2009-يىللىق باھار پەسىللىك 3نى يېزىلارغا يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن چەرچەنگە كېلىپ ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندىغان ئاپتونۇم رايونلۇق
ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرىغا
تۇرغۇن ئىمىرغا
تۇرغۇن ئىمىر دېسە بەلكىم تونۇماس،
رەجەپ توپاق دېسە ھەممە تونۇيدۇ.
ئەشۇ قىرلىق ئىستىكاندا ئىچكەننى،
ھازىرغىچە ئەل-جامائەت ئوقۇيدۇ.
گاھ دېھقاننىڭ گاھ ھاكىمنىڭ رولىدا،
چىقاتتىڭىز ،ئەمدى باشلىق بولدىڭىز.
ئادىلكامنى باغۋەن قىلىپ ئاخىرى،
خەيرىگۈلنىڭ رەخمىتىنى ئالدىڭىز.
سىزگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمىز بار بىزنىڭ،
سەھنىلەردە پات-پات كۆرۈپ تۇرايلى.
چەرچەنگىمۇ كېلىپ تۇرۇڭ ئارىلاپ،
بىلمىگەننى چۈشەندۈرۈڭ سورايلى .
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا
ئاۋام سۆيگەن ناخشىچىسىز ئابدۇللا،
شۆھرىتىڭىز تەرىپلىنەر تىللاردا.
قىزىقارلىق ئىتوتلارنى ئوينايسىز،
تۇنجى قاردا كىتاب سېتىپ كوچىدا.
تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇپتا،
ياڭراپ تۇرار ناخشىڭىزنىڭ ساداسى.
پەخىرلىنەر ۋەتەن سىزدىن سۆيۈنۈپ،
قىززىمايدۇ سىزسىز مەشرەپ ناۋاسى.
قەدىمىڭىز يەتتى بۈگۈن چەرچەنگە،
كېلىڭ بىرگە مەشرەپلەرگە چۈشەيلى.
كۈلسۇن ھەممە ھاياجاندا ،شادلىقتا،
سىز ئوينىغان ئېتوتلارنى كۆرەيلى .
قۇرۇپ مىڭ يىل شىركىتىنى بىر قوللۇق،
كارخانىچى بوپ قالدىڭىز سىز تىزدىن.
شىئېر يېزىپ ئاقارماقتا چېچىمىز،
چەرچەنگىمۇ ئېپ كەلگەنسىز نازىلدىن.
دىققەت قىلىڭ چەرچەندىمۇ ئابدۇللا،
ئىتلار قوغلاپ يىرتىلمىسۇن ئىشتانلار.
يەنە سىزگە ئىتوت يېزىپ يۈرمىسۇن،
خالمۇراتتەك ئەل-ئاغىنە تۇغقانلار .
ھۇشۇر قارىغا
ھۇشۇر قارى يىتەر پەقەت سىز بىلەن،
خەلقىمىزنىڭ ناخشىلىرى ۋايىغا.
ياۋروپاچە ناخشىلاردىن يىراق سىز،
چۈشمىدىڭىز شەيتانلارنىڭ دامىغا.
پىلاستىنكا ئىشلىدىڭىز نەچچە رەت،
مىللىي پۇراق چىقار مۇڭلۇق ئاڭلىساق.
‹‹قەمبەرخان›› دىن باشلىسىڭىز ناخشىنى،
قوزغىلاركەن يۈرەكتىكى دەرت پىراق.
يەنە نەچچە فىلىملاردا رول ئېلىپ ،
ئەل قەلبىدىن ياخشى ئورۇن ئالدىڭىز.
ئېچىلىڭ غار ھۇشۇر قارى كەلدى دەپ .
ئوغۇت بىلەن يالتىراقمۇ ساتتىڭىز.
سىزسىز چىقماس سەھنىلەرگە قېيۇمكام،
كۈلدۈرگە ۋە ئېتوتلارنى ئورۇنداپ.
كۆنۈپ قالدى خەيرىگۈلمۇ بىر سىزگە،
تېلېۋىزورئالمايمەن دەپ غوتۇلداپ.
خەيرىگۈل ھەسەنگە
خەيرىگۈلنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز،
ئېتوتلارنى يەتكۈزىدۇ ۋايىغا.
گاھى قېتىق ساتسا قىززىق بازاردا،
گاھى دېھقان بولۇپ چىقار ئېتىزدا.
تۇنجى ئىتوت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى،
ھەتتا كۈلۈپ ئۈزلەي دېدى ئۈچەيلەر.
قېيۇمكامدىن ئاجراشتۇرۇپ سىڭلىسنى،
ئەمدى يەنە كىمگە ياتلىق ئىتەرلەر.
باغۋەنلىكتىن لېكسىيەنى سۆزلەيسىز،
ئادىلكامنىڭ ئايالى بوپ سەھنىدە.
بىزمۇ بۈگۈن دېھقانلارنى يىغايلى.
چىلان پەرۋىش قىلىپ بېقىڭ چەرچەندە.
ئادىلكامغا
ئادىلكامنىڭ سۈكىتىمۇ كۈلكىدۇر ،
ئەنە قاراڭ تۇرۇشىمۇ كۈلكىدۇر.
كۈلدۈرگۈلۈك چولپانلارنىڭ ئىچىدە،
ئادىلكاملا ھەممىسىگە ئۈلگىدۇر.
جۇباجىنى دوراپ چىقسا پىخىلداپ،
قاملىشىدۇ ئۇنىڭ يوغان قورسىغى.
چوكانلارنىڭ رولىنى ئېپ مىشىلداپ،
لەڭمەن ئەتسە ئوت كۆيمەيدۇ ئوچىغى.
ئوپېرادا ئاچقاچ تۇنجى سىز بوتكا،
ساۋۇر بوتكا دېسە ھەممە تونۇيدۇ.
چەرچەندىمۇ سىزنى دوراپ بىر ساۋۇر،
ھاراق ئىچىپ كۈندە شىئېر ئوقۇيدۇ.
گاھى دېھقان گاھى ساقچى رولىنى،
شۇنداق ياخشى سەھنىلەردە ئالىسىز.
ئارقا ئىشىككە جا تاماكا كەلسىمۇ،
ياق دىمەستىن يانچۇققىلا سالىسىز.
شىر ئەلى ئەلتىگىنگە
ئاغامچىدەك ئىسمىڭىز بار بەك ئۇزۇن،
شىر ئەلى ۋە ئەلتىگىن دەپ ئۈچ غۇلاچ.
قىززىغانتى ناۋا يۇقۇر ئەۋجىدە،
سىز ناۋانى دائىم ياخشى قوللۇغاچ.
ياشلار ئامراق ناخشىڭىزغا قەۋەتلا،
ياش چولپانلار قاتارىدا سىزمۇ بار.
ئالقىشلىنىپ تۇرار ئېيىتقان ناخشىڭىز،
يۈرەكلەرنى قىلىپ شۇنچە ئىنتىزار.
مۇزىيخاندا چۈشەلمەپسىز رەسىمگە،
چەرچەنلىكنىڭ قىزلىرىمۇ بوش ئەمەس.
سەھنىلەردە چالما تېگىپ قالمىسۇن،
بۇلۇڭ چوقۇم ئۆزىڭىزگە بەك پەخەس.
زۇلپىيە غۇلامغا
ئۇسسۇل ئۈچۈن يارالغانمۇ سىز،
پەرىزاتتەك ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
سەھنىلەرگە چۈشسىڭىز ئەگەر،
تىكىلىدۇ ھەممىنىڭ كۆزى.
جەسۇرانە دوراپ بۈركۈتنى،
پەرۋاز قىلىپ ئۇچىسىز يەنە.
ئۇسسۇلدىكى ماھارىتىڭىز،
جەۋلان قىلار دائىم سەھنىدە.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۇسسۇلى،
سىزدە جۇلا بولار قايتىدىن.
يەنە تاجىك،قازاق،قىرغىزنىڭ،
ئۇسسۇلىنى كۆرىمىز سىزدىن.
ئۇيغۇر قىزى زۇلپىيە غۇلام،
سىزگە دىلدىن تىلەيمىز تىلەك.
كۆز تەگمىسۇن سەھنىدە سىزگە،
ئارمانىڭىز ئاچقۇسى چېچەك.
2009-يىلى 4-ئاي