دوستلۇق ۋە مۇھەببەت
دوستلۇق ھاياتتىكى بىباھا بايلىق، ھەرقانداق ئىنسان ھاياتنىڭ راھەت - پاراغەتتە ئۆتىشى ياكى نامرات ئۆتىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۆز ھاياتىنى دوستسىز ئۆتكۇزىشىنى خالىمايدۇ.سۆيگۇ - مۇھەببەت ھەرقانداق نورمال ئادەم قىزقىدىغان ھەم كۆڭۇل بۆلىدىغان تىما. ئۇ گويا تۇزغا ئوخشاش، تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ. دوستلۇق بىلەن سۆيگۇ - مۇھەببەت ھەم بىرلىككە كەلگەن، ھەم مۇئەييەن پەرىققە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ قىزقارلىق پەرىقلەرنى مۇلاھىزە قىلىشقا قىزقامسىز؟ ئۇلار مۇنۇلار: دوستلۇق ئاشكارە، سۆيگۇ - مۇھەببەت يوشۇرۇن بولىدۇ؛ سۆيگۇ - مۇھەببەتنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى پەيدا بولغاندا يوشۇرغىلى، يوقالغاندا بار قىلىپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ.
دوستلۇق - باراۋەرلىك ئاساسىدا، سۆيگۇ - مۇھەببەت - ھېسىيات ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ.
سۆيگۇ - مۇھەببەت - دوستلۇقتىن قۇدرەتلىك، ئەمما ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىللىرى ئاۋاسسىز ياڭرايدۇ؛دوستلۇق - سۆيگۇ - مۇھەببەتتىن ئۇلۇغ.چۇنكى،سۆيگۇ - مۇھەببەت قەسىرى غۇلاپ چۇشكەندە،قەلىب جاراھىتىگە دوستلۇق ئەڭ ياخشى مەلھەم بولالايدۇ.
دوستلۇق سان جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەمما سۆيگۇ - مۇھەببەت سەخسىيەتچى كىلىدۇ، ئۇ بىرلا كىشىگە تەئۇللۇق بولىدۇ.
دوستلۇق سۆز ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇلدۇ،سۆيگۇ - مۇھەببەتتە بولسا،كۆزمۇ بەزىدە < سۆز > نىڭ ئورنىنى باسالايدۇ.
دوستلۇقتا ئادەمنىڭ ئەقلى ئېچىلىدۇ، سۆيگۇ - مۇھەببەتتە بولسا زېھنى چېچىلىدۇ؛سۆيگۇ - مۇھەببەت شەخسىيەتچىلىكى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلەنسە،دوستلۇقتىن كەڭ قورساقلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
دوستلۇق - سۆيگۇ - مۇھەببەتتىن چوڭ،چۇنكى سۆيگۇ - مۇھەببەتسىزمۇ دوستلۇق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ۋاھالەنكى،دوستلۇقسىز سۆيگۇ - مۇھەببەت بولمايدۇ.
دوستلۇق - مۇھەببەتتىن يىنىك بولىدۇ، يەنى دوستلار ئەپۇ سوراش، كۆڭۇل قويۇش بىلەن ئاداۋەتنى تۈگتەلەيدۇ،بىراق مۇھەببەتتە ئۇنداق بولىشى ناتايىن.
سۆيگۇ - مۇھەببەت - دوستلۇقتىن نازۇك بولىدۇ. بەزى ئىشلارنى سۆز بىلەن چۈشەندۇرسەكمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. يەنى < ئالتۇن بىرىپ ئىلىپ بولماس، قالغان كۆڭۇلنى >.
دوستلۇق يولىغا قارىغاندا،سۆيگۇ - مۇھەببەت يولى ئەگرى - توقاي بولىدۇ. دوستلۇقتا كۈندەشلىك بولمايدۇ، ۋاھالەنكى < كۈندەشلىك > - سۆيگۇ - مۇھەببەتنىڭ بەلگىسى ۋە كۇشەندىسىدۇر.
مىجەز - خارەكتىرى ئانچە چىقىشالمايدىغانلارمۇ ياخشى دوستلاردىن بولالايدۇ، ئەمما، ئۇنداقلارنىڭ < ياخشى مۇھەببەت > لەردىن بولالىشى ناتايىن.
جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلىدىن ئېلىندى.
|