كۆرۈش: 8194|ئىنكاس: 15

ئىلى تۇلپارى(جۇماخۇن.خوجا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
1284
تۆھپە
263
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 23:33:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىلى تۇلپارى


جۇماخۇن.خوجا



بىز ئىلىلىقلار ئۆز دىيارىمىزنى”تۇلپار ماكانى“، ئىلى يىلقىسىنى
بولسا ”ئىلى تۇلپارى“دەپ پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىمىز.ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق. ئىلى يىلقىسى جۇڭگودىكى سورتى ۋە نەسلى ئەڭ ئېسىل يىلقا ھېساپلىنىدۇ. ئۇ مۇڭغۇلكۈرەنىڭ گۆھىرى؛ئىلىنىڭ داڭدار ماركىسى؛شىنجاڭنىڭ كوزۇر مەھسۇلاتى بولۇپ دۆلىتىمىزدە داڭلىق،دۇنيادىمۇ نامى بار.لېكىن ھازىرغا قەدەر رايونىمىزدا ئىلى تۇلپارى ھەققىدە تەپسىلىرەك بىرەر پارچە ماقالە بەلكىم چىقمىدى.مەن بۇرۇن ئىلى نەسىللىك يىلقا فېرمىسىدا خىزمەت ئىشلىگەنلىگىم، شۇنداقلا مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى ھاۋالە قىلغانلىغى ئۈچۈن،ئىلى يىلقىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇردۇم.ئەسلىدە بۇ ئېسىل گۆھەرنى تېخىمۇ تەپسىلى،تولۇق  يېزىشىمىزغا توغرا كېلەتتى.بىراق بۇ ھەقتىكى يازما ماتىرياللارنىڭ كەملىگى، ئۆزەمنىڭمۇ قابىلىيىتىمنىڭ چەكلىكلىگى تۈپەيلىىدىن بۇ ماتىيالدا كەمچىلىكلەرنىڭ كۆپ بولۇشى تەبىئى.شۇڭا،مۇتەخەسىسلەر ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدلەپ تولۇقلىشىنى سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن.


ئومۇمى چۈشەنچە


يىلقىنىڭ تارىخى ئادىمىزات تارىخىدىن50 مىليون يىللار بۇرۇن بولسىمۇ،
لېكىن ئىنسانلارنىڭ يىلقىنى كۆندۈرۈپ پايدىلانغىنىغا تەخمىنەن 4 مىڭ يىللار بولۇپ قالدى. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ يىلقىنىڭ تەغدىرى ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە يېڭىچە تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.كونا تاش قوراللار دەۋرىدە يىلقا① ئىنسانلارنىڭ ئوۋ نىشانى بولغان. كېيىنچە يىلقا ئىنسانلار تەرىپىدىن كۆندۈرۈلگەندىن كېيىنكى نەچچە مىڭ يىلدا بولسا ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇرۇش قۇرالى بولۇپ كەلگەن.بۈگۈنكى كۈندە بولسا سانائەتلىشىش، زامانىۋىلىشىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يىلقا تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش قۇرالىغا ئايلىنىپ قالدى.شۇنداقلا يىلقىنىڭ سورتى ۋە سۈپىتىگىمۇ يېڭىچە تەلەپلەر قويۇلۇشقا باشلىدى.دىمەك يىلقىمۇ خۇددى دۇنيادىكى باشقا بارلىق شەيئىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانلارنىڭ ئەمەلى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ناچارلىرى شاللىنىپ ياخشىلىرى تاللىنىش، ئەلالىشىش، توختاۋسىز تەرەققى قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلدى.ئەلۋەتتە، ئىلى يىلقىسىمۇ ئەنە شۇنداق ئەلالىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ داڭ چىقىرىپ كەمەكتە.

بىز دەۋاتقان ھازىرقى ئىلى يىلقىسى—ئەمەلىيەتتە يايلاقتا بېقىلىش
شارائىتىدا،ئۇزاق مۇددەت شالغۇتلاشتۇرۇلۇپ يېتىلدۈرۈلگەن،سان جەھەتتىن بىر قەدەر كۆپ بولغان نەسىل بولۇپ،ئۇ قازاق يىلقىسىنىڭ ئانىلىقىنى ئاساس روسسىيەنىڭ ئورلوف (Orlov) دون (Don)، بۇددېنىي (Budynny)، شۇنداقلا تۈرۈكمەنستاننىڭ ئاقالتېكە (Akhal-Teke)قاتارلىقئېسىل يىلقا سورتلىرىدىن ئاتىلىق قان كىرگۈزۈش ئارقىلىق شەكىللەنگەن يېڭى سورت. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كېيىن ئىلى يىلقىسىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشتا ئاساسلىقى دون (Don)يىلقىسى ئاساس
قىلىنغان.2000-يىلدىن كېيىن دۇنيادا ئەڭ داڭلىق بولغان ئەنگېلىيە ساپ قان(
face="Times New Roman">English Thoroghbred)نەسىللىك ئاتىلىقىنى
كىرگۈزۈپ،تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

ئىلى يىلقىسى ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى
رايونىدا، جۈملىدىن، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىگىنىڭ غەربى قىسمىدىكى ئىلى دەريا ۋادىسىغا تارقالغان.بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى:شەرىق،شىمال،جەنۇپ ئۈچ تەرىپىنى ئىگىز تاغلار ئوراپ تۇرغان،ئىلى ۋادىسى غەرىپ تەرەپكە قاراپ سوزۇلۇپ ئېچىلغان بولۇپ،غەرىپ تەرەپتىن كەلگەن نەم ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ھۆل-يېغىن مىقدارى مول،ھاۋاسى ئىللىق،ئورمانلىرى قويۇق،ئوتلاق كۆلۈمى كەڭرى.چارۋىچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە.ئىلى يىلقىسى دەل مۇشۇنداق گۆھەر زىمىن مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنى مەركەز قىلىپ تېكەس،كۈنەس،نىلقا،توققۇزتارا ناھىيەلىرىگە تارقالغان بولۇپ،ئومۇمى سانى تەخمىنەن100مىڭ تۇياقتىن ئاشىدۇ.


”تۇلپار“ نامىنىڭ بارلىققا كېلىشى


ھازىرقى ئىلى يىلقىسى قەدىمقى ئۇيسۇن يىلقىسىنىڭ ئەۋلادى.يەنى
ئۇيسۇنلار دەۋرىدىكى ئۇيسۇن يىلقىسى ھازىرقى زامان ئىلى يىلقىسىنىڭ ئەجدادى ئىدى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى ئەسىردە غەربى يۇرتتىكى ئۇيسۇنلاردا ئەلا
سورتلۇق ئاتلار يېتىلدۈرۈلگەن.«خەننامە.ئۇيسۇنلارتەزكىرىسى»دە:”تۇلپارلار غەربى يۇرتتىن كەلتۈرۈلەتتى“؛”بۇ دۆلەتنىڭ يىلقىسى نۇرغۇن،بايلىرىدا تۆت-بەش مىڭ تۇياق يىلقا بولىدۇكەن“دەپ خاتىرىلەنگەن. مانا بۇنىڭدىن ئەينى زاماندىكى ئىلىنىڭ يىلقا چارۋىچىلىقىنىڭ كۆلۈمىنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 115-يىلى جاڭ چىيەن ئىككىنچى قېتىم غەربى يۇرتقا ئەلچىلىككە كېلىپ چاڭ ئەنگە قايتقان چاغدا، ئۇيسۇن دۆلىتى خەن سۇلالىسىگە نەچچە ئون تۇياق ئات تەغدىم قىلغان. ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 105-يىلى ئۇيسۇن خانى خەن سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتكەن ھەمدە تويلۇققا مىڭ تۇياق ئات سوغا قىلىپ، پادىشاھ خەن ۋۇدىنىڭ مەلىكىسىنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىشنى،شۇنداقلا ئىككى ئەل ئارىسىدا ئىتتپاقداشلىق ئورنۇتىشنى تەلەپ قىلغان.پادىشاھ خەن ۋۇدى ئۇيسۇن خانىنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولۇپ،شى جۈن مەلىكىنى ئۇيسۇن خانىغا ياتلىق قىلغان.پەدىشاھ خەن ۋۇدى ئۇيسۇن يىلقىسىنىڭ ئېسىل ئاتلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى،شۇڭا ئۇ بۇخىل يىلقىنى مەدھىيىلەپ،ئۆز قەلىمى بىلەن”تۇلپار“(天马) دەپ بېغىشلىما يازغان ئىكەن.شۇندىن كېيىن ئىلى يىلقىسىنىڭ ”تۇلپار“ دىگەن گۈزەل نامى بارلىققا كەلگەن،ئىلى دىيارىمۇ ”تۇلپار ماكانى“ (天马的故乡) دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.

تاڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرغا كەلگەندە، غەربى يۇرتتىكى”خۇي
خېلار“تاڭ سۇلالىسىنى ئات بىلەن تەمىنلىگەن.ھەر يىلى تەمىنلىگەن ئات سانى يۈز مىڭ تۇياقتىن ئېشىپ كەتكەن.بۇنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى كۆپ قىسمى يەنىلا قازاق يىلقىسى ئىدى.

چىڭ دەۋرىدە چيەن لۇڭ پادىشاھ غەربى شىمال چېگرا مۇداپىيەسىنى
كۈچەيتىش ئۈچۈن،بۇ يەردە ئىلى جياڭ جۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، سۈيدۈڭ كۈرە قوۋۇقىنى سالدۇرغان.شۇنداقلا،ئەتراپتا يەنە خۇي نىڭ قاتارلىق سەككىز بازار بەرپا قىلىپ ”توققۇز سۇمۇل“ دەپ ئاتىغان.چىڭ ئوردىسى ئىلى قاتارلىق جايلاردا نەچچىلىگەن يىلقا مەيدانلىرىنى قۇرۇپ،كۆپلەپ سورتلۇق ئات يېتىلدۈرۈپ،ئەسكىرى ئىشلار ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرگەن.


يىلقا نەسىلىنى ياخشىلاش بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى


مىنگونىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە يەنى1942-يىلى شىنجاڭغا ھۆكۈمىرانلىق
قىلىۋاتقان شېڭ شېسەي ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن مەخسۇس تۇلپار يېتىشتۈۈلىدىغان مۇڭغۇلكۈرەنى ئەلا سورتلۇق يىلقا يېتىشتۈرۈش بازىسى قىلىپ تاللاپ،500مىڭ مۇ ئوتلاق،418تۇياق قازاق يىلقىسى(ئانىلىق)ئاجرىتىپ، ئىلى نەسىللىك يىلقا فېرمىسىنى رەسمىي قۇرغان.شېڭ شېسەينىڭ مۇڭغۇلكۈرەنى ئەلا سورتلۇق يىلقا يېتىشتۈرۈش بازىسى قىلىپ تاللىشى بىر تەساددىپىلىق ئەمەس. چۈنكى مۇڭغۇلكۈرەدىن ئەزەلدىنلا ئەلا سورتلۇق ئات چىقىپلا قالماستىن، يەنە بۇ يەرنىڭ يايلاقلىرى كەڭرى،ھاۋاسى سالقىن،ھۆل-يېغىن مىقدارى يېتەرلىك، پۇخرالاردىمۇ يىلقا بېقىش تەجرىبىسى مول بولۇپ، يىلقىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تولىمۇ مۇۋاپىق.گەرچە شېڭ شېسەينىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئەلا سورتلۇق يىلقا يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇشىدا كۈچلۈك ھەربى ھازىرلىق مەقسىدى بار بولسىمۇ،لېكىن ئوبېكتىپ جەھەتتە،قازاق يىلقىسىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشقا شەرت-شارايىت ياراتتى ۋە مۇھىم ئاساس سالدى.

ئىلى نەسىللىك يىلقا فېرمىسى دەسلەپكى قۇرۇلغان مەزگىلدە پەقەت
42نەپەر ئادەم بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە كادىرلار9ئادەم،ئىشچىلار15ئادەم،ئائىلە
تاۋابەت18ئادەم ئىدى.گەرچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئىلى نەسىللىك يىلقا فېرمىسىنى ئاساسلىق باشقۇرىۋاتقان ئىلى قۇرۇلۇش ئىدارىسى بۇ فېرمىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلگەن،بارلىق خادىملارنى ھۆكۈمەت ئاشلىق-ياغ بىلەن تەمىنلەشنى يولغا قويغان،ھەم شۇ يىلىلا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن9تۇياق ئورلوف،دون نەسىللىك ئايغىرىنى كىرگۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ،لېكىن ئەينى يىللىرى ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلى بولغاچقا يېتەرلىك مەبلەغ ۋە تېخنىكا كۈچى سەپلەپ بېرەلمىگەن ئىدى.تەبىئى شەرت-شارايىت ناھايىتى ناچار، ھەممە ئادەم ئارپا نېنى يەپ، گەمە ۋە چېدىرلاردا يېتىپ،ناھايىتى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئاساسەن يىلقا بېقىش بىلەن شۇغۇللانغان.شۇڭا پەقەت بۇ ئايغىرلار بىلەن يەرلىك بىيىلەرنى تەبىئى ئۇرۇقلاندۇشقا توغرا كەلگەچكە،يىلقا نەسىلىنى ياخشىلاش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولغان ئىدى. مەيلى نىمىلا بولمىسۇن،ئىلى نەسىللىك يىلقا فېرمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى قازاق يىلقىسىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش ئىشىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئىلى يىلقىسىنى يېتىلدۈرۈش تارىخىنىڭ باشلانغانلىقىنى نامايەن قىلدى.

ئازاتلىقتىن كېيىن،يىلقا نەسلىنى ياخشىلاش خىزمىتى ھەر دەرىجىلىك
پارتىيە،ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى ھەمدە ئىلى نەسىللىك يىلقا فېرمىسى شىنجاڭ ئۆلكىلىك چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.1950-يىلىغا كەلگەندە يىلقا سانى1256تۇياققا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئانىلىق 613تۇياق؛ بىرىنچى ئەۋلات شالغۇت ئايغىر 45تۇياق؛ سىيىر440باش؛نوپۇس سانى 145كە يەتتى.1954-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىر توپ”ئالاتاۋ“سىيىر- بۇقىلىرىنى كىرگۈزۈپ،يەرلىك سىيىرلارنىڭ نەسىلىنى ياخشىلاش خىزمىتىنىمۇ باشلىدى.1956-يىلى تۇنجى قېتىم پارتىيە ياچىيكىسى قۇرۇلدى.”چارۋىچىلىقنى ئاساس،يىلقىنى تۇتقا قىلىش،دېھقان چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ،چارۋىچىلىق ئارقىلىق دېھقانچىلىقنى بېقىش“تىن ئىبارەت ئېگىلىك فاڭجېنى تۈزۈلۈپ،كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئېچىلدى ھەمدە بۇغداي، ئارپا،قىچا،بەرەڭگە قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلدى.بۇرۇنقى پەقەتلا ”يىلقىنى تۇتقا قىلىش“تىن،ئەمدى كۆپ خىل ئىگىلىك تەرەققى قىلدۇرۇلدى. 1959-، 1960-يىللىرى يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن،خۇبېي ئەنخۇي، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىن921نەپەر چېگراغا ياردەم بەرگۈچى ياشلار كۆچۈرۈپ كېلىندى؛شۇ يىلى يەنە مىڭغۇلكۈرە ناھىيەنىڭ 1-گوڭشېنىڭ 3-دادۈيى960نەچچە نەپەر ئادىمى ۋە چارۋا مېلى بىلەن نەسىللىك يىلقا فېرمىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.ئاندىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چارۋچىلىق چوڭ ئەترەت،دىخانچىلىق چوڭ ئەترەت ۋە قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇلدى.شۇنىڭ بىلەن،ئىلى نەسىللىك يىلقا فېرمىسى چارۋىچىلىق،دېھقانچىلىق،ۋە قوشۇمچە كەسىپلەرنى تەڭ تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرار ئۆي جايىنى،يېمەك ئىچمىكىنى؛مال-چارۋىنىڭ بولۇپمۇ يىلقىنىڭ يەم خەشىكى، قورا-قوتان ئۇرۇقلاندۇرۇش فۇنكىتى قاتارلىق مۇئەسسەسىلىرىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىپ،ئىلى يىلقىسىنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق بەلگۈلۈك كۆلەمگە ئېگە بولغان”نەسىلچىلىك بازىسى“غا ئايلاندى.


”ئىلى يىلقىسى“نامىنىڭ بارلىققا كېلىشى


1910-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە،ئاز بولمىغان روسسىيە مۇھاجىرلىرى
ئىلىغا كۆچۈپ كىرىپ،ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان.ئۇلار ئورلوف قاتارلىق يەڭگىل تىپلىق يىلقا نەسىللىرىنى ئېلىپ كەلگەن. 30-يىللاردا يەنە بىر قىسىم مۇھاجىرلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىر تۈركۈم نەسىللىك ئايغىرلارنى ئېلىپ كىرگەن،1936-يىلى ئىلى قۇرۇلۇش ئىدارىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىر نەچچە تۇياق ئاقالتېكە،دون، ئورلوف قاتارلىق نەسىللىك ئايغىرلىرىنى كىرگۈزۈپ يەرلىكتىكى يىلقىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتكەن.1940- يىلىدىن باشلاپ ھەر قايسى ناھىيەلەردە ئۆي ھايۋانلىرىنى ئۇرۇقلاندۇرۇش فۇنكىتلىرى قۇرۇلۇپ،ئاقالتېكە،دون،ئورلوف نەسىللىك ئايغىرلىرى بىلەن يىلقا نەسىلى ياخشىلانغان. 50-يىللاردىن كېيىن جايلاردىكى دۆلەت ئېگىلىگىدىكى مال چارۋىچىلىق فېرمىلىرى سوۋېت مۇھاجىرلىرىنىڭ قولىدىكى نەسىللىك يىلقىلارنى سېتىۋالغان.1952-يىلىدىن1965-يىلىغىچە چارۋىچىلىق نازارىتى يەنە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 30نەچچە تۇياق ئاقالتېكە،دون،ئورلوف قاتارلىق نەسىللىك ئايغىرلارنى كىرگۈزگەن.يۇقۇرىقىلار ئىلى رايونىدىكى قازاق يىلقا نەىسىلىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ۋە ئىلى يىلقىسىنىڭ تەدرىجى شەكىللىنىشىگە قارىتا ناھايىتى موھېم رول ئوينىدى.

بىرەر شەيئىگە ياكى بىرەر تۈرگە نام بېرىش بەلگۈلۈك كۆلەمگە،ئۆزگۈچە
ئالاھىدىلىككە،خاس ئارتۇقچىلىققا شۇنداقلا مۇئەييەن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان شارايىتتا ئاندىن بولىدۇ.دىمەك ئىلى يىلقىسىمۇ ئەسلىدىكى قازاق يىلقىسى ئاساسىدا،نەسلى تەدرىجى ياخشىلىنىپ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە،خاس ئارتۇقچىلىققا،بەلگۈلۈك كۆلەمگە،شۇنداقلا ھاياتىي كۈچكە ئېگە بولۇشتەك شەرتلەرنى ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈن 1958-يىلى5-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن چارۋىچىلىق مۇتەخەسىسىH.Cراستۇچېكىن پىرافېسسور ئىلى نەسىللىك يىلقا فېرمىسىدا 1-ئاۋغۇست يېزا ئېگىلىك ئىنىستېتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدىكى كۇرسانتلارنى باشلاپ، ئەمەلىيەت پىراكتىكىسىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئىدى.شۇ چاغدا،ئۇ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ،مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ۋە بىڭتۇەننىڭ رەھبەرلىرى بىرلىكتە مۇزاكىرىلىشىپ، مۇڭغۇلكۈرەدە نەسىلى ياخشىلانغان بۇ يىلقىنى”بىر يېڭى“سورت دەپ دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتتى ھەمدە ”ئىلى يىلقىسى“دەپ نام بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مىنىستېرلىقى ئىلىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ”ئىلى يىلقىسى“نى رەسمىي ئەنگە ئالدى.

شۇ يىلى ئىلى نەسىللىك يىلقا فېرمىسى ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن چارۋىچىلىق مۇتەخەسىسىلىرىنىڭ يېتەكچىلىگىدە، بىرىنچى قېتىملىق ئىلى يىلقىسىنىڭ نەسىلىنى ياخشىلاش بەش يىللىق پىلانىنى تۈزدى.بۇ باسقۇچ شالغۇتلاشتۇرۇپ نەسىل ياخشىلاش باسقۇچى بولدى.

1963-يىلى ئىككىنچى باسقۇچلۇق پىلانى يەنى ئىلى يىلقىسىنىڭ سورتىنى
تۇراقلاشتۇرۇش باسقۇچى پىلانى(8يىللىق)تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلدى.

1972-يىلى ئۈچىنچى باسقۇچلۇق(8يىللىق) ئىلى يىلقىسىنىڭ ئۆزىدىن ئۇرۇق
تاللاپ،ساپ تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلدى.

1990-يىلى4-باسقۇچلۇق(15يىللىق)يەڭگىل تىپ يېتىشتۈرۈش پىلانى تۈزۈلۈپ
يولغا قويۇلدى.بۇ باسقۇچتا ئاساسەن دۇنيادىكى داڭلىق سوتلاردىن ئەنگىلىز ساپ قان نەسلى كىرگۈزۈلۈپ،ئىلى يىلقىسىنىڭ ھەم ئىشلىتىشكە ھەم مىنىشكە مۇۋاپىق بولۇش،تەنتەربىيە،ساياھەتچىلىك ۋە كۆڭۈل ئېچىشقا باپ كېلىش ئالاھىدىلىگى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى.

شۇڭا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ
تەستىقلىشى بىلەن،ئىلى نەسىللىك يىلقا فېرمىسىغا ۋاكالىتەن مەن،ئوۋ ياڭۋېن ئىلى چارۋىچىلىق ئىدارىسىدىن ۋاڭ سىلوڭ ئۈچىمىز،1999-يىلى11-ئايدا، ئاۋۇسترالىيەدىن گۇاڭجوغا كىرگۈزۈلگەن(ئىككى ياش،تورى قاشقا،2045- نومېرلىق)بىر تۇياق ئەنگىلىز ساپ قان نەسلىلىك ئايغىرىنى 180مىڭ يۇەنگە سېتىۋالدۇق.بۇ ئايغىر 11-ئاينىڭ 15-كۈنى مەخسۇس كوزۇپلۇق ماشىنا بىلەن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىندى.بۇ چاغدا شىنجاڭنىڭ ھاۋارايى سوۋۇپ كەتكەن ئىدى.شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئەينى چاغدىكى چارۋىچىلىق نازارىتى، پەن-تېخنىكا نازارىتى ۋە تەنتەربىيە كومېتىتىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى ھەمدە ئالدىمىزغا چىقىپ قارشى ئالدى.چۈنكى شىنجاڭدا ئەنگىلىز ساپ قان نەسلىلىك يىلقىسى بولماسلىقتىن ئىبارەت بوشلۇق تولتۇرۇلغان ئىدى. ئۈچ نازارەتنىڭ رەھبەرلىرى مۇزاكىرە قىلىپ:مۇشۇنداق سوغۇق مەزگىلدە ئىسسىق بەلۋاغدىن كەلگەن بۇ ئايغىر  مۇڭغۇلكۈرەگە بىراقلا ئېلىپ كېتىلسە سوغۇق ھاۋارايى شارائىتىغا ماسلىشالماي قېلىشتەك ئېھتىماللىقنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۈرۈمچىدە بىر قىش تۇرغۇزۇپ قېلىشنى قارار قىلدى.پەن- تېخنىكا نازارىتى فېرمىمىزغا 200 مىڭ يۇەن نەسىللىك سورت كىرگۈزۈش مەبللىغى ئاجرىتىپ بەردى؛چارۋىچىلىق نازارىتى بېيجىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، يەنە ئىككى تۇياق ئايغىر كىرگۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومېتىتى بۇ”ئەزىز“ مېھمانغا ئايرىم خانىلىق ئەڭ ئېسىل ئىسسىق قوتان ۋە 400 مېتىر ئۆلچەملىك يۈگۈرۈش مەيدانى بار پارنىك زالىنى ۋە يېرىم يىللىق يەم خەشەك،توك،پار،سۇ،دورا-دەرمەك قاتارلىقلارنى ھەقسىز تەمىنلىدى.بىز ئات زاۋوتتىن تەجرىبىلىك چەۋانداز يالقۇننى مەخسۇس مۇشۇ ئايغىرنى بېقىش ۋە چېنىقتۇرۇشقا مەسئۇل قىلىپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتدۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايغىر ھەر كۈنى ئىسسىق”ياتاقتا“ ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ بېقىلىپ،ئىسسىق زال ئچىدە ئىلمىي ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ بىر تەرەپتىن شنجاڭنىڭ ھاۋارايىغا ماسلاشتى،يەنە بىر تەرەپتىن بوي تۇرقىمۇ ئۆسۈپ خېلىلا يېتىلدى.
بىز ئۇنى2000-يىلى5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئاندىن مۇڭغۇلكۈرەگە ئېلىپ كەلدۇق ھەمدە شۇ يىلى ئىلى يىلقا نەسلىدىن20تۇياق سورتلۇق بىيىنى تاللاپ سۈنئى ئۇرۇقلاندۇردۇق.ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ئۇنىڭ ئەۋلات قالدۇرۇش ئېقتىدارى،ئېرسىيەت قالدۇرۇش ئىپادىسى ناھايىتى ئوبدان بولدى.

2002-يىلى9-ئايدا بىز چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن  بېيجىڭ ”خۇا جۇن“ئات بەيگە مەيدانىدىن ئىككى تۇياق ئامېرىكا تەۋەلىگىدىن بولغان ئەنگىلىز ساپ قان نەسلىلىك ئايغىرىنى سېتىۋالدۇق.بۇ ئايغىرلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسى بىر مىليون يۇەندىن،جەمىي ئىككى مىليون يۇەنگە توختىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا مۇڭغۇلكۈرە نەسىللىك يىلقا فېرمىسى، ھەربى
ئات فېرمىسى(ھازىرقى مۇڭغۇلكۈرە ئات فېرمىسى)،مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەسى كەينى- كەينىدىن ئەلا سورتلۇق ئايغىر ۋە بىيىلەرنى كىرگۈزدى.بۇنىڭ بىلەن ئىلى يىلقىسىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش ئىشلىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمگە ئىگە بولدى.دىمەك،1958-يىلى ئىلى يىلقىسىغا نام بېرىلىپ ھازىرغا قەدەر،ئىلى يىلقىسى ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىق ۋە ئالاھىدىلىكى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ،جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش،قۇرۇلۇش،قاتناش،چېگرا مۇداپىيە،تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلدى.پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى سىرتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇپ،چارۋىچىلار، ئات ھەۋەسكارلىرى،پۇلدار بايلار شۇنداقلا بىرقسقم دېھقانلار ئەڭ قارشى ئالىدىغان، ياختۇرۇپ باقىدىغان ئەرمەك مېلىغا ئايلاندى. يېرىم ئەسىرلىك تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئىلى يىلقىسى ئاخىرى ئالەمگە تونۇلدى!


ئىلى تۇلپارىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسىگە نەزەر


ھازىر يېتىلگەن ئىلى يىلقىسىنىڭ بويى ئىگىز،بەدەن قۇرۇلۇشى تەكشى،
باش قىسمى گۆشسىز،ماڭلىيى كەڭ،كۆزى چوڭ-ئۆتكۈر،بۇرۇن بوشلۇقى چوڭ، بوينى بىلەن مۇرە قىسمىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇۋاپىق،يايلىسى ۋە قۇلىغى تىك؛ كۆكرىكى كەڭ،بەل ئۇزۇنلىقى بىلەن بوي ئىگىزلىكى ماسلاشقان؛بەدەن مۇسكۇللىرى چىڭ تەرەققى قىلغان،پۇتلىرى ئۇزۇن،تۇياقلىرى مەزمۇت، يۇڭى قىسقا پارقىراق،پۈتۈن گەۋدىسى شۇنچىلىك چىرايلىق،كۈچتۆڭگۈر بولۇپ ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ؛لېكىن ئۇنىڭ مىجەزى ناھايىتى مۇلايىم، ئەقىللىق،ئادەمگە يېقىن. شۇڭا ئۇنى ئۇزۇنغا ياكى يېقىن ئارىلىققا تېز سۈرئەتتە يۈگۈرۈشكىمۇ، تۈرلۈك ئات ئۈستى پائالىيەتلىرىگىمۇ ۋە ياكى پېگۇرا چىقىرىپ ماھارەت كۆرسۈتۈشكىمۇ تەربىيەلەشكە بولىۋېرىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ رىقابەت ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ،مەيلى تېز سۈرئەتتە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش،ياكى ھارۋا سۆرەش،تۈرلۈك ئات ئۈستى ئويۇنلىرىدا بولسۇن بىرىنچىلىكنىلا تالىشىدۇ.ھازىر دۇنيادا يىلقىنىڭ ئەڭ ئېسىل سورتى بولغان ئەنگىلىز ساپ قان يىلقىسىنىڭ كېلومېتىرلىق سۈرئىتى54 سېكونت.بىزنىڭ ئىلى يىلقا بولسا بىر كېلومېتىرنى پەقەت 1مىنوت10سېكونت ئىچىدە يۈگرەيدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئېسىمىزدە قالغان مىساللاردىن ئىككىنىلا ئەيتىپ ئۆتسەك كۇپايە:

1990-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېلىمىز ئاتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتلىك
مۇسابىقىسىدا ئات زاۋۇتتىن بارغان ئالا ئاياق جىرەن قاشقا ئات مىڭ مېتىر،ئۈچ مىڭ
مېتىر ئىككى تۈردە بىرىنچىلىكنى ئالغان.بولۇپمۇ مىڭ مېتىرلىق سۈرئىتى بىر مىنوت
ئىككى سېكونت بولۇپ”ئاتلار“خاقانى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1995-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە كومېتىتىدىن قۇدرەت شىجاڭ
كوماندىلىرىنى باشلاپ،يۇننەن ئۆلكىىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىلىشىغا بارغان.ئوبلاستىمىزنىڭ ئات كوماندىسىغا ياشار.يۈسۈپجان تېرىنېر،مەھەممەتجان.مەسۇت مەخسۇس مالدوختۇرى بولۇپ بارغان ئىدى.شۇقېتىمقى ئون مىڭ مېتىرلىق بەيگىدە تېكەسنىڭ قاراكېرى ئېتى1-لىكنى،مۇڭغۇلكۈرە ئات زاۋۇتنىڭ كۈرەڭ قاشقا ئېتى2-لىكنى ئالغان.يەنە ئوغلاق تارتىشىش ۋە ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش ئىككى تۈردە مۇڭغۇلكۈرە كوماندىسى بىرىنچىلىكنى ئالغان.
بۇ يەردە يەنە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى ئىلى يىلقىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىغى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، مەيلى يايلاقتا ياكى قوتاندا،مەيلى سوغۇق ياكى ئىسسىق رايوندا،مەيلى تۈزلەلىك ياكى تاغلىق رايوندا بولسۇن ئوخشاشلا ئۆزىدە بار ئارتۇقچىلىقلارنى تولۇق نامايەن قىلالايدۇ. شۇڭا ئىلى يىلقىسى ھازىر پەقەت ئىلى رايونىدىلا ئۆستۈرۈلۈپلا قالماستىن،بەلكىئېلىمىزدىكى قېرىنداش ئۆلكە-شەھەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈرۈمچى، ئالتاي، تارباغاتاي، بورتالا،بايىنغولىن،قىزىلسۇ قاتارلىق جايلاردا ناھايى ياخشى ئالقىشقا ئېرىشىپ ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىدى.يۇقۇرىقى رايونلار ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن ھەر يىلى مۇڭغۇلكۈرەدىن ئاتىلىق،ئانىلىق يۆتكەپ كېتىدۇ.ئۇندىن باشقا گۇاڭجو،بېيجىڭ، شاڭخەي،ئىچكى موڭغۇل،فۇجيەن،چۇڭچىڭ ۋە شياڭگاڭ قاتارلىق ئۆلكە-شەھەرلەردىكى كۆپلىگەن ئات بەيگە مەيدانلىرى،ئات ماھارىتى كۇلۇپلىرىدىكى ئاتلار ئىچىدە ئىلى ئاتلىرى ئاساسەن كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. مىسالەن:1990-يىلى گۇاڭجو ئات بەيگە مەيدانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندا كۆردۈمكى،بۇ مەيداندا جەمىي 2000تۇيا ئات بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 700نەچچە تۇياق ئات ئىلى تۇلپارى ئىكەن.

ئىلى نەسىللىك يىلقا فېرمىسىنى مەركەز قىلغان مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەسى
70-يىللاردىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر قېرىنداش ئۆلكە-شەھەرلەرنى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قېرىنداش ئوبلاست، ۋىلايەتلەرنى تەخمىنەن100مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئايغىر،بىيە ۋە ئات بىلەن تەمىنلىدى.ھەتتا دۆلەت، ئاپتونوم رايون رەھبەرئىرىمىز ئىلى يىلقىسىنى دۆلەت گۆھىرى قاتارىدا چەتئەل باشىقلىرىغا سوغات قىلىدىغان بولدى.

ئىلى يىلقىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بېقىلىپ،كۈندىن-كۈنگە داڭ چىقىرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرمۇ كەڭ تۈردە ئېچىلىپ بازار تېپىشقا باشلىدى.مەسىلەن:ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بولغان غۇلجاشەھرىنىڭ تاشلەپكە،قازانچى،خەنسۇ بازىرى،لەڭزە بېشى كۆك دۇكان قاتارلىق قايناق بازارلىنىڭ ھەممىلا يېرىدىن  ھەرخىل ئېگەر-توقۇم،ئات يوپۇقى، خورجۇن،تۆشلۈك،تاترما،قۇشقۇن،يۈگەن،نوختا،قامچا،ئېغىزدۇرۇق،ئىزەنگە،ماڭلايلىق
قاتارلىق ئات ياساقلىرى؛ۋە يەنە ئەشۇ جابدۇقلارنى قەدىمقى ئۇسلۇپتا ۋە يېڭىچە نۇسخىلاردا زىننەتلىگەن ھەرخىل كۈمۈش،مىس ھەتتا قاشتېشى، سەدەپ، ھېقىقلار تۇتۇلغان ئات بېزەكلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.مانا بۇنداق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئات بېزەكلىرى رايونىمىز ئىچىدىكى چەۋەندازلار ۋە ئاتخۇمارلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە تازا ماس كېلىپلا قالماستىن،بەلكى، قازاقىستان،قىرغىزىستان،ئۆزبەكىستان،تۈرۈكمەنىستان،پاكىستان موڭغۇلىيە قاتارلىق خوشنا ئەللەردىن  كەلگەن سودىگەر، ساياھەتچىلەرمۇ بۇنداق نەپىس ۋە پۇختا ئات بېزەكلىرىنى ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدۇ؛ئۇندىن باشقا چارۋىچىلىق رايونىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ئۆزلىرى پىششىقلاپ ئىشلىگەن قېزا-قارتا،ئات گۆشى، قىمىز قاتارلىق يىلقا مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرلەرگە ئېلىپ كىرىپ بازارغا
يۈزلەنگەنلىگىنى كۆرۈپ تۇرىمىز؛دۆلىتىمىز، رايونىمىز ئىچى سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ داڭقى چىققان ئىلى يىلقىسىنى كۆرۈپ،ئىلى تۇپارلىرىنى مىنىپ،قېزا-قىمىزغا ئېغىز تەككۈزۈپ قايتمىسا ئىلىغا كەلگەن پۇخاسىدىن چىقمايدىغان بولۇپ قالدى.دىمەك،بىزنىڭ ئىلى تۇلپارىمىز ئۆزىنىڭ شۇنداق جەلىپكارلىغى بىلەن شەھەر- سەھرالارنى،ھەر يەرلىك،ھەر كەسىپتىكى،ھەر مىللەت خەلقىنى بىر بىرىگە زىچ باغلايدىغان كۆرۈككە ئايلاندى؛ئۆز سېھرى كۈچى بىلەن يىراق-يىراقلاردىن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئىلىغا،جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى تاغلىق رايون ــ گۆھەر زىمىن مۇڭغۇلكۈرەگە جەلىپ قىلماقتا!ئىلى يىلقىسى تېخىمۇ ئەلالىشىدۇ،ئۇنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى تېخىمۇتېزلىشىدۇ.جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا،كىشىلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان ماددى،مەنىۋىي ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلىشىدۇ.ئىلى تۇلپارى چوقۇم دۇنياۋىي سەھنىلەردە شۆھرەت قازىنىدۇ!...


جۇماخۇن.خوجا


                             2011-يىلى11-ئاينىڭ25-كۈنى

———————————————————————————————————
①يىلقا—ئومۇمى ئاتالغۇ بولۇپ، ئەركەك يىلقىنىڭ نەسىل قالدۇرۇش ئېختىدارى ئېلىپ تاشلىنىپ، مىنىش ۋە ئىشلىتىشكە يارايدىغان ياشقا كەلگەندە ئاندىن ئات دەپ ئاتىلىدۇ.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
689
تۆھپە
366
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 00:02:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىلىنىڭ ئاتلىرى جۇزا ئۇستىلىدە قىزا -نارىن بۇلوپ كىتىۋاتىدىغۇ،،ھازىر...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
1284
تۆھپە
263
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 00:09:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭلىق بىلەن ئىلى يىلقىسى ھاياتى كۈچىنى يوقۇتۇپ قويمايدۇ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
689
تۆھپە
366
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 00:28:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇلدۇلنىڭ گۇشىنى سۇرلەپ نارىن قىلىپ يەۋەتكىم كىلىۋاتىدۇ،،،مەن بەك ئاچكۇز،،كۇزۇمگە ھىچنىمە كۇرۇنمەيدۇ،،،،،دىققەت قىلارسىز،،،،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
1284
تۆھپە
263
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 00:47:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ھەممىمىز ئىلىلىققۇ.ۋاقتىڭىز بولسا بىز كۆرۈشسەك بولىدىغۇ.مەن سىزنى قىمىز-قوزا،قېزا-قارتا بىلەن مېھمان قىلاي.مېنىڭ تۇلپارىمنى يەۋەتمەڭ يانا.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
1284
تۆھپە
263
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 00:52:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي kargay ،تېچ بوپ قالدىڭىزغۇ.مېھمان بولغىڭىز يوقمۇ-يا؟


Rank: 6Rank: 6

تىللا
689
تۆھپە
366
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 00:56:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرۇڭ ،،ۋاختىدا ئۇچۇر قايتۇرالماپتىمەن ،،
-رەھمەت ...نىسىپ بۇلسا كۇرشىمىز،،،،،،يازدا ھەربى ئات زاۋۇتىغا چىقىپ ئات يىمەي قۇي يەيلى ھە


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
1284
تۆھپە
263
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 01:08:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەربى ئات زاۋوتى ئەمەس،ئىلى نەسىللىك يىلقا فېرمىسى.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1263
تۆھپە
768
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 11:18:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم


Rank: 2

تىللا
81
تۆھپە
36
UID
3942
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 12:00:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلى ئېتى ھەقىقەتە ن دۆلىتىمىزدە داڭلىق،دۇنيادىمۇ نامى بار.قوغداشقا تىگىشلىك .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 14:43, Processed in 0.090265 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991