تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 115|ئىنكاس: 2

كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسمى
ھايات
تىللا
130
تۆھپە
43
UID
9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ قالغاندەكمۇ تۇراتتى. بولۇپمۇ كەچتە زادىلا ئۇخلىيالمايتتى، دائىم كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار، دەپلا ئويلايتتى.
   بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، فوركىس بېشىنىڭ يېرىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىۋاتقانلىقىنى، كۆز ئەتراپىنىڭمۇ قارىداپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. نېرۋىلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان فوركىس ئاخىرى پىسخولوگىيە دوختۇرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى.
   — قاراڭ دوختۇر، ماڭا بىر ياردەم قىلمىسىڭىز بولمىدى،-دېدى فوركىس يالۋۇرغان ھالدا،-ھەر كۈنى كەچتە كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاي دېسەملا، دائىم كارىۋات ئاستىدا بىرى باردەكلا بىلىنىدۇ. ئەمما كارىۋات ياپقۇچىنى قايرىپ كارىۋات ئاستىغا قارىسام قۇپقۇرۇق. شۇنىڭ بىلەن بولماي كارىۋات ئاستىدا ئۇخلاپ باقتىم، بۇ ۋاقىتتا كارىۋات ئۈستىدە ئادەم باردەك بىلىندى. مۇشۇنداق قىلىپ مەن بىردەم كارىۋات ئۈستىدە، بىردەم كارىۋات ئاستىدا، بىردەم ئۈستىدە، بىردەم ئاستىدا ياتتىم... دوختۇر ماڭا چوقۇم ياردەم قىلىڭ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسەم ساراڭ بولۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن.
   دوختۇر ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن:
   — سىزنى دەرھال داۋالىمىساق بولماپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسىلىڭىزنى ساقايتىش ئاسان ئەمەس، تەلىيىڭىزگە ماڭا ئۇچراپ قالدىڭىز، مەن مۇشۇ خىل روھىي كېسەللىكنى داۋالاش مۇتەخەسسىسى،-دېدى.
   فوركىس دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.
   — بەك ياخشى بولدى دوختۇر، قېنى ئېيتىڭە، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟
   — ئەمدىكى ئىككى يىلدا سىز ھەر ھەپتىسى ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا بىر سائەت مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىسىز، كېسىلىڭىزنى چوقۇم ساقايتىۋېتىمەن،-دېدى دوختۇر.
   — ھەق ئېلىش ئۆلچىمىڭىز قانداقكىن؟-سورىدى فوركىس.
   — بىر سائەتكە 100 دوللار ئالىمەن.
   — بەك قىممەتكەن،- دەۋەتتى فوركىس.
   ئالتە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، بىر كۈنى دوختۇر كوچىدا كېتىۋاتقان فوركىسنى ئۇچرىتىپ قالدى، ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ياخشى، كۆز چۆرىسىدىكى قارىلارمۇ يوقاپ كەتكەن ئىدى. دوختۇر قىزىققان ھالدا:
   — سىز مېنى بىرلا ئىزدەپ بارغانچە ئىككىنچىلەپ كەلمىدىڭىز، ئەجىبا كېسىلىڭىز ساقىيىپ كەتتىمۇ؟-دەپ سورىدى.
   فوركىس كۈلۈپ تۇرۇپ:
   — سىز بەك يۇقىرى ھەق ئالىدىكەنسىز، بىر قېتىمدا 100 دوللار ئالغىلى تۇرسىڭىز، مەن خانىۋەيران بولۇپ كەتكۈدەكمەن. كېيىن مەن 10 دوللارلا خەجلىۋىدىم كېسىلىم ساقىيىپ كەتتى.
   دوختۇر كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ:
   — شۇنداقمۇ؟ بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن، بۇ جاھىل خاراكتېرلىك پىسخىكا كېسەللىكى ئىدى.
   — ئەمما قاراڭچۇ دوختۇر، مانا ئالدىڭىزدا ساپمۇساق تۇرمامدىم.
   — كېسىلىڭىز قانداق ساقىيىپ كەتتى؟-دەپ سورىدى دوختۇر قىزىققان ھالدا.
   — ياغاچچى ئۇستامنى تەكلىپ قىلىپ، كارىۋاتنىڭ تۆت پۇتىنى كەستۈرۈۋەتتىم.
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى
<<تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى>> نىڭ <<ئەدەبىيات>> سەھىپىسىدىن ئېلىندى


ماڭا نېمە تىلىسەڭ، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىككىسىنى ساڭا بەرسۇن

Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1169
تۆھپە
872
UID
354
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەن ھېكايىنىڭ بېشىنى ئوقۇپ كارۋاتنى يۆتكىۋىتىپ يەردىلا ياتسا ساقىيىدۇ دىمەكچى ئىدىم، ئويلىغاندەك كارۋاتنىڭ پۇتىنى كېۋىۋېتىپتۇ


Rank: 4

ئىسمى
ئىگىلمەس
تىللا
251
تۆھپە
137
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 09:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



      شۇنداق بەزى ئىشلار شۇداق ئاددى


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 17:05, Processed in 0.053211 second(s), 19 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش