇن!!!


چاقچاققا ئىزاھات بەرمەڭ، شىئرنى چۈشەندۈرمەڭ

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 22:46:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ رەمەت سىزگە.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1421
تۆھپە
1031
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 23:33:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقپتۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 23:58:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي - بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىمىز ئاچچىق بولغان ئىدى .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5822
تۆھپە
2960
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 00:21:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەت بولغاي!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-12 11:20  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
519
تۆھپە
256
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 13:25:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن


Rank: 2

تىللا
58
تۆھپە
14
UID
4810
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 14:08:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلىنى ئىدى....ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن


Rank: 6Rank: 6

تىللا
701
تۆھپە
373
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 14:52:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئىرڭىز شاۋكەتنىڭ يىل نەزىرىسىگە ئاتاپ يىزىلغانمۇ قانداق ؟؟؟مەرھۇم تۇگەپ كەتكىنى قايسى ۋاخ!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1874
تۆھپە
1005
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 19:11:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم تۇگەپ كەتكەن شۇ نەخ مەيداننى توردىن  كورگەن  ئىدىم ،پۇت قوللىرى لاتىدەكلا بوپ كىتىپتىكەن .

ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:31, Processed in 0.081478 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991