كۆرۈش: 6919|ئىنكاس: 1

چىن دوستلۇق رىشتىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
528
تۆھپە
273
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 16:32:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىن دوستلۇق رىشتىسى


ئابدۇكېرەم سايىت



     مىللىي ئىنقىلابنىڭ قوش كېزىكى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن ‹1944-يىلى كۈزدە تۇغۇلغان› مىللىي ئىنقىلاپ شاھىدلىرىنىڭ ئاغزىدا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان تەسىرلىك ھېكايىلەرنى توپلاش ئىستىكىدە جىددى ماتىرىيال توپلاشقا كىرىشىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 70ياشتىن 110ياشقىچە بولغان 40 دىن ئارتۇق كىشى بىلەن كۆرۈشتىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن جەڭ تەپسىلاتىلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ، تاشقۇرغان مىللىي ئىنقىلابىي باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باشلىقى قاسىم تاشنى تىلغا ئالاتتى. ئۇنى مەدھىيەلەيتتى، تەرىپلەيتتى، ئۇنىڭ رەھبەرلىك سەنئىتىگە ئاپرىن ئوقۇيتتى. جەڭدىكى قەھرىمانلىقلىرىنى داستان قىلاتتى. ھەمدە مېنىڭ چىن ماتىريالغا ئېرىشىشىم ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشۈمنى تەۋسىيە قىلاتتى. لېكىن مەن ئىزدەپ بارغاندا قاسىم تاش ئاكا داۋالىنىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى ئوغلى ئابلىز قاسىمنىڭ ئۆيىگە كېتىپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى تولىمۇ تەستە قولغا كەلدى.
1989-يىلى 6- ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە يېنىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىدىم. مەن ئەتىسىلا قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆستەڭبويى ئاھالىلار كومىتېتىدىكى قىزى بۇخەلچىخاننىڭ  ئۆيىدىن تاپتىم. ئۇ مېھمانخا ئۆيدە ياتاتتى. تېگىگە قەۋەت-قەۋەت يۇمشاق كۆرپىلەر سېلىنغان، بېشىغا قوش مامۇق ياستۇق قويۇلغان، ئۈستىگە يېڭى كۆك گۈللۈك يوتقان يېپىلغان بولۇپ، توختىماي يۆتىلەتتى. ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئاغزى چوڭ بوتۇلكىغا تۈكىرەتتى. ئېغىر-ئېغىر تىناتتى. نىمىشقىدۇ بېشىغا گۈللۈك قازاقچە دوپپا كىيىۋالغان ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ رەڭگى ئاپپاق بولۇپ، تەكشى ئاقارغان چاچ ۋە ساقاللىرى ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇراتتى. كۆزلىرى نۇرلۇق، روھى تېتىك بولۇپ بەئەينى پەرىشتەگىلا ئوخشايتتى.
     ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى، بەك قىيىن بىر ئەھۋالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەپسىز ۋاقىتتا كېلىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم-دە، ئارسالدى بولۇپ قالدىم. ئۇ مېنىڭ كىرگەنلىكىمنى كۆرۈپ ياستۇقتا يۆلۈنۈپ ئولتۇردى-دە، ماڭا قولىنى ئۇزاتتى. ئۇنىڭ يۇمشاق قولىنى تۇتقىنىمدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا بىر ئىللىق ئېقىم تارىغاندەك بولدى. نەۋرىسى سالغان ياستۇق قېشىدىكى كۆرپىدە ئولتۇردۇم. چايدىن كېيىن:
ـــ ھە ئوغلۇم سىزنى قاياقتىن سورايمىز؟ــ دېدى.
ـ ئويتاغدىن،- دەپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن كېلىش مۇددىئايىمنى ئىيتىپ كېلىپ: ــ سالامەتلىكىڭىز يار بەرسە ئۆز كەچۈرمىشلىرىڭىز ۋە مىللى ئىنقىلاب ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز ياخشى بولاتتى. ئەمما سىز بۇ ئەھۋالدا يېتىپسىز- دېدىم مەن كېلىش مۇددىئايىمنى بايان قىلغاچ خاۋاتىرلىنىپ، ئۇ:
ـــ تىنىقىم تېخى توختىمىدى، سەن يىراق مۇساپىنى بېسىپ زور ئىشەنچ بىلەن كەلگەن تۇرساڭ سۆزلەپ بەرمىسەم بولماس، سالامەتلىكىممۇ يار بېرىپ قالار – دېدى – دە، ئېغىر-ئېغىر تىنغىنىچە بوش ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى:
ــ باشقىلار مېنى سەن بۇ يىل 115 كە كىردىڭ دەيدۇ، ئۆزۈم ھېساپلاپ كۆرسەم 98 ياشقا كىرگەندەك يۈرىمەن. مەن 1934-يىلى تاشمىلىق شۆبە ئۇيۇشمىسىغا مەسئۇل بولدۇم. 1938-يىلى ئاتۇش ناھىيسىگە ھاكىم بولدۇم. 1941-يىلى يەكەن ناھىيسىگە ھاكىم بولدۇم. سۆزى شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ قاتتىق يۆتۈلۈپ كەتتى. يۆتۈلۈش جەريانىدىكى سىلكىنىشتە ئۇنىڭ بېشىسىكى دوپپا ياستۇقنىڭ كەينىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ يۆلۈنۈپ تۇرۇپ ئۆرۈلۈپ دوپپىسىنى قولىغا ئالدى-دە خۇددى بوۋىقىنىڭ يۇمران بەدىنىنى ئاغرىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن مېھرىبان ئانىدەك ئاۋايلاپسۈرتۈشكە باشلىدى. كۆز چانىقىدىن بىر تامچە ياشنى ئاستا سۈرتتى. بۇ دوپپا مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغىدى – دە:
ــ بوۋا، بېشىڭىزغا قازاق دوپپىسى كىيىۋاپسىزغۇ؟ دەپ سورىدىم تاتىنىپ تۇرۇپ.
ـــ ئوغلۇم مېنىڭ ئۆمرۈمدە بېشىمغا كىيگەنلىرىم بەك تولا، بېشىمدىن ئۆتكەن قىسمەتلەر تېخىمۇ تولا، لېكىن مەن بۇ دوپپىنى ھەرگىز ئۇنتالمايمەن. بۇ دوپپا مېنىڭ دىلكىشىم، سىردىشىم، بۇ دوپپىنى مەن 47يىلدىن بېرى يېنىمدىن ئايرىماي ساقلاۋاتىمەن. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەزىرائىل ماڭا ئۇ دۇنياغا يول خېتى كېسىمەن دەۋاتىدۇ، راھەتنىڭ‹راقاتنىڭ دېمەكچى› قېشىغا دوپپىسى بىلەن باراي دەپ چامداندىن ئالدۇرۇپ بېشىمغا كىيىۋالدىم. سەن سوراپ قالدىڭ مەن گەپنى مۇش دوپپىدىن باشلاي-دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى بوۋاي:
ـــ گىرمانلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ، موسكۋاغا قىستاپ كەلگەندە، شېڭ شىسەي:‹ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ گىرمانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ كېتىدىغان بولدى› دەپ قاراپ، جۇڭگو كومپارتىيىسىگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئەكسىلئىنقىلابى ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارلاپ، سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ:‹كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن بىرلىشىپ، سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ، ئىشچى-دېھقانلارغا يار-يۆلەك بولۇش›تىن ئىبارەت ئۈچ بۈيۈك سىياسىتىنى دەپسەندە قىلىپ، گومىنداڭنىڭ قوينىغا شەرمەندىلەرچە ئۆزىنى ئاتتى. ئۇ، پارتىيە ئەزالىرىنى، ئالىملارنى، بىلىملىك كىشىلەرنى، ئىلغار ئىدىيىلىك زاتلارنى، يۇرت مۆتىبەرلىرىنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ قولغا ئېلىپ، ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە قاماپ ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى. پۈتۈن شىنجاڭنى ئاق تېرورلۇق قاپلاپ كەتتى.
    مېنىمۇ بىر نەچچە قېتىم: ‹ئۈرۈمچىدە يىغىن بار، دەرھال كىلىڭ!› دەپ چاقىرتقان ئىدى. دوتەي بولغان، شەنجاڭ بولغان ئاتاقلىق ئادەملەر، كاتتا باي سودىگەرلەر، شائىر-ئالىملارنىڭ ئۈرۈمچىگە يىغىنغا كېتىپ ئىزدېرەكسىز يوقۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرغاچقىمۇ، مەن ‹كېسەل بولۇپ قالدىم› دەپ باھانە كۆرسىتىپ بارمىغان ئىدىم.
    1942-يىلى شىڭ شىسەيدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساقچى ئىدارىسىگە ‹قاسىم تاشنى مەجبۇرىي ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ بېرىڭلار!› دەپ تېلېگرامما كەپتۇ. شۇڭا مەن ئىلاجىسىز ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن خوشلىشىپ ئۈرۈمچىگە باردىم. بېرىشىم بىلەن تەڭ قاماققا ئالدى. ئىلگىرى يەنئەندىن چېن تيەنچيۇ، ماۋزېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق كوممۇنىستلار شىنجاڭغا كېلىپ، مالىيە، مەدىنىي-مائارىپ، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ تۇرغاندا ئالتە بۈيۈك سىياسەت بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش كەيپىياتى شەكىللىنىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشى تەدىرىجى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. ھەر قايسى جايلارغا سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرى ئېلىپ كىرىلگەن بولۇپ، سانائەت قاتناش ۋە يېزا ئىگىلىكىدە مەلۇم ئىلگىرلەشلەر بارلىققا كەلگەن ئىدى. مەن ھاكىم بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئاتۇشنىڭ تاشيولىنى، يەكەن دەرياسىنىڭ كۆۋرۈكىنى ياساتقان ئىدىم.
   مەن قاماققا ئېلىنغاندىن كېيىن: ‹كوممۇنىستلار ۋە سوۋېت بىلەن بولغان ئالاقەڭنى تاپشۇر!› دەپ سوراققا تارتتى. جازالاش ئەسۋاپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىشقا سېلىپ قاتتىق قىينىدى.
    تۈرمىنىڭ بىر تار كامىرىدا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋالىسى بىلەن بىرگە ياتتىم. ئىسمى راھەت ‹قازاقچە راقات دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ› ئىكەن، مىللىتى قازاقكەن. ئۇ چىۋەر دۇرۇس گەپ قىلىدىغان ئاڭلىق، ئادەملەر بىلەن چىقىشقاق، مۇلايىم، كۆيۈمچان كىشى ئىدى. ئۇيغۇرچە گەپنى چاندۇرماي سۆزلەيتتى. ھەر كۈنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن سەزگۈزەشتىلىرىنى، ئالتاي يايلاقلىرىنى، ئۆز يۇرتىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ھېكايە قىلىپ بېرەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن راھەت ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تەبىئىي ئىنسانىي دوستلۇق ئورنىتىلدى.
    بىز قامىلىپ ئۈچىنچى يىلى باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە راھەت سوراققا ئېلىپ چىقىپ كېيىلىپ ھايال يوق يېنىپ كىردى. ئۇ كىرىپ: ‹مەن تۈرمىدىن چىقىپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، ھۆكۈمەت باشقىچە پوزىتسىيە قوللىنىپ قاپتۇ. يا مېنى قويۇپ بەرگۈدەك ياكى باشقا بىر ئىش بولغىدەك›-دېدى. ‹بۇ زادى قانداق گەپ؟ كۆرگىنىڭنى بىر قۇر تەپسىلىيرەك دېمەمسەن؟› دېسەم: ‹سوراقخانىدا قارا شەپكە كەيگەن 3-4 ساقچى ئولتۇرىدۇ، بىزنى تۇتقان بالدۇرقى ساقچىنىڭ باشلىقىمۇ ئولتۇرىدۇ، مەن كىرگەندىن كېيىن، بايامقى ساقچىلارغا مېنى تونۇشتۇرۇپ: ‹مانا بۇ سوۋېتكە سېتىلغان، پۈتۈن كۈچى بىلەن سوۋېتنىڭ خىزمىتىنى قىلغان مۇناپىق، بۇنى شۇڭا قامىغانمىز›-دەپتى سېرىق سارجىدىن كاستۇم-بۇرۇلكا كەيگەن سالاپەتلىك بىرسى مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ راستما؟ دەپ سورىدى. مەن ساقچى باشلىقىغا قولۇمنى جۆنۈپ تۇرۇپ: ‹مېنى نەدە سوۋېتكە خىزمەت قىلاتتىڭ دەپ قارىمىدىڭ؟ مەن بولسام ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، سوۋېتتىن ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئالتۇن كاننى ئاچىمىز دەپ كەلگەن تېخنىكلارنى قوغلىۋەتكىنىمدە، مېنى سوۋېتكە قارشى چىقتىڭ، دەپ قامىمىدىڭمۇ؟ يالغان ئېيتماي ئەنزەڭگە قاراپ باق؟ سەن ئاقنى قارا، قىلماقچىمۇ؟ مېنى نېمە دەپ قارلايسەن؟› دەپ ۋاقىرسام، ساقچى باشلىقى ئاچچىقلىنپ، يەرنى تېپىپ، ماڭا تاپانچىسىنى تەڭلەپ تۇرۇپ: ‹قىزىل پاچاقلار بىلەن قانداق ئالاقەڭ بار؟ سوۋېتكە نەچچە قېتىم قاتنىدىڭ؟ سوۋېتكە نېمە خىزمەتلەرنى قىلدىڭ؟ ۋۇجۇشىنىڭ ئالدىدا يۇۋاشلىق بىلەن ئىقرار قىل، بولمىسا ئېتىپ تاشلايمەن› دەپ ھەيۋە قىلىپتى، ھېلىقى سالاپەتلىك ئادەم: ‹ھەي، بۇشىڭ، بۇشىڭ› دېدى. ئاندىن: ‹مېنى ئېلىپ چىقىپ كامىرغا كىرگۈزىۋەتتى› دېدى راھەت.
ــ سەن چىقىپ كېتىدىغان بولساڭ ياخشى بولۇپتۇ، بىزنىڭ يۇرتلار قەشقەردە قالدى، سەن چىقىپ كەتكۈدەك بولساڭ قاسىم تاش دېگەن كىشى بىلەن بىر كامىردا بىللە ياتقانمىز، دەپ ئۇ تەرەپتىكى تۇغقانلارغا خەۋىرىمنى يەتكۈزۈپ قوي-دېدىم مەن. راھەتنىڭ بېشىدا بىر قازاقچە دوپپىسى بار ئىدى.
ــ‹ئىككىمىز ئۇزۇن يىللار بىر كامىردا يېتىپتىمىز، مەن يۈز يۇيىدىغان دېسىمنى ساڭا قالدۇراي، مېنىڭ دوپپامنى سەن كەي، سېنىڭ دوپپاڭنى مەن كېيەي، بىر-بىرىمىزنى كۆرگەن كۆزىمىزدە كۆرۈپ ئەسلىشەرمىز، مەڭگۈلۈك يادىكار بولۇپ قالسۇن› دېدى. راھەت قىيالماسلىق ھېسىياتىدا تىكىلىپ تۇرۇپ، ئىككىمىز دوپپىلىرىمىزنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ كىيىشىۋالدۇق. شۇ كۈنى تۈن نىسپىدە بىر خەنزۇ ئەسكەر كىرىپ: ‹راھەت!› دەپ چاقىرىپ، ئۇنى ئالدىغا سالدى بىز: ‹خۇداغا ئامانەت!› دېيىشىپ خوشلاشتۇق. مەن ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىققان-چىقمىغانلىق خەۋىرىنى ئالالمىدىم. ئىنقىلابنىڭ بېسىمى خەلقنىڭ غەزىپى ئاستىدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سىياسى مەھبۇسلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا‹كەڭ قوللۇق› سىياسىتىنى يۈر گۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن.
    شۇ كۈنلەردە، ياتاقتىن-ياتاققا كىرىپ ئۆز ئارا ئەھۋال سورىشىپ بىر-بىرىمىز بىلەن ئۆز ئارا تونۇشتۇق، لېكىن راھەت كۆرۈنمەيتتى. بىر كۈنى تاماق ئېلىپ يەي دەپ ئاشخانىغا چىقسام مەن راھەتكە بەرگەن دوپپا بىر قازاق ئاشپەز بالىنىڭ بېشىدا تۇرىدۇ. قازاق ئاشپەزنىڭ بېشىدىكى دوپپىسىنى كۆرۈپ:‹راھەتنى راسلا قويۇپ بەرگەن ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ دېرىكىنى ئۇقسا كېرەك، بىر سوراپ كۆرەي› دەپ ئويلىدىم. لېكىن ئىھتىيات قىلىپ سورىيالمىدىم. مەھبۇسلارغا ئىككى قاچىدىن ئاش بېرەتتى. ئىككى كۈندىن كېيىن تاماققا چىققاندا بىر قاچا ئاشنى ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرۈپ ئالدىرماي ئىچىپ، باشقىلار كېتىپ بولغاندا ئاندىن ئىككىنچى قېتىملىق ئېشىمنى ئالغىلى كىردىم. ئاشخانىدا ھېلىقى قازاق ئاشپەزدىن باشقا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. ‹سىز راھەتنى تونۇمسىز؟› دەپ سورىدىم مەن ئاستا ئاۋاز بىلەن. ‹نېمە سەۋەپتىن سورايسىز؟› دېدى ھېلىقى ئاشپەز بالا. ‹بىز تۈرمىدە ئۇزۇن يىل بىللە يېتىپتۇق. سىزنىڭ بېشىڭىزدىكى دوپپا مېنىڭ دوپپام، مېنىڭ بېشىمدىكىسى راھەتنىڭ دوپپىسى، راھەت تۈرمىدىن چىقىپ كېتەلىدىمۇ-يوق؟ شۇنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاي دەپتىم› دېدىم مەن. ئۇ: ‹مېنىڭ ئىسمىم قامزا. سىز ئەتە مۇشۇنداق ئادەم يوق چاغدا كېلىڭ، شۇ چاغدا دەپ بېرەي، ھازىر سۆزلىشىشكە ئەپسىز›-دېدى قازاق ئاشپەز ئىچكىرىكى ئۆينى ئىشارەت قىلپ تۇرۇپ بوش ئاۋازدا. مەن كامىرغا كىرىپ كەتتىم. ئەتىسى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا بىرىنچى قېتىملىق ئېشىمنى ئالدىرماي ئىچىپ، ھەممە ئادەم كىرىپ كېتىپ بولغاندا، ئىككىنچى قېتىملىق ئاشنى ئېلىش باھانىسى بىلەن قامزانىڭ قېشىغا كىردىم. قامزا ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ ئالدىرماي سۆزلەپ بەردى:
ـــ1944-يىلى9-ئاتدا جياڭ جېيشى خوتۇنى سۇن مېيلىڭنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ، شىڭ شىسەينى نەنجىڭغا يۆتكەپ كېتىپ،10-ئايدا ئۇنىڭ ئورنىغا ۋۇ جۇڭشىننى ئۆلكە رەئىسى قىلىپ ئەۋەتىپتۇ.
    شىڭ شىسەي نەنجىڭغا مېڭىش ئالدىدا گۇڭئەنتىڭنىڭ تىڭجاڭىغا: ‹مەن ئىچكىرگە بارىدىغان بولۇپ قالدىم، ھايال بولماي قايتىپ چىقىمەن، ئەگەر مەن قايتىپ چىقالمىسام، تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنى جىمىقتۇرىۋەت، بولمىسا ناھەق قامىغان دەپ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدۇ› دەپ تاپىلاپ قويغان ئىكەن. ۋۇ جۇڭشىن ئۆلكە رەئىسى بولۇپ كەلگەندىن كېيىن گۇڭئەنتىڭدىكى ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ:‹بىز قىزىل پاچاقلار بىلەن سوۋېتپەرەسلەرنى تۇتۇپ تۈرمىگە ئالدۇق› دەپتۇ. ۋۇجۇڭشىن: ‹ئۇنداق بولسا، سوۋېتكە خىزمەت قىلغان جىنايەتچىدىن بىرنى ئېلىپ چىقىپ بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئەنزىسىنى ئوقۇپ بىزنى قايىل قىل!› دەپتۇ. باشتا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك، گۇڭئەنتىڭنىڭ ئادەملىرى راھەتنى ئېلىپ چىقىپ ۋۇجۇڭشىننىڭ ئالدىدا سوراق قىلغاندا راھەت پاكىتلار ئارقىلىق گۇڭئەنتىڭدىكىلارنى شەرمەندە قىپتۇ. ۋۇجۇڭشىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن گۇڭئەنتىڭدىكىلەر:‹بۇنى بۈگۈنلا ئۆلتۈرۋەتمەيدىغان بولساق بىزنى قارىلاپ بېرىدىكەن› دەپ ئالدىراپ-تىنەپ، تۈن نىسبى بىلەن راھەتنى ئېلىپ چىقىپ مەخپىي ھالدا دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن جەسىتىنى كۆمۈۋېتىپتۇ. گۇڭئەنتىڭنىڭ تىڭجاڭى ئىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن قول ئاستىدىكىلەرگە ئەتىدىن قالدۇرماي بارلىق مەھبۇسلارنى يۇشۇرۇن قەتلى قىلىۋېتىشنى تاپىلاپ قويۇپ، ئۆزى دەرھال ئىچكىرىگە قېچىشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ.
    شىڭ شىسەي دەۋرىدە خىيانەتچىلىك ئىشلىرى قاتتىق چەكلەنگەن ئىدى. لېكىن، ئۇ ئۆزىگە نىسبەتەن،‹ئاۋال ئادىمىنى يەپ تۈگىتىپ ئاندىن بايلىقىنى ئېلىش› ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، گۇڭئەنتىڭنىڭ تىڭجاڭى بىلەن بىرلىشىپ مەخپىي ھالدا، باي ئەمەلدارلار ۋە چوڭ سودىگەرلەرنى قولغا ئېلىپ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ئارقىلىق15000كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئالتۇن-كۈمۈشنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان  ئىدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان گۇڭئەنتىڭنىڭ تىڭجاڭىمۇ ئاز بولمىغان بايلىققا ئىگە بولۇپ قالغان ئىدى. گۇڭئەنتىڭدا ئىشلەيدىغان، شىڭ شىسەي دوبەن ۋاقتىدا زەربە يەپ تۈرمىگە كىرىپ چىققان بىر كونا خەنزۇ خىزمەتچى بۇ پىلاننى ئۇققاندىن كېيىن كېچىدە دەرھال ۋۇجۇڭشىننىڭ قېشىغا كىرىپ:‹ گۇڭئەنتىڭدىكىلەر تۈرمىدىكى بارلىق مەھبۇسلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ. راھەت دېگەن بىرىنى ئۆلتۈردى. قالغىنىنى ئۆلتۈرۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. تىڭجاڭ بۈگۈنلا ئىچكىرىگە قاچماقچى› دەپ دوكلات قىلىپ قويۇپتۇ.
ۋۇجۇڭشىن بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال تەدبىر قوللىنىپ ئىككى ليەن ئەسكەرنى تۈرمىگە ئاجرىتىپ مەھبۇسلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئاپتۇ. بىر ليەن ئەسكەرنى ئون كىلومېتىردەك يىراقلىققا ئاپىرىپ، يولغا پىستىرما قىلىپ مۆكتۈرۈپ، قاچقۇنلارنى توسۇشنى بۇيرۇپتۇ. گۇڭئەنتىڭنىڭ تىڭجىڭى سۈبھى يورۇشتىن ئىلگىرى ئىككى خەنزۇ مەھبۇسنى ئۆلتۈرۈپ، ئىچ-باغرىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئىچىگە ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلاپ، پىكاپقا خۇددى ساق ئادەمدەك ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇچرىغانلارغا:‹مېنىڭ تۇغقۇنۇم، دوختۇرغا ئاپىرىمەن› دەپ، گۇڭئەنتىڭدىكى ئاساسلىق ئادەملىرى بىلەن قېچىپ مېڭىپتۇ. غۇرقىراپ تېز كېتىپ بارغان يېرىدە پىستۇرما قىلىپ قويغان ئەسكەرلەر ئۇنى تۇتۇپ تۈرمىگە قاماپتۇ. ئالتۇن-كۈمۈش ۋۇجۇڭشىننىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپتۇ.
    راھەت ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاشپەز قامزا راھەتنىڭ دوپپىسىنى ئىزدەپ تېپىپ كىيىۋالغان ئىكەن.
قامزىنىڭ سۆزىدىن ئاشۇ خەنزۇ خىزمەتچى سەۋەپچى بولمىسا، بۇنچىلىك ئازادىلىككە چىقىشقا يوق بىراقلا ئۆلۈپ تۈگەيدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇم.
    راھەت ئۇ دۇنياغا كەتتى. لېكىن ئۇ مېنىڭ يۈرۈكۈمنىڭ بىر پارچىسىنىمۇ ئالغاچ كەتكەن ئىدى. راھەتنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ قەدىناس دوستۇمنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا كېسەل بولۇپ يېتىپ قېلىپ ئۈرۈمچى دوختۇرخانىسىدا داۋالاندىم. كېيىن كېپىللىك سەۋەپلىك تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ،1945-يىلى 8-ئاينىڭ1-كۈنى تاشمىلىققا كەلدىم. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم، ئەينىدىن قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى مىللىي ئىنقىلاپچىلار بۇرۇلتوقايدىكى ئۇلۇقئارتنىڭ داۋىنىدىن ئېشىپ تاشمىلققا كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەن ئۇلارنىڭ توپىغا قوشۇلۇپ كەتتىم. كېيىن گېنېرال ئىسھاقبېكنىڭ ھاۋالىسى بىلەن شىتاپ باشلىقى بولۇپ، سارالا باش قوماندانلىق شىتابىدا تۇرۇپ تاشقورغان مىللىي ئىنقىلابىغا قوماندانلىق قىلدىم.
    قاسىم تاش مىللى ئىنقىلاپنىڭ مەقسىدى ۋە جەڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلى سۆزلەيتتى. بۇ جەڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، بىردە جەڭ مەيدانىنى سول تەرەپتە تۇرۇپ كۈزەتكەندەك، يەنە بىردە ئۆزۈم ۋىژىلداپ ئۇچىۋاتقان ئوقلار ئىچىدە تۇرىۋاتقاندەك ھېسىياتقا كېلەتتىم. ھەر بىر ئەسلىمىدىن ئۆزگىچە بەھرە ئالاتتىم.
    قاسىم تاش سۆزلىگەنچە ھاياجانلىناتتى. خۇددى ئۇ ئۆزىنىڭ كېسەللىكىنى ۋە ياشىنىپ قالغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا قىلاتتى. ئۇ ئۆز كەچۈرۈمىشلىرىنى سۆزلەپ بولۇپ:‹بېشىمدىن ئۆتكەن نۇرغۇن ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كەتتى. لېكىن راھەتنى زادىلا ئۇنتۇيالمىدىم. مەن راھەتكە يۈز كېلەلمەيمەن، چۈنكى مەن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن راھەتنىڭ بالا-چاقا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىدىم. بۇ ئىش ھەر كۈنى ھەر ۋاقىت يۈرۈكىمنى مۇجۇپ، قەلبىمنى ئازاپلايدۇ، شۇڭا راھەتنىڭ غايىۋانە روھىدىن كەچۈرۈم سورايمەن› ئۇ شۇنداق دەپ كېلىپ:‹مېنى ئەپۇ قىلارسەنمۇ قەدىناس دوستۇم راھەت؟› دەپ خىتاب قىلدى ئۆز-ئۆزىگە.
  قاسىم تاش سۆزلەپ بولۇپ دوپپىنى قولىغا ئېلىپ يەنە سۈرتۈشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭ قولىدىن دوپپىنى ئېلىپ كۆردۈم. قولۇمدا دوپپا ئەمەس پۈتۈن ئالتاي تاغلىرى. ئىلى ۋادىسى، ئىلى دەرياسى، ئالتاي خەلقىنىڭ يۈرىكى نەقىشلەنگەن دېكراتسىيە تۇرغاندەك قىلاتتى. ‹راھەتنىڭ كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا تەپسىلىرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز؟› دېدىممەن زىغىرلاپ تۇرۇپ ئۇ:‹ئوغلۇم، ئىككىمىز سۆزلەشكىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بولدى،دېمىم سىقىلىپ كېتىۋاتىدۇ. مەن چوقۇم ياخشىلىنىپ كېتىمەن، مەن 7-ئاي ئىچىدە ئويتاغ يايلاقلىرىغا چىقىپ ھاۋالىنىپ كەلمەكچىمەن. شۇ يەردە كۆرۈشكەندە تەپسىلى سۆزلەپ بىرەي› دېدى. سائەتكە قاراپ خىجىللىق ھېس قىلدىم. چۈنكى بوۋاي سۆزلىگىلى بەش سائەت بولغان ئىدى. مەن ئۇ كىشىگە رەخمەت ئېيتىپ خۇشلىشىپ قايتىپ چىقتىم.
    قاسىم تاش بىلەن راھەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق رىشتى ماڭا كۆچتىمۇ قانداق راھەت ۋالىينىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىن زادىلا نېرى كەتمەيتتى، ئۆزۈم پامىر ئېتىكىدە تۇرساممۇ-خىياللىرىم ئالتاي يايلاقلىرىدا پەرۋاز قىلاتتى. ھەتتا كېچىلىرى چۈشۈمدىمۇ راھەت بىلەن بىللە ئالتاي تاغلىرىنى، ئىلى ۋادىسىنى، ئىلى دەرياسىنى ساياھەت قىلاتتىم. قاسىم تاشنىڭ ئويتاغقا چىقىپ راھەتنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشىنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتەتتىم. لېكىن بۇ كۈنلەر ماڭا نېسىپ بولمىدى، قاسىم بەگنۇ ئويتاغقا چىقمىدى.
    1991-يىلى 10-ئاينىڭ18-كۈنى، تۇيۇقسىز:‹مەرھۇم قاسىم بەگ ھاجىمنىڭ نەزىرسىگە داخىل بولۇپ بەر گەيلا› دېگەن باغاقچە قولۇمغا تەگدى. شۇ تاپتا ئاسمان ئۈستۈمەە كۆمتۈرۈلۈپ چۈشىۋاتقاندەك بولدى. مېنىڭ شېرىن ئارزۇلىرىم سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك تاقاپ كەتكەن ئىدى، ئاخىر، قاسىمبەگ ھاجىمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سۆزلەپ بەرگەنلىرىگە ئاساسەن قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
مەنبە: ئابدۇكېرەم سايىت‹قىرغىز› نىڭ چىن دوستلۇق رىشتىسى ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1293
تۆھپە
941
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 18:02:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 14:37, Processed in 0.079816 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991