ئىگىسى: نىدائىي

(2-قىسىم) زىۋىدە ئابدۇكېرىم ‹‹تەڭرىتاغدا سۆھبەت›› پىروگراممىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
711
تۆھپە
282
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 14:28:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆھبەتتە نۇرغۇن بىلىم-چۈشەنچىلەر يەتكۈزۈلۈپتۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ ئۈنۈمى-قىممىتىنىڭ يۇقۇرى بۇلغانلىغى-بۇلىدىغانلىغى  كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تەڭرىتاغدا سۆھبەت ئۇتۇقلۇق داۋاملىشىۋاتىدۇ. خەلقىمىز مۇشۇنداق خىزمەت-مۇلازىمەتكە كۆپلەپ ئېھتىياجلىق.
چۈشۈنەلمەي قالغان بىر ئەھۋال؛ ئېكراندىكى سۆبەتنىڭ ئالدىغا « زىۋىدە ئابدۇكېرىم بىلەن سۆھبەت» دىگەن تېمىنىڭ ئاستىغا مۇشۇ تېما يەنە لاتىن يېزىغى بىلەن يېزىپ قۇيۇلۇپتۇ. بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى ئىككى خىل يېزىقلىق مىللەتتەك ئويلاپ قالدىم.  ياكى باشقىچە سەۋەپ بارمۇ.


Rank: 4

ئىسىمى
مۇساجان
تىللا
317
تۆھپە
191
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 14:56:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆھبەت بەك ئېسىل بوپتۇ. بىر كىچىك تەكلىپ، خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار...
مەنچىمۇ شۇنداى، بۇنىڭدىن كېيىن ئېكرانغا لاتىنچىسىنى قوشۇپ قويمىساڭلار بوپتىكەن...


ئۇيغۇرنىڭ دەردى قانچىلىكتۇ ؟

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
904
تۆھپە
274
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 19:09:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ قېتىملىق سۆھبەت ياخشى ئېلىپ بېرىلىپتۇ.
مۇشۇ سۆھبەت خاتىرسىنى كۆرۈش ئارقىلىق نۇرغۇنلىرىمىزدا پىسخىكا توغرىسىدا تەپەككۈر قىلىش شەكىللەندى. مۇشۇ ھەقتە مول بىلىمگە ئىگە كىشىلەردە بولسا ئۆزلىرىنىڭ پىسخىكىسىنى زادى قانداق قىلغاندا ياخشى تەڭشەش ، شۇ ئارقىلىق روھى ئىزتىراپلىقنى ئازايتىش توغرىسىدا بىلىش شەكىللەندى. جۈملىدىن مەندىمۇ شۇنداق بولدى.
نەچچە يىل ئالدىدا جەمىيەتكە قەدەم قويدۇم، ئەسلى بۇ ماڭا نىسبەتەن خوشاللىنارلىق بىر ئىش بولىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى ئايدا مۇقىم مۇئاشقا ئىگە بولغان مەندە يەنە ئەمدى ئالى مەكتەپ تۇرمۇشىمدىكىدەك ئۆيدىن كېلىدىغان تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ  ئازلىقىدەك ۋەس- ۋەسىدىن قۇتۇلغان ئىدىم ، ئەمما مەن خوشال بولالمىدىم. چوڭلار جەنۇپنىڭ يېزىسىدا نەچچە مو يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان دىھقانلاردىن بولغاچقا ئۇلارنىڭ تۇرمۇش غەملىرى ئاز ئەمەس ئىدى. ھەر قېتىم ئۆيگە بارغىنىمدا ئانامنىڭ تۇرمۇش غېمى ئۈستىدىكى كۆڭۇلنى غەش قىلغۇچى « ئۇھ » بىلەن توشقان سۆزلىرى ماڭا ئارام بەرمەيتى، ئىنى- سىڭىللىرىم بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى دىگۈدەك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كىلىۋاتاتتى. ئۇنى ئاز دەپ دادام بىر ئالدامچى تەرىپىدىن ئالدىنىپ كىتىپ ، خەقتىن ئالغان ئون مىڭ يۇەن قەرىزنى قانداق قايتۇرۇشنىڭ غېمىدە يۈرەتتى، ئانام بولسا ھە دىسىلام « قانداق قىلارمىز ؟ » دەپ توختىماي ئۇھسىناتتى..... شۇڭا كۆڭلۇم غەشلىككە تولغان بولغاچقا ئوچۇق ئاسماندا ئالتۇن تاۋاقتەك پارقىراپ تۇرغان كۈچلۈك قۇياشمۇ ماڭا ياغسىراپ قالغان جىن چىراغدەك تۇيغۇ بىرەتتى.
  شۇ كۈنلەردە پىروئىدنىڭ پىسخولوگىيەگە ئائىت ئەسەرلىرىنى ئوقۇدۇم، پىسخولوگىيە توغرىسىدا ئاز تولا بىلىمگە ئىگە بولۇشقا باشلىدىم، « سەن ئاغرىقتىن قورۇقساڭ ئاغرىق سېنى قورقىتىدۇ، ئاغرىقتىن قورۇقمىساڭ  ئاغرىق سەندىن قورقىدۇ » مانا بۇ مەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ئوقۇغان بىر كىتاپتىكى بىر جۈملە سۆز. دەرھاللا بۇ سۆز ئېسىمگە كەلدى، بىلىشىمچە بۇنداق غەم- غۇسسە ئىچىدە ياشاۋاتقانلار يالغۇز بىزلا ئەمەسكەنمىز، دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق غەم- ئەندىشىسى بولىدىكەن، ئويلاپ باقسام مېنىڭ غەم- غۇسسام ئاساسەن ئىقتىسات بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. ئويلايدىغان بولساق دۇنيادا بىزدىنمۇ بىچارە ئادەملەر كۆپكەن، دوختۇرخانىغا قەدەم ئالسىڭىزلا ئاغرىق ئازابىدىن ئىڭراۋاتقانلارغا قارىغاندا بىز بىجىرىم بولغاچقا ئۆزىمىزنى شۇنچە بەخىتلىك دەپ ھىس قىلىشقا ھەقلىقكەنمىز.
ئەنە شۇندىن باشلاپ تۈرلۈك قىيىنچىلىققا، ككڭۇل ئىزتىراپلىقىغا دۇچ كەلسەممۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈيدىغان، ككڭلۇمدە بولسا  «مەندىنمۇ  بىچارە ئادەملەر شۇنچە كۆپ » دەپ ئويلاپ ئۆزەمنى بەزلەيدىغان بولدۇم،قارىسام ھېلىقى ماڭا « جىن چىراق » تەك كۆرىنىدىغان قۇياشنى بۇلۇتلار توسىۋالسىمۇ ماڭا شۇنچە گۈزەل كۆرۈنىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
بىزنىڭ جەمەتىمىزدىكى بىر ئاجىزلىق ئىرسىيەتتىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان « ئاچچىقى يامان » لىق ئىكەن،  داداملا ئەمەس بەلكى ئەتراپىمىزدىكى مەن بىلىدىغان تۇققانلىرىمىزمۇ شۇنداق، ئاچچىقىدا  گۈدەك بالىلىرىنى  كىچىك دىمەستىن ھايۋاننى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالغان تۇققانلارنىمۇ، كىچىكىنام بىر ئىش ئۈچۈن ئاغزىنى بۇزۇپ، سەت تىللار بىلەن تىللاپ كىتىدىغانلارنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇراتتىم، دادامنىڭ ئاچچىقىغۇ بىر نىمە تەڭ كەلمەيتى، يۇۋاش دەپ قارايدىغان ئاناممۇ بىر كۈنى 8 ياشلىق ئىنىمنى يەردە دومىلىتىپ، دەسسەپ ئۇرغىلى تۇرۇپتىكەن، مەنمۇ بۇرۇنلاردا بىرەر ئىش كۆڭلۇمدىكىدەك بولمىسا ئاچچىقتا قولۇمغا نىمە چىقسا شۇنى ئېلىپ يەرگە ئاتاتتىم، ئاتا- ئانام 60 ياشقىچە كېسەل بوپ باقمىغان تىمەن ئادەملەر بولسىمۇ لېكىن پىسخىكا ئوقۇغاندىن كېيىن شۇنى ھىس قىلدىمكى بىز روھى جەھەتتىن ساغلام ئەمەسكەنمىز.
پىسخىكا زادى نىمىدۇ ؟  ياۋروپا مىللەتلەرىدە  15- ئەسىرلەردىن باشلاپ پىسخولوگىيە دىگەن بۇ ئىلىم پەلسەپەدىن ئايرىلىپ چىققان ئىۆەن، خەنسۇلار ئۇنى « يۈرەك ئىلمى » ( شىنلى شۆ ) دەپ قۇبۇل قىپتۇ، چۈنكى بۇرۇنقى كىشىلەر ئادەمنى يۈرىكىدە پىكىر قىلىدۇ، يۈرىكىدە سېغىنىدۇ، يۈرىكىدە  ئۆچ بولىدۇ دەپ تونار ئىكەن، ئەمدى بىلسەك، يۈرەك ئادەم بەدىنىگە قان يەتكۈزۈپ بىرىدىغان بىر ئەزاكەن، ئادەم ئەسلى مېڭىسى بىلەن بىرسىنى ياخشى كۆرىدىكەن ياكى ئۆچ كۆرىدىكەن. شۇڭا پىسخولوگويە ئەمەليەتتە ئادەم  تەپەككۇرىنىڭ موھىتىنى ھاسىل قىلغۇچى  ئىلىم ئىكەن، ئاتا- بوۋىلىرىمىز پىكىر  قىلىشنى ئەزەلدىن توختاتمىغان بولسىمۇ لېكىن پىكىر قىلىشنىڭ موھىتى توغرىسىدا ئويلىنىپ باقمىغان بولسا كېرەك، بۇ توغرىسىدىكى  ئىلىمنى ياۋروپالىقلارغا ئوخشاشلا « پىسخولوگىيە » دەپ ئاتاپتۇ، ئەمما ئاۋامنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بۇ ئاتالغۇنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭ قانداق ئىلىم ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇنى چۈشەنمىگەن ئىكەن ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ.
ئادەم تۇغۇلۇپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن كۆپۈنچىلىرى ئوڭ قولىنى ئىشلىتىۋېرىپ « ئوڭخاي » بولۇپ قالسا  يەنە بەزىلىرى ، سول قولىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ « سولخاي » بولۇپ قالىدۇ،  قايسى قولنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگە بولسا ، ئۇ نىڭغا شۇ قولى قولايلىق تۇيىلىدۇ، سولخايلار سول قولىنى ئىشلەتكەن بولغاچقا شۇ قولىنى كونتىرول قىلىدىغان مېڭىنىڭ شۇ بۆلىكى ئوڭخايلارغا قارىغاندا بەكرەك تەرەققى قىلىدۇ دىيىشىدىكەن، مەن پىسخولوگىيەنى مانا مۇشۇنداق قول ئىشلىتىشتىكى ئادەتكە ئوخشىتىمەن، سىزنىڭ تەپەككۇر ئادىتىڭىز ( تەپەككۇر موھىتىڭىز ) قانداق بولسا سىزدە ئاخىر شۇنداق بىر خىل ئادەت شەكىللىنىپ قالىدۇ، مانا مۇشۇ پىكىردىكى ئادەت ( پىكىر موھىتى ) تەكرارلىنىۋەرسە ئاخىر ئۇ سىزدە شۇنداق بىر خىل « تۇرغۇنلۇق » ( مىجەز ) شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ، بەزىلىرىمىز ئىچ مىجەز بولساق بەزىلىرىمىز تاش مىجەز بولىمىز، بەزىلىرىمىزدىكى ئىرسىيەت  ئا  قانلىق قىلسا بەزىلىرىمىزنى ئا ب قانلىق، ئو قانلىق قىپ قويىدۇ، ئا ب قانلىق ئادەم  ناتۇنۇش موھىتتا ئىچ مىجەزى گەۋدىلىك بولسا، ئۆزىگە تونۇش موھىتتا، ياكى ئۆزىگە بىئەپلىك شەكىللەندۈرمەيدىغان موھىتتا ئۇ تاش مىجەزلىك ئادىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، نىمىشقا بەزى يۇۋاش ئادەملەر مەس بولسا شوخ بوپ كېتىدۇ ؟ چۈنكى ھاراق ئۇنىڭ ئادىتىنى  بۇزىۋېتىدۇ.

يۇقارقىلاردىن قارىغاندا پىسخولوگىيە ياكى پىسخكا ئۇنچە ئاددى جەريان ئەمەس. سىز كۆڭۇل ئاغرىقىغا دۇچ كەلسىڭىز ئۇنى قانداق ئىپادىلەيسىز ؟ مىجەزى ئەقىل تىپىدىكى ياكى ئىرادە تىپىدىكى ئادەم بولسا ئۆزىنىڭ غەم- قايغۇسى سەۋەپلىك تۈگىشىپ كەتمەيدۇ بەلكى شۇنچە سوغۇققان بولىشى مۇمكىن، لېكىن ھىسسى تىپتىكى ئادەم بولسا يىغىدىن ككزىنى ئىششىتىۋالغاننى ئاز دەپ ئالەمنى مالەم قىلىشى ھەتتا ئاغزىنى بۇزۇپ قارشى تەرەپتىكى ئادەمنى تىللىشى مۇمكىن.
مۇشۇ مۇنبەردە داۋاملىق كۆرۈپ تۇرمىزغۇ . بىلىش قۇرۇلمىسى يىتەرلىك بولمىغان بەزى تورداشلار كىچىكىنام ئىش ئۈچۈن باشقىلارغا روھى زەربە بىرىشكە تەييار تۇرىدۇ ( ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى مۇنبىرىمىزدە ئۇنداق ئادەملەر يوق دىيەرلىك )
ئادەمنىڭ ھەرقانداق سۆز- ھەركىتى ئۇنىڭ تەپەككۇرىغا باغلىق بولىدۇ، بىلىش دەرىجىسى قانداق بولسا سۆز- ھەركىتىمۇ شۇنىڭغا يارىشا بولىدۇ، ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ھامان سىرىتقى شەيئىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرايدۇ،  ھەر قانداق  ئوبىكتىپ غىدىقلاشقا سوبىكتىپ رەڭ ( ھىسسى بىلىش ، ئەقلى بىلىش، ئىلمى تەجرىبە ) ئارىلاشماي قالمايدۇ، ناۋادا شۇ كىشىنىڭ تەپەككۇرىغا ئارىلاشقان ھىسسى رەڭنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنرەك  ( ھىسسى بىلىش بىلەنلا چەكلەنگەن ) بولسا ئەلۋەتتە بۇ ئادەمدە ئاخىر مۇشۇنداق ئادەت شەكىللىنىپ قېلىپ  ناچار پىسخكىلىق ھالەتنى شەكىللەندۈرىشى مۇمكىن.
قىسقىسى  ئادەم پىسخىكىسى ( بەزىدە  مىجەز ئالاھىدىلىكى بولۇشىمۇ مۇمكىن ) مىجەزگە ئوخشاپ كەتسىمۇ لېكىن ئۇ مىجەزنىڭ ئۆزى ئەمەس، مىجەزنى مۇقىملىشىپ قالغاندا ئۆزگەرتىپ بولغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئادەم پىسخىكىسىنى تەل- تۆكۇس ئۆزگەرتكىلى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنى ياخشى تەرەپكە بۇرىغىلى بولىدۇ. پىسخىكىلىق تەربىيەگە ئەھمىيەت بەرگەندە  خۇددى ئادەم ئېڭىدىكى قاراڭغۇلۇقتا چىراق ياققىلى بولۇش مۇمكىن، گۆرۈستان قاراڭغۇلۇقتا پىكىر يۈرگۈزۈپ ھەرىكەت قىلغانغا قارىغاندا شۇ قاراڭغۇلۇققا چىراق  ياقالىساق ياكى بۇ قاراڭغۇ ئۆيگە يورۇق دەرىزە ئاچالىساق  پىكىر قىلىۋاتقان شۇ ئادەمگە روھى ئازادىلىك ئاتا  قىلغىلى بولماسمۇ.
ناۋادا بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پىسخىكىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئامىلغا دىققىتىنى بىرەلىسە بىردەملىك ئاچچىققا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان، ئۆزىگىمۇ ئۆزگىگىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلالايدىغان نورمال ئادەم بولماسمىتى ؟
مىجەزدىكى ئوساللىق، پىكىردىكى ھىسسى رەڭنىڭ كۈچلۈكلىكى سەۋەبىدىن كۆڭۈل ئاغرىقى تارتىۋاتقانلار  مۇشۇ ئىلىمگە قانچىكى كۆپ ئىلتىجا قىلىدىكەن ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئۆزىگە شۇنچە تاتلىق بىلىنىدۇ.

  زىۋىدە خانىم بۇ قېتىملىق سۆھبەتنى شۇنداق ياخشى سۆزلەپتۇ، مەن مۇشۇ سۆھبەتتىن ئالغان بىلىمىمنى ئاقساقاللىق قىلىپ باشقىلارغا تەكرارلىماقچى بولۇپ  مەزمۇنى چۇۋالچاق ئىنكاس يېزىپ سالدىم
ناۋادا پىسخولوگىيەنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشۈنىدىغانلارنى باشقىلارنى قويۇپ تۇرۇپ ھەر يىلى ئالى مەكتەپ تەربىسىنى ئېلىۋاتقانلارغىچە بىلدۈرەلىسەك بىر كۈنلەرگە بارغاندا بىزدىكى قىزىققانلىق، ئالدىراقسانلىق، مەسىلىلەرگە يۈزەكى قاراشتەك ناچار ئىللەتلەتلەرنى ئازايتىپ بىر كۈنلەردە خەلقىمىزنى ئىلمى پىكىر قىلىدىغان، ھاياتقا ئىلمى پوزوتسىيە تۇتالايدىغان سۆيۈملۈك خەلىقكە  ئايلاندۇرۇشتا گەپ يوق.


ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
1076
تۆھپە
741
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 23:21:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىۋىدە ئاپپاينىڭ ئەستايىدىل چۈشەنچە بەرگىنىگە تەشەككۈر!
«يوشۇرۇن ئاڭ» دىگىنى مۇرەككەپ ئۇقۇمدەك تۇيۇلدى ماڭا.


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 03:39:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتقا ئىرىشكەن تورداشلارغا مۇبارەك بولسۇن . بۇ سانمۇ بەك ياخشى چىقىپتۇ . بىزلەرگە مۇشۇنداق  ياخشى سورۇن ھازىرلاپ بىرىشكە ئىزدىنۋاتقان جاپاكەشلەرگە تەشەككۈر .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 4

ئىسىمى
ئابلەت ئابدۇرېھىم
تىللا
562
تۆھپە
86
UID
112
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 14:36:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق تورداشلار ،ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار بۈگۈن مۇنبىرىمىزنىڭ تەلەيلىك مۇنبەر ئەزاسى بولغىنىمدىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم ،گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلغاندا بۇرۇن بۇ مۇنبەرنى بىرەر قۇر ئايلىنىپ قويۇپلا چىقىپ كېتەتتىم، چۈنكى بۇ مۇنبەر بىردىنبىر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇرچە مۇنبەر بولۇپ ئنكاسلارمۇ تەستىقلىنىدىغان بولغاچقا دەل ۋاقتىدا تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا مەلۇم مەزگىل كېتەتتى ، ئەمما بۈگۈن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىكى ھېس تۇيغۇمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن ، بۇ بىر مۇكاپات خۇشاللىقى بولماستىن ،بەلكى تور دۇنياسىدا ئېتىراپ قىلىنىشتىن ئىبارەت شان -شەرەپ تۇيغۇسىدۇر، تورداشلارغا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى بۇنىڭدىن كېيىن ئەڭ سەرخىل تېمىلىرىمنى تەڭرىتاغ تورىغا يوللاپ ، تەڭرىتاغلىقلار بىلەن بىلللە تەڭ ئىگىرىلەپ ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمەن


Rank: 2

ئىسىمى
قادىرجان
تىللا
82
تۆھپە
47
UID
5104
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 15:56:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدىم.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
1076
تۆھپە
741
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 00:43:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaptikax يوللىغان ۋاقتى  2012-2-5 14:36
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق تورداشلا ...

ياخشى سۆزلىدىڭىز


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 10:48:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaptikax يوللىغان ۋاقتى  2012-2-5 14:36
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق تورداشلا ...


      بەلكىم نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمىز سىزگە ئوخشاش ئىككىلىنىۋاتقاندۇ ياكى تورىمىز ، مۇنبىرىمىزگە قارىتا باشقىچە خىيالدا بولۇۋاتقاندۇ ، لېكىن تورداشلارغا شۇنى ئېيتقۇم كېلىدۇكى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى شۇنداقلا تەڭرىتاغ مۇنبىرى تورداشلارنىڭ تور دۇنياسىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشى بولالايدۇ . تەڭرىتاغ مۇنبىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، ئۆزىنىڭ نەچچە ئايلىق مۇساپىسىنى باستى . بۇ جەرياندا تورداشلارنىڭ قوللىشى ، مەدەت بېرىشى نەتىجىسىدە مۇنبەر مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەندى . چاپاكەش دوستىمىزنىڭمۇ تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە ھەمدەم بولۇپ، مۇنبەر ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىڭىزنى قوشىشىڭىزنى ، مۇنبەرنى دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن .   


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1240
تۆھپە
987
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 11:27:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىمىڭىزغا رەخمەت...


سەكرا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-29 12:59, Processed in 0.067479 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991