كۆرۈش: 19363|ئىنكاس: 20

باي ناھىيەسىنىڭ تارىخى (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغۇن13325
تىللا
1162
تۆھپە
351
UID
3059

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 22:37:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

DSC_4137111.JPG


باي ناھيىسىنىڭ تارىخى(1)

چوڭ ئىشلار

خەن سۇلالىسى دەۋرى

شېنجۆ 2 _ يىلى (مىلادىيىدىن  ئلگىرىكى  60 _يىلى )

ھۇن باتىسقانى خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى . خەن سۇلالىسى كۈسەندىكى ئۇرلىدا  غەربىي  يۇرت  قۇرۇقچىبەگ  مەھكىمىسى قۇردى ،باي قۇم بەگلىكى بىلەن بىللە خەن سۇلالىسىنىڭ زېمىن تەۋەلىكىگە ئۆتتى.

جيەنجاۋ 3-يىلى (مىلادىيىدىن ئلگىرىكى36_يىلى )

-غەربىي يۇرت قۇرۇقچىبېگى گەن يەنشۇ  ھازىرقى ئونسۇ ، باي ناھىيىلىرى تۇتىشىدىغان جايدىكى  تاغ يولى ئارقىلىق  كانجۇتغا بېرىپ  كانجۇتغا قېچىپ بېرىۋالغان ھۇن تەڭىرىقۇتى قۇتئۇشنى تېرىك تۇتىۋېلىپ كاللىسىنى ئالدى .

يېڭى ۋاڭماڭ زامانىنىڭ  تىيەنفېڭ  3_يىلى (16 _يىلى )

قۇم ئونسۇنى ئۆزىگە قۇشۇۋالدى ، باينىڭ غەربىي تەرەپلىرى يەنلا  قۇمغا قارىدى .

شەرقىي خەن سۇلالىسنىڭ جيەنۋۇ 22 _يىلى (46 _يىلى )

قىشتا  ساكارائۇل بېگى شيەن كۈسەن بېگىنى ئۆلتۈرۈپ ،كۈسەن ، قۇملارنى ئۆزىگە قۇشۇۋالدى ،باي ساكارائۇل بېگىنىڭ ھۈكۈمرانلىقىدا بولدى .

شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ جاڭخې  1 _يىلى (87 _يىلى )

بەن چاۋ ساكارائۇلنى  يۇقاتتى ، ساكارائۇلغا قاراپ كىلۋاتقان كۈسەن ،قۇم بەگلىكلىرىنىڭ  ئەسكەرلىرى تەرەپ _ تەرەپكە قېچىپ كەتتى .

      شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ يۇڭگۇاڭ  3 _يىلى (91 _يىلى )

12 –ئايدا باي قۇم ،كۈسەنلەر  بىلەن بىرلىكتە  خەن سۇلالىسىغا ئەل بولدى .

      شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ يۇڭچۇ  1 _ يىلى (107 _يىلى )

6-ئايدا خەن سۇلالسى غەربىي يۇرت قۇرۇقچىبەگ مەھكىمسىدىن ۋاز كەچتى.باي تەۋەسى قايتىدىن ھۇنلارنىڭ ھۈكۈمرانلقغا ئۆتتى.

     شەرقىي خەن سۇلالسىنىڭ يەنگۇاڭ3-يىلى (124-يىلى)

بەن يۇڭ كۈسەن ،قۇم بەگلىكلىرىنىڭ  قۇشۇنىنى باشلاپ  قاڭقىللارنىڭ ئالدى ئوردسىغا ھۇجۇم قىلدى.باي تەۋەسى كۈسەن،قۇملار بىلەن بىللە يەنە خەن سۇلالىسىغا قاردى .

يۇڭشۇ 4 –يىلى (158 –يىلى )

8 –ئايدا كۈسەننىڭ  سول قانات سانغۇنى ليۇ پىڭگو ھازىرىقى باي ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى كىلەلىك تېغىدا قاراۋۇلخانا قۇردى ھەم ئۆزىنىڭ  تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئابىدە تۇرغۇزدى .

ۋېي ،جىن  سۇلالىلىرى ۋە جەنۇبىي ، شىمالىي سۇلالىلەر  دەۋىرلىرى

ۋېي سۇلالىسىنىڭ خۇاڭچۇ 3 –يىلى (222 –يىلى )

باي كۈسەننىڭ تەركىبىدە غەربىي يۇرت قورۇل چېرىكچىبېگىگە قاردى .

جىن سۇلالىسىنىڭ شىيەنكاڭ 1 –يىلى (335 –يىلى )

غەربىي يۇرت تامامەن ئالدىنقى لياڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنغا تەۋە بولدى ، باي            كۈسەننىڭ  تەركىبىدە غەربىي يۇرت چېرىكچىبېگى ياڭ شۈەننىڭ باشقۇرشىدا بولدى .

جىن سۇلالىسىنىڭ يۇڭخې 1 –يىلى (345 –يىلى )

12 –ئايدا جاڭ جۈن كىنگىتكە جازا يۈرشى قىلدى . بۇنۇڭدىن بۇرۇن          كىنىگىت بېـگى ئار چۇنى خۇي كۈسەن بېگى سۇۋرارنا شەننى يوقىتىپ كۈسەن بەگىلىكىنى ئىگىلىۋالغاچقا ، بايمۇ كىنگىت بەگىلىكىنىڭ ھۈكۈمىرانلىقىدا بولغانىدى .

ئالدىنىقى چىن سۇلالىسىنىڭ جىيەنيۈەن 19 –يىلى (383 –يىلى )

ئالدىنقى لىياڭ بىگى لۈگۇڭ قوشۇن باشلاپ غەربىي يۇرتقا يۈرۈش قىلدى .

كىيىنكى يىلى ئۇ كۈسەن شەھىرنى ئالدى ،شۇنىڭ بىلەن كۈسەنگە قارام

بۇلۇپ كىلۋاتقان باي ئالدىنقى چىن بەگلىكىگە بېقىندى .

كىيىنكى لياڭ بەگىلىكىنىڭ تەيئەن 1- يىلى (386-يىلى)

ليۇ گۇاڭ كىيىنكى لىياڭ ھاكىمىيىتىنى قۇردى. كىيىن ئۇنىڭ ئوغىلى لۈفۇ

خاننىڭ ئەمىرى بىلەن غەرىبنى تىنىچلاندۇرغۇچى سانغۇن، غەربى يۇرۇت   باشقۇرۇقچىبېگى بولدى، باي ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتتى.

كىيىنىك لىياڭ بەگلىكىنىڭ شيەننىڭ 1-،2-يىللىرى (399 -،400-           يىللىرى )

3 –ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 4 –ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قىزىل مىڭئۆيى     قېزلىشقا باشلىدى .

شىمالىي ۋېىي سۇلالىسىنىڭ تەيچاڭ 7 –يىلى (422 –يىلى )

كۈسەن ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى باي شىمالىي لىياڭ سۇلالىسىغا قارىدى .

شىمالىي ۋېىي سۇلالىسىنىڭ تەيپىڭ جېنجۈن 9 –يىلى (448 –يىلى )

شىمالىي ۋېىي سۇلالىسى كۈسەنگە ھۇجۇم قىلدى . كۈسەن، بايلار شىمالىي

سۇلالىسىغا قارىدى .

شىمالىي ۋېىي سۇلالىسىنىڭ جېڭشى 4 –يىلى (507 –يىلى )

كۈسەن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى باي ئېفتالىتلارنىڭ  ھۈكۈمىرانىلىقىغا

ئۆتتى .

شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ باۋدېڭ 5 –يىلى (565 –يىلى )

تۈركىلەر ئېفتالىتلارىنى يۇقاتتى . باي كۈسەن بىلەن بىللە تۈرۈكلەرنىڭ      

ھۈكۈمىرانلىقىدا   

سۈي سۇلالىسىنىڭ كەيخۇاڭ 3 –يىلى (583 –يىلى )

تۈرۈك خانلىقى  شەرقىي تۈرۈك خانلىقى ۋە غەربىي تۈرۈك خانلىقى دەپ ئككىگە بۈلۈندى . باي غەربى تۈرۈك خانلىقنڭ ھۈكۈمىرانلىقىدا بولدى .

سۈي سۇلالىسىنىڭ دايى يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرى (610 –يىللىر ى)

قىزىل   مىڭئۆيىنىڭ 205 –ئۆڭكۈردىكى تام رەسملىرىگە كۈسەن بېگى توتىكا كۈسەنچە بېغىشلىمىسى يېزىلدى.

تاڭ سۇلالىسى دەۋى

ۋۇدى 7 –يىلى (624-يىلى )

قىزىل مىڭئۆيدىكى تام رەسملىرىگە كۈسەن بېگى سۇۋارناتىۋارنڭ كۈسەنچە بېغىشلىمىسى يېزىلدى .

جېنگۇەن 4-يىلى (630-يىلى )

قىشتا شۈەنزاڭ كۈسەندىن غەرىبىكە قاراپ ئككى كۈن مېڭىپ ھازىرىقى سايرامدىن ئۆتكەندە شىمالدىكى تاغىدىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق تۈرۈك ئەسكىرى بۇلاڭ –تالاڭ قىلدى تۈرۈك ئەسكىرلىرى ئولجىنى تەڭ بۈلۈشەلمەي ،ئۆز ئارا ئۇرشۇپ تەرەپ –تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشتى ، كىيىن شۈەنزاڭ يەنە ھازىرىقىباي بازىرى ئارقىلىق غەرىبكە قاراپ سەپەر قىلدى .

جېنگۇەن 21-يىلى (647-يىلى )

كۈسەن سۇۋارناتىۋا ئۆلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا ئنىسى خەرىپوسپا  ۋارىسلىق قىلدى ، قىزىل مىڭئۆيدىكى تام رەسملىردە ئۇنىڭ كۈسەنچە بېغىشلىمسى بار .

جېنگۇەن 22 –يىلى (648 –يىلى )

تاڭ سۇلالىسى كۈسەندە ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى قۇردى ، باي ئۇنىڭ باشقۇرشىدا بولدى .

شيەنچىڭ 3-يىلى (658-يىلى)

تاڭ سۇلالىسى قۇم ئايمىقىنى قۇردى،باينىڭ غەربىي تەرەپلىرى قۇم ئايمىقىغا قارىدى.  

جېنيۈن 5 – يىلى (789 )يىلى

تۈبۈتلەر تەڭىرىتاغنىڭ جەنۇبىنى ئىگىلىدى ، باي تۈبۈتلەرگە تەۋە بولدى .

جېنيۈن15 – يىلى (799 –يىلى)

ئۇيغۇرلار كۈسەن ، بايلارنى ئالدى .

خۇيچاڭ 2 – يىلى (842 – يىلى)

قىرغىزلار  كۈسەن ، بايلارنى ئالدى .

داجۇڭ 2 – يىلى (848 – يىلى )

ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا بىر قەبىلىسىدىن مەڭلىك تېگىن ئەنشىدە ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىدى ، بۇلار تارىختا  كۈسەن ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتالدى ،باي مۇشۇ خانلىقنىڭ باشقۇرشىدا بولدى .

جىڭفۇ 2 – يىلى (893 –يىلى )

قاراخانىيلار سۇلالىسى قەشقەرنى پايتەخىت قىلدى ، باي ئۇنىڭ تەسىر دائىرسىدە بولدى .

سۇڭ ، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرى

سۇڭ سۇلالىسىنىڭ شۈەنخې 5 – يىلى (1124 – يىلى)

كۈسەن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى باي قارا قىتانىلارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئۆتتى .

جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جيادىڭ 4 – يىلى (1211 – يىلى )

نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك قارا قىتان  ىاننىڭ تەختىنى تارتىۋالدى ، باي ئۇنىڭ  ھۈكۈمرانىلىقىدابولدى .  

مۇڭغۇل خانى چىڭگىزخان  زامانىنىڭ 13– يىلى (1218 – يىلى )

چىڭگىزخان قۇشۇنىنىڭ سانغۇنى جەبە نويان قۇشۇن باشلاپ كېلىپ كۈچلۈكنى ئۆلتۈرۈپ ، باي قاتارلىق جايلارنى ھۇكۇمرانلىق ئاستىغا ئالدى .

مۇڭغۇل خانى چىڭگىزخان زاماننىڭ 20 – يىلى (1225 – يىلى )

چىڭگىزخان ئوغۇللىرىغا سۇيۇرغاللىق يەر بۆلۈپ بەرگەندە ، 2 – ئوغىلى چاغاتايغا  تەڭىرتاغىنىڭ ج جەنۇبىي ۋە شىمالىنى بۆلۈپ بەردى ،چاغاتاي بۇ جايلاردا چاغاتاي خانلىقىنى قۇردى ، باي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تەۋەسىدە بولدى .

يۈەن سۇلالىسىنىڭ جىيۈەن 5 – يىلى (1268 – يىلى )

ئۆگەدەيخاننىڭ نەۋرىسى قايدۇ بەراق بىلەن ئىتتپاق تۈزۈپ مەركىزىي ھاكىميەتىكە قارشىى چىقتى،باي بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچىردى .

يۈەن سۇلالىسىنىڭ جىجېڭ13 – يىلى (1353 – يىلى )

مەۋلانا ئەرشىدىن كۇچادا ئىسىلام دىنى تارقاتتى ، شۇنىڭ بىلەن باي تەۋەسىدە ئىسلام مۇرتلىرى كۆپەيدى.

يۈەن سۇلالىسىنىڭ جىجېڭ 21 – يىلى (1361 – يىلى )

چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن  توغلۇق تۈمۈرخان قۇشۇن باشلاپ كېلىپ ، شاياردا  تۇپىلاڭ كۆتۈرگەن ئون مىڭ بۇددىستنى باستۇرغاندىن كېيىن باي ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا كىردى . باي چاغاتاي خانلىغىنىڭ باشقۇرشىغا ئۆتتى .

مىڭ سۇلالىسى دەۋرى

چېڭخۇا 5 – يىلى (1469 – يىلى)

دوست مۇھەممەتخان ئۆلدى ، ئۇنىڭ تاغسى يۇنۇسخان كۇچا ، ئۇنسۇلارنى ئالدى ، باي يۇنۇسخاننىڭ تەسىر دائىرسىگە ئۆتتى.                           

خۇڭجى 17 – يىلى (1504 – يىلى )

ئەھمەدخاننىڭ چوڭ ئوغىلى مەنسۇرخان ئوردا ئىچىدە ماجىرا يۈز بەرگەندىن كېيىن باي ، كۇچا ئەتراپىلىرىغا چىكىنىدى .

جېڭدې 11 – يىلى (1516 – ييلى )

چاغاتاي خانلىقىنىڭ كۇچا ، بايدىكى باش ۋالىسى باباجاك سۇلىتان يار كەنىتىكە بېرىپ ، مەنسۇرخان بىلەن ئاكا – ئۇكا سەئىدخان ئككىسىنى ياراشتۇردى ، سەئىدخان ئاكىسى مەنسۇرخانغا بوي سۇنىدىغانىلىقىنى بىلىدۈردى .

جياجىڭ 12 – يىلى (1533 –يىلى )

سەئىدىيە خانلىقى چاغاتاي خانلىقىدىن  ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولدى ، باي سەئىدىيە خانلىقىنىڭ باشقۇرشىغا  ئۆتتى .

ۋەنلى 37 – يىلى (1609 – يىلى )

سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تۇرپاندىكى باش ۋالىيسى سۇلتان ئىبىراھىم باينى تارتىۋالدى .

چىڭ سۇلالىسى دەۋرى

كاڭشى 17 – يىلى (1678 – يىلى )

جۇڭخار خانى غالدان تەڭىرتاغىنىڭ جەنۇبىنى بويسۇندۇردى ، باي ئۇنىڭ ھۈكۈمرانلىقىغا ئۆتتى .

چيەنلۇڭ 20 – يىلى (1755 – يىلى )

چىڭ سۇلالىسى جۇڭخارلارنىڭ سەردارى داۋاچىنى بېسىقتۇرغاندىن كېيىن ، باينىڭ بېگى سېتىۋالدى ئىلغا بېرىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنىغا ياردەملەشتى .

چيەنلۇڭ 21 – يىلى (1756 – يىلى )

باينىڭ بېگى سېتىۋالدى چېگرانى تىنىچلاندۇرغۇچى ئوڭ قانات يانداش سانغۇن تەرپىدىن تەڭىرتاغىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەربىي ئەھۋالىنى چارلاشقا ئەۋەتىلدى . ئۇ قايتىپ كىلىش سەپىرىدە  جىرغىلاڭ دېگەن يەردە ماغاچىننى يۇقىتىش ئۇرشىغا قاتىنىىشپ ، ئۇرۇش قىلىۋاتقانلار بىلەن بىرگە نىما قاتارلىق ئادەملەرنى يۇقاتتى ، كېيىن قورشاۋدا قېلىپ ياردەم يىتىپ كەلگەندىن كېيىن قورشاۋنى بۈسۈپ چىقىپ باركۆلگە كەلدى .

باينىڭ ھاكىمبېگى گاداي مۇھەممەت چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنىنىڭ جۇڭخارلارنى تىنجىتقانلىقىنى ئاڭلاپ ، چوڭ ئوغىلى ئابدۇراھماننى ئېلىپ باينى تاشلاپ ئىلىغا كەتتى .

چيەنلۇڭ 22 – يىلى (1757 – يىلى )

خوجىجاھان سايرام ئاھالىسىدىن 100 نەچچە كىشىنى توپلاڭ كۈتۈرۈشكە قىستىدى ھەم ئۇلارنى ئاقسۇغا كۈچۈرمەكچى بولدى ، سايراملىقلار خوجىجاھانغا ئەگەشمىدى . سايراملىق ئاغاسىبەگ قاتارلىقلار كېچىدە خوجىجاھاننىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ،چىڭ سۇلالىسىغا ئەل بولدى . چىڭ سۇلالىسى سايرامغا 3 – دەرىجىلىك ھاكىمبەگدىن  بىرنى ، بايغا 4 – دەرىجىلىك ھاكىمبەگدىن بىرنى قويدى .

چيەنلۇڭ 23 – يىلى (1758 – يىلى )

بىر قىسىم بۇيرۇتلار چىڭ سۇلالىسىغا ئەل بولدى ، ئۇلارغا ياقائېرىقتىكى ھەربىي رابات ئەتراپى مال باقىدىغان يەر قىلىپ بېرىلدى .

چيەنلۇڭ 25 – يىلى (1760 – يىلى )

2 – ئايدا سايرام ، بايلاردىن نەچچە 10ئائىللىك ئۇيغۇر پەرمانغا بىنائەن ئىلغار بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا ماڭدى .

5-ئايدا مۇز داۋان يولنىڭ جاپالىق بۆلەكلىرنى ياساشقا ھەركۈنى 10ئادەم ئەۋەتىلدى ،چىيەنلۇڭ خان 10ئادەمنىڭ كۈچى يېتىشمەيدۇ ،كۆپرەك ئادەم ئەۋەتىپ مەسۇل قىلىش توغىرسىدا يارلىق چۈشۈردى .يول ياسىغۇچىلار داۋانچى دەپ ئاتالدى .كېيىن ئۇلار 70ئائىلىگە كۆپەيدى .

12ئاينىڭ 17-كۈنى سايرام ،باي قاتارلىق تۆت شەھەرنىڭ بېگى 24.4توننا ئاشلىق يىغىپ ئىلىدا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق  قىلۋاتقان مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. چىيەنلۇڭ 26-يىلى (1761-يىلى )

پادىشاھ جەمەتىدىن گوڭرۇسۇڭ قاتارلىقلار سايرام ،باي قاتارلىق مۇسۇلمان شەھەرلەرنىڭ بېگىنى باشلاپ پايتەخىتكە خانغا سالام بېرىشكە باردى .6-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سالى قاتارلىق بەگلەر پايتەخىتتىكى شىخۇامېن قوۋقىنىڭ سىرتىدا خانغا سالام بەردى .

چىيەنلۇڭ 28-يىلى (1763-يىلى )

9-ئاينىڭ 14-كۈنى سايرام ،باي شەھەرلىردىن 130ئائىللىك ئۇيغۇر بۇيرۇق بويۇىچە ئىلىغا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا ماڭدى .

چىيەنلۇڭ 30-يىلى (1772-يىلى )

سايرام 750دادەن ،باي 364دادەن ئاشلىق تاپشۇردى

ھاكىمبەگ گاداي مۇھەممەت ئەركانبەگلىككەتەيىنلىدى .

چيەنلۇڭ 41 – يىلى (1776 – يىلى )

سايرام 782 دادەن ،باي 364 دادەن ئاشلىق تاپشۇرى .

جياچىڭ 8 – يىلى (1803 – يىلى )

خې نىڭ قەشقەرنىڭ مەسلھەتچى ئامباللىقىغا يۆتكەلدى . ئۇ 《مۇسۇلمانلار يۇرتىنىڭ ئومومىى تەزكىرىسى 》نى يازغان بۇلۇپ ، ئۇنىڭدا قىزىل ئۆتىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 30 نەچچە چاقىرىم كېلىدىغان تاغ ئارىسىدا مىڭئۆي بارلىقىنى ، شۇ يىلى سايرام مۇسۇلمانلىرىنىڭ 946 دادەن بەش كۈرە سەككىز شىڭ 77 ئوچۇم ، باي مۇسۇلمانلىرنىڭ 513 دادەن تۆت شىڭ بىر ئوچۇم ئاشلىق تاپشۇرغانلىقى خاتىرلەنگەن .

داۋگۇاڭ 5 – يىلى (1825 – يىلى )

12   – ئاينىڭ 22 – كۈنى سايرامنىڭ 4 – دەرىجىلىك  ھاكىمبېگى مىرىبۇللا قاتارلىقلار پايتەخىتكە بېرىپ ، شېنۋۇ قوۋقىنىڭ سرتىدا خانغا سالام بەردى .

داۋگۇاڭ 8 –يىلى (1828 – يىلى )

باي 5013 دادەن ئاشلىق تاپشۇردى .

داۋگۇڭ 9  – يىلى (1829 – يىلى )

1– ئاينىڭ 17 – كۈنى سايرامنىڭ 3 – دەرىجىلىك ھاكىمبېگى يۈسۈپ قاتارلىق ئۈچ كىشى پايتەخىتتىكى شىخۇا قۇۋتىنىڭ سىرتىدا خانغا سالام بەردى .

داۋگۇڭ 13 – يىلى (1833 – يىلى )

باي 11 مىڭ دادەن ئاشلىق تاپشۇردى .   

داۋگۇاڭ  14 – يىلى ( 4 183   يىلى )

12 ئاينىڭ  23 كۈنى سايرامنىڭ 5 – دەرىجىلىك خەزىنىچىبېگى ئابدۇرېھىم قاتارلىق ئككىى كىشى پايتەخىتىكە بېرىپ ، شىيۈەن قۇۋقىنىڭ سىرتىدا خانغا سالام بەردى .

داۋگۇاڭ 16 يىلى (1836 – يىلى )

12ئاينىڭ  23 كۈنى سايرامنىڭ  3 – دەرىجىلىك ھاكىمبېگى ئارىپ قاتارلىق ئىككى كىشى پايتەخىتكە بېرىپ غەربىي قوۋۇق سىرتىدا خانغا سالام بەردى ،ئەتىسى ئوردا ئۇلارغا پۆپۈك ئنئام قىلدى .

داۋگۇاڭ 17 – يىلى (1837 – يىلى )

1 – ئاينىڭ 29 – كۈنى سايرامنىڭ  3 – دەرىجىلىك ھاكىمبېگى ئارىپ قاتارلىق ئىككى كىشى پايتەخىتكە بېرىپ ، شىيۈەن قوۋقىنىڭ سىرتىدا خانغا سالام بەردى .

داۋگۇاڭ 25 – يىلى (1845 – يىلى )

2 – ئاينىڭ 23 –كۈنى لىن زېشۈ قىزىل دەرياسىدىن ئۆتۈپ ، غەرىبكە قاراپ 20 كىلومىتىر مېڭىپ سايرامغا كەلدى .

شيەنفېڭ 1 – يىلى (1851 – يىلى )

6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى يار كەنىتكە يېڭىدىن ياردەمچى ئامباللىققا تەيىنلەنگەن ئورېن (مۇڭغۇل ، يانداش   تۇتۇق مەرتىۋىسى بار )كۇچادىن غەرىبكە مېڭىشىدا كىچىدە قىزىلغا كىلىپ قوندى ، 10 كۈندىن كېيىن بايدىن كەتتى .

تۇڭجى 1 – يىلى (1862- يىلى )

ئەيسا گۇمباز قاتارلىقىلار سېلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن جىدەل چىقاردى .

تۇڭجى 3 – يىلى (1864- يىلى )

خالىس ساۋاقخانا قۇرۇلۇپ ، ساۋاق بېرىشكە ئۇستاز تەكىلىپ قىلىندى ، ساۋاقخانا ئايدا 60 ~70  سەر سەرپ قىلىندى .

شۇ يىلى ئۇيغۇر دىھىقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈردى .

تۇڭجى 6 – يىلى (1867- يىلى )

يازدا قۇقەندلىك ياقۇپبەگ قۇشۇنى راشىدىن خۇجا قۇشۇنى بىلەن ھازىرىقى ياقېرىقىتا كەسكىن جەڭ قىلىدى ، ياقۇپبەگ قۇشۇنى غەلىبە قىلىپ قىزىلغا بېسىپ كىردى .

تۇڭجى 9 – يىلى( 1870 - يىلى )

3 – ئايدا تۇرپان قۇشۇنى باي خەلىقىنىڭ يارىدىمىدەباينى ياقۇپبەگ قۇشۇنىدىن تارتىۋالىدى ؛ تۇرپان قۇشۇنى چىكىنگەندىن كېيىن باي يەنە ياقۇپبەگنىڭ قۇلىغا ئۆتۈپ كەتتى .

گۇاڭىشۈ 3 – يىلى (1877 – يىلى )

9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنىنىڭ قۇماندانى ليۇ جىنتاڭ قىزىلغا يىتىپ كەلدى .

9 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ليۇ جىنتاڭ بايغا كىردى ، باينىڭ كاتتىۋېشى مەمەتتوختى قەلئە دەرۋازىسىنى ئېچىپ ئەل بولىدى . ليۇ جىنتاڭ سانغۇنلىرىنى غەرب تەرەپكە قاچقان دۈشمەنلەرنى جىددىي قوغلاشقا بۇيرىدى .

9 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى مىس كانغا كەلدى . دۈشمەننىڭ ئاتلىق قۇشۇنى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پۇقرانى ئالدىغا سېلپ ئۇرۇشقا كەلدى ، چىڭ قۇشۇنى دۈشمەننىڭ ئاتلىق قۇشۇنىنى يۇقىتىپ ، تۇتقۇن قىلىنغان ئاممىنى قۇتۇلدۇرۇپ ماكانغا قايتۇردى ھەمدە ياقۇپبەگنىڭ ئاقسۇغا قويغان ئەمەلدارىنى ئېتىپ ئۆلتۇردى .

بايدىكى ئۈستۇنكى مىس كان بىلەن تۆۋەنكى مىس كاندىن شۇ يىلى كونا بەلگىلمە بويچە ئوخشاشلا 26 مىڭ جىڭ مىس ئېلىندى .

گۇاڭىشۈ 6 – يىلى (1880 – يىلى)

بايدا ئۈچ خالىس ساۋاقخانا قۇرۇلدى ھەمدە ئۇلارغا يۇقىرى مائاش بىلەن ئۇقۇتقۇچى تەكىلىپ قىلندى .

گۇاڭىشۈ 8 – يىلى (1882 – يىلى

7 – ئايدا ليۇ جىنتاڭ ئوردىغا تەستىقلاتقۇزۇپ ، ئاقسۇغا كۆزەتكۈچى قويدى ؛ باي ناھىيسنىڭ تەسىس قىلىپ بىر ئامبال قويدى ، باي ناھىيىسگە باي ، سايراملىقلار قارىدى .

،شۇ يىلى تاللىق ،    مىڭبۇلاق ، قاراقچى ، ياتۇر  ئىشتاچى ، قارا ئۆتەڭ ، قارا ئۇيلۇق ، مىچىغ ، تۈۋەن قارا ، بۇلۇڭ ئۆستەڭلىرى چېپىلىپ ، 160 مىڭ مودىن ئارتۇق يەر سۇغۇرۇلدى .

گۇاڭىشۈ9 – يىلى (1883 – يىلى)

تاللىق ئۆستىڭنىڭ تارمىقى بولغان يۇلۇنياقا ئۆستىڭى بىلەن ئاسىل ، لاپار ، تىزاقاي ، بۇغان  جىرغىلاڭ ، توقسۇن ئۆستەڭلىرى چېپىلىپ ، 100 مىڭ مودىن ئارتۇق يەر سۇغۇرۇلدى .

گۇاڭىشۈ10– يىلى (1884 – يىلى)

ۋۇيىخۇت ، ئونباش ، ئۆتەڭ ، شاھتۇر ، داۋانچى ، قىمىز ئۆستەڭلىرى چېپىلىپ ،  100 مىڭ مودىن ئارتۇق يەر سۇغۇرۇلدى .

گۇاڭىشۈ12– يىلى (1886 – يىلى)

قەشقەر مۇداپىئە باش بوغى ئاقسۇغا يۆتكىلىپ ، باي قاتارلىق جايلارنى مۇداپىئە قىلدى . ياسىرىم ئۆستىڭى چېپىلىپ ، 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەر سۇغۇرۇلدى .

گۇاڭىشۈ21– يىلى (1895 – يىلى)

ناھىيىدە ھۆكۈمەت باشقۇرشىدىكى پاراۋانىلىق ئورنى قۇرۇلدى .

گۇاڭىشۈ 28 –،  29 يىللىرى (1902 -، 1903 – يىللىرى )

خۇنگانجى مەزھىپىنىڭ 22 – ئەۋلاد پىرى ئوتانى ئەۋەتكەن ئوتتۇرا ئاسىيانى تەكشۈرۈش ، ئەتىرتى قىزىل مىڭئۆيگە كېلىپ ، نۇرغۇن قوليازمىلارنى ئېلىپ كەتتى .

شۇ يىلى ئۇيغۇر تارىخشۇناس موللا مۇسا سايرامى 《تارىخى ئەمىنيە》نى يېزىشنى باشىلىدى .

گۇاڭىشۈ30– يىلى (1904 – يىلى)

شىنجاڭنىڭ باش مۇپەتتىشى لىيەن كۇي بايدا مىس قېزىشنى توختىتىشىنى بۇيرۇدى . كېيىن ۋاڭ شۇنەن شىنجاڭغا كېلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن مىس قېزىشنى ئەۋىج ئالدۇردى ، باي شىنجاڭدىكى مىس چىقىدىغان ئاساسىلىق رايۇن بۇلۇپ قالدى.

گۇاڭىشۈ32– يىلى (1906 – يىلى )

تۆۋەنكى كېۋەزلىك ئۆستىڭى چېپىلىپ ، 15 مىڭ مودىن ئارتۇق يەر سۇغۇرۇلدى .

گۇاڭىشۈ33– يىلى (1907 – يىلى )

ئامبال تەن جېنكۇن ناھىيىلىك مەھكىمە ئارقا كوچىسىدا ھۈكۈمەت باشقۇرشىدىكى باشلانغۇچ شۆتاڭ قۇردى .

گۇاڭىشۈ34– يىلى (1908 – يىلى )

موللامۇساسايرامى 《تارىخى ھەمىدى 》نى يېزىپ بولدى

《باي ناھىيىسىنىڭ يەرلىك تەزكىرىسى 》بېسىلىدى .

شۈەنتۇڭ 1 – يىلى (1909 – يىلى )

ناھىيىدە پوچتا ۋاكالەتخانىسى قۇرۇلدى .

ئامبال تەن جېنىكۇن ناھىيلىك مەھكىمە غەربىي كوچىسىدا ھۆكۈمەت باشقۇرشىدىكى ئوقەتچىلىك شۆتاڭى ، ھۈكۈمەت باشقۇرشىدىكى ھۈنەرۋەرلىك  شۆتاڭى ، ھۈكۈمەت باشقۇرشىدىكى  1 –خەنزۇتىلى شۆتاڭىنى ، شەرقىي يېزا _ سايرام يېزىسىدا  ھۈكۈمەت باشقۇرشىدىكى 2 – خەنزۇتىلى  شۆتاڭىنى  ، غەربىي يېزا _ياقائېرىق يېزىسىدا ھۈكۈمەت باشقۇرشىدىكى 3 – خەنزۇتىلى شۆتاڭىنى قۇردى  .

شۈەنتۇڭ 2 – يىلى (1910 – يىلى )

9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ناھىيلىك كېڭەش قۇرۇلدى .

ئامبال تەن جېنىكۇن مىڭبۇلاقتا ھۈكۈمەت باشقۇرشىدىكى4 – خەنزۇتىلى ھۈكۈمەت باشقۇرشىدىكى شۆتاڭىنى قۇردى  .

يېڭى تەيىنلەنگەن ئامبال خۇاڭ يۇڭ  ناھىيلىك مەھكىمە غەربىي كوچىسىدا ھۈكۈمەت باشقۇرشىدىكى دۆلەت تىلى ئۆگىتىش ئورنىنى قۇردى .

شۈەنتۇڭ 3 – يىلى (1911 – يىلى )

3 – ئايدا ئامبال خۇاڭ يۇڭ ئۆلدى .


داۋامى بار


مەنبە،باي ناھىيىسى تەزكىرسى ناملىق كىتاپتىن.

                       


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
461
تۆھپە
253
UID
1698
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 11:21:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىختىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغۇن13325
تىللا
1162
تۆھپە
351
UID
3059

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 11:31:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
halpambag يوللىغان ۋاقتى  2012-2-6 11:21
تارىختىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!!!

خەلپەم بەگ ئاكا رەخمەت سىزگە،قىمەتلىك پىكىر -تەلەپلەر بولسا ئايمىغايسىز.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1014
تۆھپە
679
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 11:38:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ۋەقەلەرنى بىلىۋالغىنىمىزدىن سىزگە تەشەككۇر.
ئىلگىرى باي دىسە مەن كومۇر چىقىدۇ دەپلام يۇزەكىي قاراپتىكەنمەن. مول تارىخى باركەن ئەمەسمۇ.
شىنجاڭدىغۇ تارىخى يوق تاشمۇ يوق.


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1245
تۆھپە
527
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 12:06:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا باي يەرغۇ دەيمەن ئۇ،  بىزنىڭ سىنىپتىكى باي ناھىسىدىن كەلگەن باللارنىڭ كۆپىنچىسى بەك باي...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1240
تۆھپە
987
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 12:16:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ماتېريالكەن.............


سەكرا

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
1070
تۆھپە
739
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 16:59:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!
ئۈچتۇرپاننىڭ تارخىنى بىر يوللاپ قۇيسىڭىزكەن، بىلىۋالساق.


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6760
تۆھپە
3418
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 17:16:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تۇغقانلىرىمۇ - قانداق ؟ «ھۇن باتىسقانى خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى . خەن سۇلالىسى كۈسەندىكى ئۇرلىدا  غەربىي  يۇرت  قۇرۇقچىبەگ  مەھكىمىسى قۇردى ،باي قۇم بەگلىكى بىلەن بىللە خەن سۇلالىسىنىڭ زېمىن تەۋەلىكىگە ئۆتتى. ...»  بۇنداق تۇغقاننى ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرۈۋەتسەك (ئاسسىلىمىلاتسىيە قىلىۋەتسەك) بولغىدەك! يەنە ئىملانى بىر تۈزىۋەتسىڭىز بولغىدەك! غەربىي يۇرت «غەربىي يۇرۇت» بولۇپ قاپتۇ!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6760
تۆھپە
3418
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 17:18:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موللا مۇسا سايرامىدىن 500 يىللار بۇرۇنقى ئالىم تۆمۈرنىمۇ يېزىش كېرەك ، ياكى داۋامىدا بارمىكىن؟


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 4

تىللا
402
تۆھپە
160
UID
446
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 18:34:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابتا بەزى خاتالىقلار باركەن . ئالدىراپ تورغا يوللىماڭ!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-25 00:14, Processed in 0.098250 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991