تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 56|ئىنكاس: 4

گۈللەر نالىسى (بەرگىيە)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسمى
تۇرسۇنئاي سۇلتان
تىللا
56
تۆھپە
24
UID
246
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چۈنكى ھىجران تاشتىنمۇ قاتتىق


ئىشەنگۈم يوق، ئىشىنەلمەيمەن،

كەلمەس بولۇپ كەتكەنلىكىڭگە.

بۇنچە بالدۇر ھاياتنىڭ چېكى_

مەنزىلىگە يەتكەنلىكىڭگە.


چالا قالدى ئىستەكلىرىمىز،

سۇنالمىدىم ھەتتا بىر تال گۈل.

سەنسىز مەنا تاپمىدى ۋاقىت،

كۆپ نەرسىدىن سوۋۇدى كۆڭۈل.


نالە قىلىپ ياتار تېلىفون،

چاقىرالماي تونۇش نومۇرنى.

ئۇنىڭ بىلەن دەرتلىك كۈنلەرگە،

بىر چاغلاردا چاچقانتىڭ نۇرنى.


شېرىنلىكتە ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ،

ئەسلىمىسى شۇ قەدەر تاتلىق.

ئەمما، كۆزگە ئولىشىدۇ ياش،

چۈنكى ھىجران تاشتىنىمۇ قاتتىق.


چوغقا ئايلانغان يۈرەك


گۈل بەرگىدەك رەڭدار لېرىكا،

لەرزان قانات قاقسا سامادا.

چوقان سېلىپ يېتىرقاق ياشلار،

ئاپئاق قارغا ئايلىنىپ بىردىن،

ماكانلىشار كەچمىش تېغىدا.


ئەلەڭلەيىتتى خىيالىي ئىستەك،

بىر تارتىنچاق سۆيگۈ باغرىدا.

تىنىچ ئوكيان مىسالى كەبى،

غەمكىنگىنە تارىتقىنىدا ئۇھ،

چاراسلايىتتى تەنلەر ئازاپتا.


تەكلىماكان باغرىدا ئۆسكەن،

يانتاق كەبى ئىرادە ئارا.

بىر ساڭىلا ئاتالغان سۆيگۈم،

پەقەت سۆيۈپ نازۇك جىسمىمنى،

جىمىرلايىتتى تومۇرلىرىمدا.


ئەي سۆيگۈمنىڭ ئىگىسى ئىنسان،

شىپىرلىغان يەڭگىل تىۋىشتا.

بىرسى ساڭا قويدى ئامانەت،

يۈرىكىنى سەن ماڭغان يولغا.

ئاتلاپ كەتمەي كۆرۈپ ئۆتۈپ كەت،

يولدا چوغنى كۆرسەڭ ناۋادا.


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
541
تۆھپە
429
UID
372
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ تاتلىق چىقىپتۇ...تىرىشىڭ.


دۇنيانىڭ ئۆزى بىر تاتلىق شېئىر

Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
قۇربان سايىم
تىللا
155
تۆھپە
107
UID
558
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ھىسلارغا تولۇمۇ بايكەنسىز.
                     


Rank: 4

ئىسمى
ئىگىلمەس
تىللا
251
تۆھپە
137
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        شىئىرىڭىز تىتىملىق چىقىپتۇ غەيرەت قىلىڭ!


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1169
تۆھپە
872
UID
354
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kurban يوللىغان ۋاقتى  2011-11-16 19:56
ھىسلارغا تولۇمۇ بايكەنسىز.
                      { ...

قۇربانجان!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!، ئې قۇرۇق چاۋاكنى ئازراق چېلېڭلار، قاچان قارىسا ئىنكاس ئاستىغا چاۋاك چېلىپ قويۇدىكەنسىلەر. سىلەر چاۋاك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇمىغانما؟. چاۋاكنى چالىدىغان يەرگە چالغۇلۇق، كەلسە-كەلمەس يەرگە چېلىۋەرسە قولاڭلىنىڭ پەنجىسى توشامدا؟


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 17:11, Processed in 0.055810 second(s), 20 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش