تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 8194|ئىنكاس: 12

بالىلاردا گۇناھ يوق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
762
تۆھپە
392
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 15:15:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بالىلاردا گۇناھ يوق


يىتىم قىلدۇق بالىنى ئۆلمەي ھايات تۇرۇقلۇق،

كىلىشەلمەي تۇرمۇشتا قىلىشىپلا ئۇشۇقلۇق،

ئۈزۈمىزنىڭ پۈشتىغا بىرەلمەستىن ئۇتۇقلۇق،

قاراڭغۇدا تىنىسە ئاچالمىدۇق يۇرۇقلۇق،

يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.




ياخشى كۆردۇق دىيىشىپ تەستە قىلدۇق بۇ تۇينى،

جامائەتنى چاقىرىپ سۇيۇپ كالا ۋە قوينى،

جاپا تارتىپ ھالالدىن ئاران تۇتتۇق بۇ ئۆينى،

ئۈزۈلدۈرمەي ئېيتايلى بىرگە ئېيىتقان بۇ كۈينى،

يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.




ئۈگەي بالا ئىشىكتىن كىرىپ كەلسە شوغ ئويناپ،

يەنە كەلدى بۇ شۇم دەپ يەكلىمەيلى غۇدۇراپ،

ئالاي تەتىل تاپشۈرۇق دىسە بىزگە پۇل سۇراپ،

يولغا سېلىپ قويمايلى بىرىپ لازا توڭ غۇراپ،

يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.




ئۈگەي بالا بىزنىڭمۇ كۈزۈمىزنىڭ قارىسى،

ياخشى كۆرگەن ئاشىقنىڭ يۈرۈگۈنىڭ پارىسى،

ئەگەر قالسا تەڭلىكتە يوقتۇر ئۇنىڭ چارىسى،

بىزنى خىجىل قىلمىسۇن ئۈگەيلەرنىڭ نالىسى،

يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.




ئىككى ئۆينىڭ ئارىستا بالا تىنەپ يۈرمىسۇن،

ئوغرىلىقچە باغلاردىن مىۋە ئۈزۈپ سالمىسۇن،

ناچار ئىللەت يۇقتۇرۇپ يامان ئىشقا ئازمىسۇن،

جەمىيەتتە ئاقىۋەت داشقال بۇلۇپ قالمىسۇن،

يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.




ئۆگەي بالا ئۆز بالا، ئۆگەي ئانا ئۆز ئانا،

گۈل چىمەندەك كۆكلىسۇن نارىسىدە شۇ بالا،

يامان غەيرى ئىشلارغا بوپ قالمىسۇن مۇپتىلا،

مېھرى شەپقەت چېھرىدىن گۈلگە تولسۇن بۇ دۇنيا،

يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.


چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدن پولات نىياز


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
3028
تۆھپە
867
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 22:44:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرلىرڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ، شېرلىرڭىزنى ئوقۇۋېتىپ بۇ فىلىم ئىسىمگە كىلىپ قېلىپ يوللۇغۇم كىلىپ قالدى،توغرا چۇشۇنەرسىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-26 13:57  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
519
تۆھپە
256
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 13:35:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قىتىم مۇنبەرگە چىقىپ سىز يازغان شېىرلارنى ئوقۇغۇنىمدا سىزگە ئوخشاش شائىرلىرىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن  پەخىرلىنىمەن، مەن سىزنىڭ تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىززگە تىلەكداشمەن،غەلبە ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۈپ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2095
تۆھپە
1554
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 14:09:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يازمىلىرىڭىز بىرسىدىن بىرى ياخشى چىقىۋاتىدۇ، تېخىمۇ تىرىشقايسىز. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
762
تۆھپە
392
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 15:02:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى پىكىرداشلارنىڭ مىنى قوللاپ مەدەت بەرگىنىگە رەخمەت.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
752
تۆھپە
585
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 15:12:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghun يوللىغان ۋاقتى  2012-2-11 22:44
شېرلىرڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ، شېرلىرڭىزنى ئوقۇۋېتى ...

شېئىرمۇ ياخشىكەن، ئۇيغۇن ئاكىمىز يوللىغان فىلىمنى كۆرۈپ بۇرنۇم ئېچىشىپ كەتتى دىسە.


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1874
تۆھپە
1005
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 18:53:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولات ئەپەندى  بىر سېستىمىدا ئىكەنمىز سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 09:15:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئوبدان چىقىپتۇ جاپا تارتىپسىز.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1147
تۆھپە
925
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 15:18:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرلىرىڭىزدا بىر خىل ئۆزگۈچىلىك بار،يەنىمۇ  ئىلگىرلەڭ............


سەكرا

Rank: 6Rank: 6

تىللا
762
تۆھپە
392
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 19:04:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كامالكا رىغبەتلەندۈرگىنىڭىزگە رەخمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:34, Processed in 0.078427 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991