نېمىشقا كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقمىدىم ؟
نېمىشقا كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقمىدىم؟چۈنكى مەن مەست ئىدىم، پۈتۈن بەدىنىمدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇرىقى كېلەتتى، توۋا ھەجەپ بۈگۈن مەندە غورۇر-نومۇس تۇيغۇسى كۈچىيىپ قاپتا، لېكىن 5 كوي تېپىۋالدىم، يانچۇققا سالدىم، ئىگىسىنى ئىزدىمىدىم، پۇلنى كۆرۈپلا ۋىجدانىم يوقاپ كەتتى، يالماۋۇز بولۇپ قالدىم، زەئىپلەشكەن تاماق يىگىلى بولىدىغان بۇزۇلغان بىر تەننىڭ ئىگىىسى ئىدىم، ئانام بىچارە زېمىستان قىشتا كىۋەز شادىسى بىلەن قوناق شېخىنى قالاپ تۈتۈنگە تولغان ئىسلاشقان ئۆيدە مېنىڭ يولۇمغا قاراپ ئولتۇرماقتا،،مەنچۇ؟ئېسىل ياتاقتا پو دېگەننى بولىشىغا ئېتىپ تاپتىن چىققان نېمىلەر بىلەن بۇزۇقچىلق قىلىش بىلەن ئاۋارە، مەندە مەسئۇلىيەت ، بۇرچ دېگەندىن ئەسەر يوق، قوڭامدا ئىشتان يوق، ئىسمىم مارجان بۈۋى دېگەندەك، ساپ تەن، پاك قەلىب،شەرمى-ھايا شۇ دېھقاندىلا بار ئوخشايدۇ، ئاخشام خېلى ھۆرمىتى بار بىر باشلىق بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم، بىراق مۇشتلىشىپ قالدىم، سەۋەپ ئۇ شۇنداق مىللەتپەرۋەردەك بىلىملىك زاتتەك سۆزلەپ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى :
---مۇشۇ ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر بوپ قالغانلىقمدىن مىڭ پۇشايمان قىلمەن ...
يەنە بىر مۇنچە پەتىلدىدى،قارشى گەپ قىلاي دىسەم تامنىڭمۇ قۇلىقى بار، قولۇمغا بېلەيزۈك تاقىغۇم يوق، شۇڭا مۇشت بىلەن ئۇردۇم، مەست تۇرۇپ يەنە غورۇرلۇق بولۇپ قالغىنىمغا كۈلگۈم كەلدى، تاكسىغا چىققان ئىدىم، مەندىن باشقا 3 كىشى بار ئىدى، تاكسى شوپۇرى 25 ياشلاردىكى قىز بولۇپ كۆزى ئۇدۇلغا تىكىلگەن ، بىز پوسكامغا قاراپ ماڭغانتۇق، ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بوۋاي گەپ باشلىدى :
--پۇلنىڭ راھىتىنى مانا كۆرىۋاتىمەن، يىرىم پويىز يولىغا چىقىپ كىتىپ 380 مىڭ كوي پۇل كەلدى، 66 ياشقا كىردىم، قىزىم ماشىنا ئېلىپ بېرىڭ دىگەنتى ئاۋۋال كىنىشكە ئەپبېرەي دەپ پوسىكامغا ئۆتكەن ھەپتە چىققانتىم 2 قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، مېنى ياتاققا باشلىدى، 10مىڭ كويدىن 20 مىڭ كوي بەردىم، ئەمما دورىنىڭ كۈچىنى كۆردۈم .
بۇ قېرى يەنە بىر مۇنچە سەت گەپ قىلدى، بۈگۈن شۇ قىزلار تېلېفون قىلغاچقا ئۇلارغا چاپان ئېلىپ بەرگىلى چىقماقچىمىش، شوپۇر قىزنىڭ ئاۋازى چىقتى :
--بوۋا مەن تېگەيمۇ يا، مېنى ئالامسىز ؟
--سىز تېگىمەن دېسىڭىز ئالىمەن .
--تويلۇققا نەچچە پۇل قويىسىز ؟
--50 مىڭ كوي پۇل بىلەن بىر قوچقار قويىمەن .
ماشىنا دەھشەتلىك تورمۇزلاندى، قىزنىڭ غەزەپلەنگەن ئاۋازى ۋە بوۋاينىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن كۆرۈنۈش نامايەن بولدى :
--ھۇ نىجىس قېرى، سەندەك مەينەت پوق ساقاللارنىڭ دەستدىن مىللىتمىزنىڭ يۈزى تۆكۈلمەكتە، نومۇس قىلساڭچۇ بايا دېگەنلىرىڭگە، بىلىپ قوي مېنىڭ ئېرىم بار ،سېنىڭ پۇلۇڭغا مەن كۇسىرىمنىمۇ ئىيتمايمەن،شۇنچىلىك پۇلنى تىپپ بىرەر ئۆزۈڭدەك بىر ياشانغان كىشىگە بىر قاچا تاماق ئەپبەردىڭمۇ؟يىتىم - يىسرنىڭ بېشىنى سىلاپ باقتىڭمۇ؟ھەج قىلىپ كېلىشنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ ئىسىت!!!سەندىن يۇندا يالايدىغان ئىت ياخشى، چۈشە ماشىنىدىن، مېنىڭ ماشىنام سەندەك نىجاسەتنى كۆتۈرەلمەيدۇ، ماشىنامنى دومىلا باسمىسۇن، يوقال مۇناپىق ...
قىز كۈچەپ قىرىنى ئىتتىرىپ چۈشۈرىۋەتتى، توۋۋا مەن ئەركىشى تۇرۇپ شۇ قىزدەك ئاچچىقىم يوقيا، مەنمۇ ئۆزۈمدىن نومۇس قىلىۋاتىمەن، كاللام ئېغىرلىشىپ كۆزۈم غۇۋالاشتى، بۇرۇندىن تېما يازسام ئىنكاسچىلاردىن دەشنام ئاڭلايدىغان ئادىتىم بار،چۈنكى مەن شۇنداق پوققا ئامراق چىۋىندەك مەينەت يەرلەردە ياشايمىشمەن، ھەم شۇنى يازىمىشمەن، بۇنى تۈزىتەي دەپ رادىيو ئىستانسىنىڭ سىرداشلار پىروگراممىسىغا تېلېفون قىلىپ دەردىمنى تۆكتۈم، شۇنداق ياخشى تەسەللى بەردى بىراق ئاخىرىدا يەنە گەپ ئىششتىم .
--رەھمەت،سىزگە خۇددى ئانامدەكلا تەسەللى بەردىڭىز .
--نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟ 36 ياشقا ؟
--ساراڭمۇ بۇ، مەن 28 ياشقا كىردىم كاللسىنى ھەرە چىقىۋالغان، ساراڭ ...
بىر چىرايلىق پاراڭلىشىپ دەشنام ئاڭلىغىنمغا كۈلدۈم، ئەسلى ئۇ مەسلىھەتچىنىڭ گىپى بەك ياراپ قىلىپ باشقا رەھمەت گىپى تاپالماي دىگەن ئىدىم،ئەمما گىپىم تەتۈر بوپ قالدى، قىلغان ئىشلىرىم ھەممىسى تەتۈر،مەندە پەقەت بىر تومۇدىلا جان قالغاندەكلا قىلماڭ دىگەن ئىشنى زورلاپ قىلىدىغان كاللا ھېچنېمىگە ئىشلىمەيدىغان ئالدىمدىكى ساۋاپلىقنى قىلماي پۇل خەجلەپ گۇناھ قىلىدىغان ئەسكى ئادەتنى يېتىلدۈرىۋالدىم،ئاغزىدا شەھەر ئىلىپ قوڭىدا لەڭزە چۆرۈيدىغان ،مەسىچتكە بارماي كىرا قىلىپ شوپاڭغا بارىدىغان، تەخسىكەش، خوشامەتچى، غالچا بولدۇم، بۇمۇ جان بېقىشنىڭ ئۇسۇلىكەن، ئۆزۈمنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىمنىمۇ بىلمەيتتىم، قېرىنداش يولداش مىللەتكە تەگدىغۇ بىر مەلۇماتلىق قىز، مەندە نېمە ئامال ، ئۇنى توسىيالامتىم، تېخى تويىغا قورداق ئەتتۇق، بۇنى شەرەپ دەيمەن، ئەمىسە ماڭا رۇخسەت قىلىڭلار، مەن كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقمىدىم، پىيادە مۇنچىغا پاكلانغىلى ماڭدىم ، ئادەمنىڭ جىسمى 2 روھىي نەرسىدە پاكلىنىدۇ، بىرى ئوتتا،بىرى سۇدا،مەن سۇنى تاللىدىم .ئەسلىدىغۇ دوزاقىنىڭ ئوتى لايىق .ئىدى ماڭا، ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم بۇ تىمىغا سەممى پىكىر قىلغايسىز، تېمىدىكى مەن ، مەن ئەمەس ، پەقەت ئۆز تىلمغا ئايلاندۇرۇپ سۆزلىدىم ، نېمىشقا كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقمىغىنمنى بىلگەنسىز ؟
مەنبە_تاز كاللام، بوران114