تۆۋەندىكى تېمىنى سالاھىدىن نامىدىكى "مىنىڭ مېنىڭ پىلانىم (يېشىل پىلان) نامىدىكى تىمىنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ يوللاپ قويدۇم.
كۆرۈپ بىقىشىڭىزلارنى ھەم مۇشۇ توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى خالايمەن.
شىنخۇا ئاگېنىتلىقى،بۇخارىست،21-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى:
رومىنىيە پايتەختى بۇخارىستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۇناسكو تۈنۈگۈن مۇنداق دىدى:شەھەرلىك ھۆكۈمەت پات ئارىدا چىقىرىدىغان بەلگىمىگە ئاساسەن،شەھرىمىز ئاھالىلىرى نىكاھ قەغىزى ياكى يېڭى پىكاپ نومۇر تاختىسى ئېلىشتىن بۇرۇن بىرتۈپ كۆچەت تىكىپ،شەھرىمىزنىڭ كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشىدۇ.يۇناسكو يەنە مۇنداق دىدى:تىكىلىدىغان كۆچەتنىڭ تۈرى ھەرقايسى رايونلارنىڭ كۆكەرتىش پىلانىغا ئاساسەن،بېكىتىلىدۇ،بۇ ھۆكۈمەتنىڭ شەھەرنى كۆكەرتىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.
ئەمدى تۆۋەندىكى ماقالىغا كۆز يۈگۈرتكەيسىزلەر:
ئەۋلات ئۈچۈن كۆچەت تىكەيلى
ئوسمانجان مىسران
بىزنىڭ پەقەت بىرلا مۇقەددەس يەر شارىمىز بار،ئۇنى قوغداش ھەر بىر ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.
ئادەتتە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەڭ زور بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەسىرى نەتىجىسىدە ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. رايونىمىز شىنجاڭ تىپىك قۇرغاق رايون بولۇپ،ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز.بۇ دېگەنلىك رايونىمىزدا بىر تۈپ دەرەخ، گۈل-گىياھنىمۇ قوغداش لازىم، ئەگەر بىر تۈپ دەرەخنى كېسىش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا ئون تۈپ كۆچەت قويۇش كېرەك دېگەنلىكتۇر. يەنى رايونىمىزدا ھۆل -يېغىننىڭ كەمچىل بولۇشى، سۇغۇرۇش سۇلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن ئەھيا قىلىنغان كۆچەتلەرنىڭ سانى ئاز، ئۆزى يوق ، كۆلىمى بار ، ئورمان يوق بولۇشتەك ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
ئىككى مىليوندىن ئارتۇق نوپوسقا ئىگە مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ سىياسى،مەدەنىيەت،ئىقتىساد مەركىزى. ئۇنىڭ مۇھىتىنىڭ ياخشى يامان بولۇشى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش،خىزمەت،ئۆگىنىش ۋە سالامەتلىك ئەھۋاللىرىغا بىۋاستە تەسېر كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىك، دۆلەت ۋە خەلقئارا سەۋيىلىك سودا ئىشلىرى، ھەر خىل ئېچىش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش ۋە شەھەر ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساسىي ھالقا. دىمەك، تازلىق- سالامەتلىك- پاكىزە مۇھىت -ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىر -بىرىگە چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىسى ئۇرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ، مەبلەغ سېلىشى نەتىجىسىدە شەھەر مۇھىتىنى ياخشىلاش، كۆكەرتىش كۆلىمىنى زورايتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپىدىكى قاقاس تاغلارنى كۆكەرتىش ، شەھەر ئىچىدىكى بوش يەرلەرنى يېشىللاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئىشلەپ، ھەر بىر كىشىگە توغرا كېلىدىغان يېشىللىق كۆلىمىنى 4.6 كۇۋادىرات مېتىرغا يەتكۈزدى. لېكىن بۇ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 6.4 كۇۋادىرات مېتىرلىق سەۋيىسىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش كۆلىمى 140 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ،نوپوسنىڭ زىچلىقى ئىنتايىن يوقىرى، ھەر بىر كۇۋادىرات كىلومېتىر يەرگە 15 مىڭ دىن ئارتۇق ئادەم توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ، ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق.
ئاپتونوم رايونىمىزدا يىلدا بىر قىتىم مەجبۇرىيەت كۆچەت تىكىش پائالىيىتى بار،لېكىن مەجبۇرىيەت بولغاچقىمۇ بۇ خىزمەت تا ھازىرغىچە شەكىلۋازلىقتىن باش تارتالمىدى.بۇ يىل بۇ يەردە بولسا يەنە بىر يىلى باشقا جايدا ئىلىپ بېرىلىپ،تىكىلگەن كۆچەتلەر كۆپىنچە پەرۋىشسىز قىلىپ،بىھۇدە ئىسراپچىلىق بولماقتا.
يۇقىرقىدەك ئۈنۈمسىز كۆكەرتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە كۆكەرتىش سۈرئىتىنى تىزلىتىش ئۈچۈن ئالاقىدار تارماقلار كۆچەت تىكىشكە مۇنداق ئىسلاھ ئىلىپ بارغان بولسا؛
1.مۇھەببەت كۆچىتى.
ئۈرۈمچى شەھرىدە كۈنىدە توي خېتى ئالىدىغان كىشى سانى 500 دىن 1000 گىچە دىسەك،ھەر بىر جۈپكە بىر كۆچەت تىكىش ۋەزىپە قىلىش،ئەگەر كۆچەت تېكىش پەسلىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا كىلەر يىلغا ۋەزىپىگە قويۇش. ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىنمىسا توي خېتى بەرمەسلىك ياكى ئېغىر جەرىمانە قويۇش.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىتىنىڭ ئورمان قانۇنى 11-ماددىدا < كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش،ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش پۇقرالارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى.ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئومۇمىي خەلقنى مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشكە تەشكىللەپ،كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم> دەپ بىكىتىلگەن. شۇڭا ھەر قايسى رايوندىكى كۆكەرتىلمەكچى بولغان ئورۇنلار مەخسۇس <مۇھەببەت> رايونى ئاجرىتىپ توي قىلماقچى بولغان بىرجۈپلەرنىڭ كۆچەت سېتىۋىلىشىغا،كۆچەت تىكىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش،ھەم ئۇلارغا مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ يېقىندىن ياردەمدە بولۇش.مەھەلىلەردىكى ئاھالە كومېتىتلىرى خەت ئالماقچى بولغان بىرجۈپكە بۇ ئەھمىيەتلىك خىزمەتنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ،كۆچەت تىكىشكە بەلگىلەنگەن ئورۇننى كۆرسىتىش.
ئادەتتە بىر توي خېتى ئىلىش ئۈچۈن ئون يۈەن ئەتراپىدا پۇل كىتىدۇ.ئۆزىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە <ئىسپاتنامە> ئالماقچى بولغان بىر جۈپكە نىسبەتەن،يېرىم كۈن ۋاقتىنى ئاجرىتىپ ئۆز ئېقتىسادى بىلەن بىر تال كۆچەت تىكىش تەس ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە!!
2.پەرۋىش قىلىش ۋە ئاسراش.
كۆچەت تىكىلگەنكەن چوقۇم توختاۋسىز پەرۋىشى بولىدۇ.ئورمان بەرپا قىلىنماقچى بولغان رايونلار بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس كىشى ئاجىرتىپ قەرەللىك سۇغۇرۇپ،پەرۋىش قىلىپ كۆچەتنىڭ ئاينىشىغا كاپالەت بېرىشى كېرەك.كۆچەت ئاينىپ چوڭ دەرەخ بولغاندا ئۇ يەرگە ئۆز لايىقىدا ئىسىم قويۇپ (سايباغ رايونلۇق مۇھەببەت ئورمىنى دىگەندەك...بەك رومانتىك بولۇپ كەتتىمۇ قانداق..ھى ھى ) سىرىتقا ھەقسىز ئىچىۋىتىش.تىكىلگەن ھەر بىر كۆچەتنىڭ قېشىغا شۇ كۆچەتنى تىككەن كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى،تىكىلگەن يىل ئاي كۈنىنى كىچىك تاختىچاق قىلىپ بىكىتىپ قويۇش.ئەگەر مۇھەببەتلىك تۇرمۇش بۇزۇلۇپ (خۇدايىم ساقلىسۇن) ياكى ئۆلۈم يىتىم بولغاندا ئىسىم تاختىسى ئىلىۋىتىش ياكى ئۆچۈرۋىتىشكە بولىدۇ.
سىز ھەم سىزنىڭ رەپقىڭىز،كەلگۈسى ئون يىلدىن كىيىن بالىڭىزنى ئەگەشتۈرۈپ،ئۆز قولۇڭلار بىلەن تىكىلگەن،مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىڭلارغا سىموۋىل بولغان ھەم سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار بىلەن تەڭ چوڭ بولىۋاتقان <مۇھەببەت دەرىخى> نىڭ ئاستىدا سايىلەنگەچ ئەتراپقا نەزەر تاشلىسىڭىز ئون يىل ئالدىدىكى شۇ كىچىككىنە ئىشىڭىزدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايسىز.يىل-ئايلار ئۆتۈپ مۇشۇنداق ساناقسىز بىر تال كۆچەت چوڭ بىر ئورمان بولغاندا،بالا-نەۋرىڭىز ياكى چەۋرىڭىز...سىز ھەم سۆيگۈنىڭىز بىلەن تىككەن دەرەخنى سىلاپ سىىلەرنى يادقا ئالغاندا روھىڭىز بولسىمۇ قۇۋەت تېپىپ قالار..
3.دېپلوم ۋە پاسپورىت كۆچىتى.
ئالىي مەكتەپكە چىققانلار،ئۆز ئانا ماكانىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ چەتئەلگە ئوقۇشقا ياكى تۇققان يوقلاشقا مېڭىش ئۈچۈن پاسپورىت ئىلىشنى تەلەپ قىلغانلار.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىتىنىڭ ئورمان قانۇنى 26-ماددىسىدا < ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پىلانىنى تۈزۈشى،ئۆز رايونىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈررۈش كۈرەش نىشانىنى ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ بىكىتىش لازىم> دەپ بىكىتىلگەن.
بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىمۇ يۇقىرقىغا ئوخشاش ئاھالىلەر كومىتىنىڭ باشقۇرىشى ۋە خەت بېرىشى بىلەن بولىشى كېرەك. دىيارىمىزدا بىر پاسپورىت ئىلىش ئۈچۈن ج خ ئىدارىلىرىگە بەش قىتىم،ئاھالىلەر كومىتىتىغا تۆت قىتىم يۈگىرەيمىز.شۇنچىلىك يولنى يىراى-يىقىن،تەس-ئاسان دىمەي ماڭغان يەردە ئۆزىمىز تۇرىدىغان رايونىمىزغا بىر تال كۆچەتنى تىكىپ،شۇ يەرنىڭمۇ تامغىسىنى قوشۇپ قويساق،مەنچە بۇ ھىچقانچە ئىش ئەمەسقۇ دەيمەن.ئىچكىردە ئالتە يىل ئوقۇپ ياكى چەتئەلدە بەش-ئون يىل تۇرۇپ دىيارىڭىزغا قايتىپ كەلگەندە ئۆز ۋاقتىدا تىككەن كۆچەتنىڭ دەرەخ بولۇپ سىز بىلەن تەڭ مۇستەھكەم تۇرغانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە،بىر يىل تۆت پەسىلنىڭ،قار-بورانلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ ئەي بولغان شۇ دەرەخنىڭ غوللىرىنى سىلىغىنىڭىزدا، بىلىپ-بىلمەي ئۆزىڭىزدىن پەخىرلىنىپ قالىسىز،شۇ چاغدا ۋەتەنگە،جەمىيەتكە،ئەۋلادلارغا بىر تال كۆچەت ئەمەس،ساپ مۇھىتتىن بىرنى ئاتا قىلغىنىڭىزنى ھىس قىلىسىز.
يۇقىرقىلار پېقىرنىڭ مۇشۇ سانائەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقان يۇرتۇمغا،بۇلغىنىۋاتقان ئىكىلوگىيەلىك مۇھىتتا تۇغۇلۇپ ئەمما ھىچنىمىنى سەزمەي چوڭ بولىۋاتقان ناراسىدىلەرگە،بۈگۈنگە ھەم ئەتىگە قاراپ ئاچچىق كىكىرىپ قىلغان خىيالىم خالاس،بۇ ئارزۇلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغىمۇ ئانچە ئۈمىد باغلاپ كەتمەيمەن،لېكىن كەلگۈسى ئەۋلاد ئۈچۈن،مۇشۇ يىشىل پىلانىتتا ھاياتلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز ساغلام داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى،جارچىسى ھەم جەڭچىسى بولۇشقا تەييارمەن!!
ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى ، بىزنىڭ پەقەت بىرلا يەر شارىمىز بار!!
پايدىلانغان ماتىرىياللار؛جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمانچىلىق قانۇنى
بۇخارىست شەھرىنىڭ شەھەر مۇھىتى ئۈچۈن پېقىرغا ئوخشاش خىيالدا بولغانلىقى مىنى خوشال قىلدى،ئەمما مەن بۇ ماقالىنى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىگە ئۆتكەن يىلى ئەۋەتكەن بولساممۇ شۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلىنماي قايتۇرۇلغان،ئەمدىلىكتە باشقىلارنىڭ 'ئۆزگىچە''تەدبىرىنى ''ئانداق قىلدى،مانداق قىلدى..''دەپ خەۋەر قىلىپتۇ...قىززىق دىسە!!