مۇھەببەت ھەققىدە ئېگىز-پەس گەپلەر مۇھەببەت نەزەرىيىسى A ، B نى ياخشى كۆرىدۇ. B نىڭ ئارتۇقچىلقى ئۇنى ئۆزىگە مەپتون قىلغان،ئوخشاشلا B نىڭ بەزەن ئاجىزلىقلرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى سوۋىتىدۇ. ئەگەر B دىكى بارلىق ئارتۇقچىلقلار تېپىلىدىغان، B دىكى كەمچىلىلكلەربولمىغان Cپەيدا بولدى ۋە «C» Aغا مەپتۇن بولدى دەپ قىياس قىلساق،ئېنىقكى A چوقۇم C نى تاللايدو.شۇڭا نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا مۇھەببەت ئىشەنچىلىك ئەمەس. يىگىتلەر قىزلارغا ئىنتىلگەندە قىزلارغا گۈل سوۋغا قىلىشىدۇ،قىزلارنى كىنوغا ئاپىرىشىدۇ،مىھمان قىلدۇ،تاماشا ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ كۆڭلىنى ئاچىدۇ.ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى رومانتىك تۈس ئالىدۇ.ھېيىت-بايرام تۇغۇلغان كۈن كۈنلىردە بىر- بىرىگە سوۋغاتلار سوۋغا قىلىشدۇ.مان بۇلارنىڭ ھەممىسەگە پۇل كىتىدۇ.مۇھەببەتلەشمىسە بۇچىقىملاردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ. شۇڭا نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا مۇھەببەتكە كۆپ پۇل خەجلەشكە توغىرا كىلىدۇ. كىشىلەر مۇھەببەتكە ئىرىشكەندە قاتتىق خۇشال بولىدۇ،مۇھەببەتتىن مەھروم بولغاندا قاتتىق ھەسىرەت چىكىدۇ،يېقىنچىلىق قىلىشقاندا قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ،ئۇرۇشۇپ قالغاندا قاتتىق غەزەبلىنىدۇ،يەن تېخى دەردىنى ھاراقتىن چىقىرىدىغان،ئاش-تاماقتىن قالىدىغان قارشلىق ھەركەتلىرىدمۇ بولىدۇ.دىمەك مۇھەببەتلەشكەنلەرنىڭ خۇي- مىجەزى تۇراقسىز بولىدۇ. شۇڭا نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا مۇھەببەت سالامەتلىككە زىيانلىق. مۇھەببەت رۇھنىڭ مەھسۇلاتى.رۇھ ماددىنى بەلگىيەلمەيدۇ،شۇڭا ئۇ باشقا نەرسىلەر بىلەن بىركىپ يېڭى ماددىي مەھسۇلات بولالمايدۇ.شۇڭا نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا مۇھەببەت ماددىي مەھسۇلات يارتالمايدۇ. يۇقىرقىلاردىن كۆرىۋلىشقا بولىدۇكى مۇھەببەتنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ،پايدا-زىيان نوقتىسىدىن قارغاندا نورمال ئادەم مۇھەببەتنى تاللىمايدۇ،شۇ مەنىدىن ئېيىتقندا،ئەنئەنىدىن،ئۆرۆپ-ئادەتتىن خالىي جەمئىيەتتە مۇھەببەت بولمايدۇ،ھەقىقى مۇھەببەتلەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەقلىدىن ئاداشقانلاردۇر. مۇھەببەت لىڭگىرتاق-تاق نەرسە مەن ئۇنىڭغا كۆيۇپ قالدىم شۇڭا ئۇنى قوغلاشتىم.ئۇنىڭغا مۇھەببەت خېتى يازدىم.گۈل تەقدىم قىلدىم،شاكىلات تەقدىم قىلدىم،ئۇنى كىنو كۆرۇشكە،باغچىلارنى سەيلى قىلىشقا،تانسا ئويناشقا،مۇز تېيىلىشقا،تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدىم.سۇغۇق شاماللاردا ئۇنى كۈتتۈم.كىچىلىرى ئۇخلىيالماي ئايلىنىپ يۇردۇم... ئاخرى مەن ھالىمدىن كەتتىم ئۇ تەسىرلىنىپ ماڭا ماقۇل بولدى،ئەمما مەن زىرىككەن ئىدىم. ئۇمىنىڭ ئۆزىگە بۇرنقىدەك مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىغىمنى بايقىدى،ئۇ ئۆزلىكىدىن مىنى ئىزلەپ كەلدى.مىنى كىنو كۆرۇشكە،باغچىلارنى سەيلى قىلىشقا،تانسا ئويناشقا،مۇز تېيىلىشقا،تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.سۇغۇق شاماللاردا مىنى كۈتتى.كىچىلىرى ئۇخلىيالمدى...ئۇ ئاخىرى ئۇمىدىسىزلەندى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ يىگانە سەزدىم.ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن نەقەدەر سۆيۇملۇك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.مەن ئىختىيارسىز ئۇنى ئىزلەپ باردىم.ئۇنىڭغا چۇشەندۈردۈم.ئۇنىڭ ئەپۇ قىلىشنى ئۆمىت قىلدىم،ئۇنىڭ يارىشىپ قىلىشنى كۈتتۈم. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە مۇھەببەت لىڭگىرتاق-تاققا ئوخشايدىكەن،بىر ئۇچى كۆتۇرۇلسە بىر ئۇچى ماس ھالدا تۇۋەنلەيدىكەن. مۇھەببەت ئەندىزىسى رۇمئو بىلەن جۇلىتتا بىر جۇپ ئاشىق- مەشۇق.ئۇلار دائىم جۇلىتتانىڭ گۈللىكىدە مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرىشەتتى.ئۇلار مەڭگۈ بىللە ئۆتۈشنى نىيەت قىلىپ چۇڭقۇر ئەھدى تۈزۈشتى.لىكىن بۇ ساپ،شىرىنخىيال بەربات بولۇپ ھەر ئىككىلىسى پاجىئەلىك ئۆلۇپ كەتتى. جىك بىلەن لوسسى بىر جۇپ ئاشىق- مەشۇق.ئۇلار «تىتانىك» نامىلىق پاراخۇتتا تۇنۇشۇپ مۇھەببەتلەشتى.ئۇلار مۇھەببەت لەززىتىنى تېتىغاندىن كىيىن بىللە قېچىپ كەتمەكچى بولۇشتى. ئاقىۋەت پاراخۇت سۇغا چۆكۇپ جىك دېڭىزغا غەرىق بولدى. جىيا باۋيۇي بىلەن لىن دەييۇي بىر جۇپ ئاشىق- مەشۇقلار.ئۇلار بىر ھويلىدا چوڭ بولغان،ئەزەلدىنلا بىر-بىرىگە ئېجىل ئامىراق.ئۇلارئەر-خۇتۇن بولۇشنى ئارزۇ قىلىشقان.لىكىن جىيا باۋيۇنىڭ تويى بولغان كۈنى لىن دەييۇ بەختىكە قارشى كىسەل بىلەن ئۆلۇپ كەتتى. لىياڭ شەنبۇ بىلەن جۇيىڭتەي بىر جۇپ ئاشىق – مەشۇقلار.ئۇلار بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۇرگەن.كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىشىپ قالغان ۋە توي قىلىشقا تەييارلىق قىلىشقان.ئاقىۋەتتە ئۇلار باشقىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۆلۇپ كىتىپ، كىپىنەككە ئايلىنىپ كەتتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت تەسۋېرلىنىدىغان كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى ۋە تىلىۋېزىيەفىلىملىرىدىكى ۋەقەلىىكلەر.ئۇلار ئوخشاش بىر ئەندىزىگە ئىگە.مۇھەببەت بىردەملىك كۆڭۇل خۇشى،ئۇنى مەڭگۇلۇك قوغلاشقانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئېچىنىشلىق بولىدۇ. (ئەنۋەر ئەسئەت تەرجىمىسىدىكى بۇ ماقالە شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان)
|