تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 67|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر كىيىم–كېچەكلىرىدىن پەرىجە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
695
تۆھپە
307
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پەرىجە


ئابدۇرىشاد مۇساجان توغرۇل


   پەرىجە — كېرىيە ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇراسىم كىيىمى بولۇپ، ياقا چىقىرىلماي، ئويما شەكىلدە تىكىلىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە ئومۇملاشقان شەكلى قارا رەختتە تىكىلىپ، گىرۋىكى ۋە يەڭ ئۇچىغا چەش رەڭ ياكى ھاۋا رەڭ، يېشىل رەڭلىك رەختلەردىن بىر سانتىمېتىر كەڭلىكتە جىيەك تۇتۇلىدۇ. مەيدىسىگە جىيەك تۇتۇشقا ئىشلىتىلگەن رەڭدىكى رەختتىن ئوڭ تەرەپكە يەتتە دانە، سول تەرەپكە يەتتە دانە تارغاقچە چىقىرىلىدۇ. تارغاقچە ياي شەكىللىك، بىر سانتىمېتىر كەڭلىكتە بولۇپ، ئىككى ئۇچى ئۈستىگە قارىتىلىدۇ. تارغاقچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 ~ 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، پەرىجىنىڭ ئۇزۇنلۇقى كىيگۈچىنىڭ تىزىدىن ئوشۇقىغىچە بولغان ئارىلقتا بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
   پەرىجىنى جۇۋان تويى قىلىپ بولغان ئاياللار ھەرقانداق مۇراسىملاردا ئورتاق كىيىدۇ. پەرىجە كىيگەندە چوقۇم بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىپ، كىچىك تەلپەك كىيىش كېرەك. تېخى جۇۋان تويى قىلمىغان ئاياللار ئۆلۈم–يېتىم، نەزىر–چىراغلاردا كىيىدۇ. بۇ چاغدىمۇ ئاق ياغلىق چىگىپ، كىچىك تەلپەك كىيىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
   خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى پەرىجىلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، پەرىجىنىڭ بۇرۇنقى دەۋرلەردە خوتەن رايونىدا كەڭ ئومۇملاشقان مۇراسىم كىيىمى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە لوپ ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسى، چىرا ناھىيەسىنىڭ دامىكۇ يېزىسى، كېرىيە، نىيە ناھىيەسى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ بىر قىسمىدا تۈرلۈك مۇراسىملاردا پەرىجە كىيىش ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن.
   يەرلىك كىشىلەر پەرىجە ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت قىلىشىدۇ: بۇرۇنقى زاماندا كېرىيە مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇپ، شەرقتە يەتتە بەگلىكنى، غەربتە يەتتە بەگلىكنى (بەزى رىۋايەتلەردە قەبىلىنى دېيىلىدۇ) ئۆزىگە بەيئەت قىلدۇرغانىكەن، كېرىيە دۆلىتىنىڭ شۇ چاغدىكى پادىشاھى ئايال بولۇپ (بەزى رىۋايەتلەردە پادىشاھنىڭ خانىشى دېيىلىدۇ)، ئۇ ئۆز ھاكىمىيىتى ۋە سەلتەنىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن پەرىجىنى ۋە كىچىك تەلپەكنى كەشىپ قىپتۇ. پەرىجىنىڭ ئوڭ مەيدىسىدىكى يەتتە تارغاقچە غەرب تەرەپتىكى ئۆزلىرىگە بەيئەت قىلغان يەتتە بەگلىككە، سول تەرەپتىكى يەتتە تارغاقچە شەرق تەرەپتىكى ئۆزلىرىگە بەيئەت قىلغان يەتتە بەگلىككە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ئايال پادىشاھنىڭ چېچى ياخشى بولمىغاچقا، كىچىك تەلپەكنى چاچ ئورنىدا كىيىشنى يولغا قوينانىكەن.
   بۇ خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەت. لېكىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق يازما ئىسپات ياكى ماددىي ئىسپات يوق. خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان كونا پەرىجىلەر ۋە تارىخىي سۈرەتلەردىكى پەرىقىلەردىن قارىغاندا، بۇرۇنقى دەۋرلەردە مەيدىسىگە چىقىرىلىدىغان تارغاقچىنىڭ ساى مۇنتىزم بولمىغان، يەنى تارغاقچە ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ، ئەڭ كۆپ بولغاندا توققۇز بولغان. بۇ خىل ئەھۋال يۇقىرقى رىۋايەتنىڭ ئەمەلىيەتكە تازا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مېنىڭچە، تارغاقچە سانى ھەرقايسى قەبىلىلەر ئۆزلىرى مۇقەددەس بىلگەن سان بويىچە بېكىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. يېقىنقى دەۋرلەرگىچە پەرىجە نوقۇل ھالدا قارا رەڭلىك رەختلەردىلا تىكىلمەستىن، ئاق رەڭلىك، كۆك رەڭلىك ۋە بېغىر رەڭلىك يىپەك رەختلەدىمۇ تىكىلەتتى. بۇمۇ شۇ قەبىلە مۇقەددەس، خاسىيەتلىك دەپ قارىغان رەڭلەر ئاساسىدا تىكىلگەن بولۇشى مۇمكىن.
   بەزىلەر پەرىجىنىڭ ياقا چىقىرىلماي تىكىلىش شەكلىگە ئاساسەن، بۇددا راھىبلىرىنىڭ تونىغا تەققاسلاپ، ‹‹بۇددا دىنى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن›› دەپ قارايدۇ. ئەگەر پەرىجە بۇددا دىنى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن بولسا، شەك–شۈبھىسىزكى، بۇددا مۇرىتلىرىنىڭ، ھېچ بولمىغاندا راھىبلارنىڭ جەسەتلىرى چوقۇم پەرىجە كىيگۈزۈلۈپ دەپنە قىلىناتتى. قەدىمكى قەبرىلەردىن تېپىلغان تېپىلمىلار ئارىسىدا ھازىرغىچە پەرىجە تېپىلمىدى. يەنە بەزىلەر پەرىجىنى موڭغۇللارنىڭ ئويما شەكىللىك ياقىسىز كىيىمىگە ئوخشىتىپ، ‹‹موڭغۇللاردىن كىرگەن بولۇشى مۇمكىن›› دەپ قارايدۇ. لېكىن موڭغۇللارنىڭ كىيىمى سول بېقىنىدىن ئىزمىلىنىپ ئېتىلىدۇ، پەرىجە ئالدى تەرەپتىن ئوچۇق تىكىلىدۇ، ئىزما ياكى تۈگمە قادالمايدۇ. يەنە كېلىپ، موڭغۇللارنىڭ كىيىمىدە تارغاقچە يوق، ئەرەنچە ۋە ئايالچە كىيىملەرنىڭ شەكلى ئاساسەن بىردەك، پەرىجىنى خاس ئاياللار كىيىدۇ. يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر پەرىجىنىڭ مەيدىسىدىكى تارغاقچىنى ‹‹يا ئوقى سالىدىغان ئوقدان، ئوۋچىلىق دەۋرىدە يا ئوقى سېلىش ئۈچۈن شۇنداق تىكىلىپ، تەدرىجىي شەكىل ئۆزگەرتىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلگەن، قازاقلار ئارىسىدا بىر قەبىلىدە بۇ خىل ساداقلىق كىيىم يېقىنقى دەۋرگىچە ساقلىنىپ كەلگەن››، دەپ قاراپ پەرىجىنى ‹‹ئوق كىيىمى›› دەپ ئاتىدى. بۈگۈنكى كۈندە خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا بۇ ئاتالغۇ ئومۇملىشىشقا باشلىدى. بۇمۇ ئەمەلىيەتكە تازا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاراش. چۈنكى بىرىنچىدىن، ئەجدادلىرىمىز تارىختا يا ئوقىغا مەخسۇس ساداق ياساپ، ساداقنى يۈدۈپ يۈرۈپ ئىشلەتكەن، قەدىمكى خارابىلەردىن تېپىلغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئاز بولمىغان ساداقلار بۇنىڭغا پاكىت بولالايدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئوقنى ئېلىشمۇ كۆپ قولاي بولىدۇ. ئەگەر مىلتىق ياكى تاپانچا ئوقى بولسا ئىدى، كىيىمنىڭ مەيىدىسىگە ئوقدان چىقىرىپ تىكىش ئەقىلگە سىغاتتى. ئىككىنچىدىن، قەدىمىي خارابە ياكى ئىزلاردىن ھازىرغىچە مەيدىسىگە ساداق قادالغان ياكى ئوق سالىدىغان يانچۇق تىكىلگەن كىيىم–كېچەك تېپىلىپ باقمىدى. تارىخىي خاتىرىلەردىمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ئۈچىنچىدىن، پەرىجە قانداقتۇر ئوۋ كىيىمى بولماستىن، بەلكى مۇراسىم كىيىمى، بۇ نۇقتىنى ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
   پەرىجىنىڭ كېلىپ چىقىش ھەققىدە مېنىڭ قارىشىم مۇنداق: ئەجدادلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن باشقا ۋادىلاردا ياشىغان ئىپتىدائىي ئىنسانلارغا ئوخشاشلا مەۋجۇداتلارغا چوقۇنۇش دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، كېيىن قۇياشقا، كۆك تەڭرىگە، ئاي–يۇلتۇزلارغا، قۇياشنىڭ يەر يۈزىدىكى ھاسىلاتى دەپ قارالغان ئوتقا...چوقۇنڭدىغان كۆپ خۇدالىق دىن — شامان دىنىغا (ئاتەش دىنى ياكى زەردۇش دىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئېتىقاد قىلغان. شامان دىنىدىكى دىنىي داھىيلار پېرىخونلار بولۇپ، ئۇلار ھەم دىنىي يېتەكچى، ھەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى قەبىلە بولۇشتەك مۇھىم ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. ئۇلار ئۆز تەپەككۇرىغا ئاساسەن تۈرلۈك دىنىي قائىدە، دىنىي ئەمىر–مارۇپ، دىنىي تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، يولغا قويغان. ئۇلارنىڭ دىنىي مۇراسىم بۇيۇملىرى ۋە مۇراسىم كىيىملىرى ئۆزگىچە بولۇپ، دىىنىي ئەقىدىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئاساسىدا تىكىلگەن. شامان دىنىدا ئالەم ئۈچ قەۋەت بولۇپ، بىرىنچى قەۋىتى ئاسمان (كۆك)، بۇ تەڭرىلەر، ئىلاھلار ياشايدىغان ماكان. ئىككىنچى قەۋىتى يەر، بۇ ئىنسانلار ياشايدىغان ماكان، ئىنسانلارغا بەخت–سائادەتنى ئاسماندا ياشىغۇچى تەڭرى–ئىلاھلار بېرىدۇ، بالايى–قازا، خېيىم–خەتەر، ئاغرىق–سىلاقلارنى جەھەننەمدە ياشايدىغان جىن–شاياتۇنلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈندۈز بەخت–سائادەتلىك، كېچە شۇملۇق دەپ قارالغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىدا كېچىسى گۈلخان يېقىپ، قۇياشنىڭ يەر يۈزىنى ئايلىنىش قانۇنىيىتى بويىچە گۈلخاننى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئويناپ، كۆككە تېۋىنىپ بەخت تىلەش، يۈزىگە نىقاب تارتىپ جىن–شاياتۇنلارچە ياسىنىپ، نەغمە–ناۋا قىلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، جىن–شاياتۇنلارنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇش مەقسىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. يۈزىگە تارتىلىدىغان نىقاب ئاساسلىقى ئۆزلىرى تۇتېم قىلغان ھايۋانلارنىڭ شەكلىدە ۋە جىن–شاياتۇنلاردەك ياسىنىشتا كۆمۈۋېتىلگەن جەسەتنىڭ چىرىپ، ئۇستىخىنىلا قالغان ھالىتىدىن پايدىلىنىش بىرقەدەر كەڭ ئومۇملاشقان. شۇڭا نىقابلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسكىلىت شەكلىدە ئىشلەنگەن. پەرىجىمۇ پېرىخونلارنىڭ جىن–شاياتۇنلارچە ياسىنىشى ئۈچۈن كەشىپ قىلىنغان كىيىم بولۇپ، مەيدىسىدىكى تارغاقچىلار قۇۋۇرغىنىڭ شەكلى بولۇشى، ئەتراپىغا تۇتۇلغان كۆك جىيەك كۆك (ئاسمان)نىڭ ۋە تەبىئەتنىڭ سىمۋولى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل نىقاب كىيىم كېيىنچە تەدرىجىي ئۆزگىرىش ياساپ، ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
   قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ خىل نىقاب كىيىمىنى پېرىخونلار كىيگەندىن سىرت، باشقا تەقۋادار كىشىلەرمۇ مۇراسىملاردا كىيگەن، كېيىنكى دەۋرلەردە تۈرلۈك پېرىخۇنلۇق مۇراسىملىرىغا قاتناشقۇچىلار كىيگەن. شۇڭا بۇ كىيىم تىپىك مۇراسىم كىيىمى بولغان. پەرىجىمۇ مۇتلەق مۇراسىم كىيىمى ۋە ھازا (قارىلىق) كىيىمى.
   بەزىلەر ‹‹پەرىجە›› سۆزىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹پۈركەنچە›› سۆزىدىن فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ ھاسىل بولغان ئىسىم، دەپ قارايدۇ. لېكىن قەدىمكى تۈرك تىلىدا پۈركەنچە ‹‹ئەشۈك›› دېيىلگەن، بۇ ‹‹پۈركەندى، يېپىندى›› مەنىسىدىكى ‹‹ئەشۈدى›› پېئىلدىن ياسالغان، يەنە ‹‹بۈرۈنچۈك››مۇ دېيىلىدۇ. ئۇزۇن تاش كىيىمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەزى شېۋىلىرىدە قىسقارتىلىپ ‹‹پەرەنجە›› دېيىلىدۇ، بۇ سۆز قەدىمىي تىلدا ئوغۇزچە ‹‹تەرىنچەك›› دېيىلىدۇ، بۇ سۆزلەر بىلەن پەرىجە ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار. ‹‹پەرىجە›› سۆزى ‹‹پىرچە›› سۆزىدىن فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ ھاسىل بولغان ئىسىم بولۇپ، ‹‹پىر›› سۆزى قەدىمكى دەۋرلەردىكى دىنىي ئۇستازلارنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردىمۇ دىنىي ئۇستازلار ‹‹پىر – ئۇستاز›› دېيىلىدۇ. ‹‹پىر›› سۆزى يەنە ‹‹كامالەتكە يەتكەن›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تۈرلۈك ھۈنەر–كەسىپلەرنىڭ ئىجادچىسى ياكى كامالەتكە يەتكۈزگۈچىسىمۇ ‹‹پىر›› دېيىلىپ، شۇ ھۈنەر–كەسىپنىڭ ئىسمى بىلەن سۈپەتلىنىدۇ. مەسىلەن، ياغاچچىلىقنىڭ پىرى نوھ ئەلەيھىسسالام، تۆمۈرچىلىكىنىڭ پىرى داۋۇت ئەلەيھىسسالام، توقۇمىچىلىقنىڭ پىرى نەخشىۋەن پىرىم، شېكەر – قەندالچىلىقنىڭ پىرى شېكەر گەنجىۋۇللا پىرىم...دېگەندەك. دىنىي مۇراسىملارغا يېتەكچلىك قىلغۇچىلار ‹‹پېرىخۇن›› دېيىلىدۇ، بۇ سۆز ‹‹دىنىي ئۇستاز›› مەنىسىدىكى ‹‹پىر›› سۆزى بىلەن ياسالغان. قۇياش ئېتىقادچىلىقى ۋە شامانىزم دەۋرلىرىدە قەبىلە ئاقساقاللىرى پېرىخۇنلار ياكى دىنىي داھىيلار ئىدى، كېيىنكى دەۋرلەردە پېرىخۇنلار قەبىلە ئاقساقاللىق ئورنىدىن ئايرىلىپ، جەڭگە ماھىر قوماندانلار قەبىلە ئاقساقاللىق ئورنىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، قەبىلىلەر، شەھەرلەر ۋە رايونلاردا مەخسۇس دىنىي مۇراسىملارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پېرىخۇنلار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش جەھەتتە مۇئەييەن ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. شۇڭا ئۇلار دىنىي مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىپ، ئۆزلىرىنىڭ پېرىخۇن ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلاتتى. بۇ خىل كىيىملەر ئاۋام تىلىدا ‹‹پىرچە كىيىم›› ياكى ‹‹پىرچە تون›› دېيىلەتتى. كېيىنچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پېرىخۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پەقەت پىرچە تون كىيىپ يۈرۈشكەن.
   تارىم ئويمانلىقى ۋە قاراقۇرۇم ئېتەكلىرىدىكى ۋادىلاردا ئانا ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقان، ئاتا ئۇرۇقداشلىق جەمەتى تۈزۈمىگە ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، خېلى ئۇزاق دەۋرلەرگىچە ئاياللار (ئانىلار ۋە خانىشلار) ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولغان. شۇڭا پېرىخۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللار ئىدى. قۇياش ئېتىقادچىلىقى ۋە شامانىزم دەۋرىدە شەكىللەنگەن جىن قوغلايدىغان، كېسەللەرگە شىپالىق تىلەيدىغان دىنىي پائالىيەتلەر رايونىمىزدا تاكى بۈگۈنكى دەۋرگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ خىل دىنىي پائالىيەتلەر خوتەن رايونىدا ‹‹پىر ئويناش›› دېيىلىدۇ. بۇ خىل دىنىي پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغۇچى يەنىلا ‹‹پېرىخۇن›› دېيىلىدۇ. ھازىرمۇ پېرىخۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللاردۇر.
   ‹‹پىرچە›› سۆزىدىكى ‹‹پىر››نىڭ كەينىگە ‹‹ئى›› تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇپ كېلىشىدىكى سەۋەب: خوتەن شېۋىسىدە يېپىق بوغۇملارنىڭ كەينىدىكى ‹‹ر›› تاۋۇشى بىردەك چۈشۈپ قالىدۇ. لېكىن يېپىق بوغۇملارنىڭ ئاخىرىدىكى ‹‹ر›› تاۋۇشىنى چۈشۈرۈپ قويسا، مەنە ئىپادىلەنمەيدىغان ياكى مەنە ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ۋە ياكى شۇ شەكىلدىكى باشقا مەنىدىكى سۆزلەردىن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان سۆزلەردە، ‹‹ر›› تاۋۇشىنىڭ كەينىگە ‹‹ئى›› ياكى ‹‹ئا›› تاۋۇشىنى قوشۇپ، بىر بوغۇم ھاسىل قىلىپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: خوتەن شېۋىسىدە ‹‹كەڭ›› سۆزىنىڭ قارمۇقارشى مەنىسىدىكى ‹‹تار›› سۆزى ‹‹تا›› دەپ، چالغۇلارغا سېلىنىدىغان ‹‹تار›› سۆزى ‹‹تارى›› ياكى ‹‹تارا›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئىش–ئەمگەكنى بىلدۈرىدىغان ‹‹كار›› سۆزى ئىسىم بولۇپ كەلگەندە ‹‹كارى›› دېيىلىدۇ. يەنى ‹‹ئەمگەككە باردىم›› دېگەن مەنىدە ‹‹كارىغا باردىم›› دېيىلىدۇ. ئوت مەنىسىدىكى ‹‹نار›› سۆزى ئىسىم شەكلىدە كەلگەندە ‹‹نارى›› دېيىلىدۇ. مۇشۇ شەكىل بويىچە ‹‹پىر›› سۆزىدىكى ‹‹ر›› تاۋۇشىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، بۇ سۆز ‹‹پىرى›› دەپ ئاتالغان. ‹‹پىرچە›› سۆزىدىكى ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە ‹‹چە››نىڭ ‹‹جە›› تەلەپپۇز قىلىنىشىدىكى سەۋەب: قەدىمكى تۈرك تىلىدا ‹‹چ›› تاۋۇشى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. پەقەت 11–ئەسىرلەردىن باشلاپلا ‹‹چ›› تاۋۇشى ‹‹ج›› تاۋۇشىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا باشلىغان. شۇڭا ‹‹چ›› تاۋۇشى ئارىلاشقان سۆزلەرنى قەدىمكىگە تارتىپ تەلەپپۇز قىلغاندا ‹‹ج››، كېيىنكىگە تارتىپ تەلەپپۇز قىلغاندا ‹‹چ›› بولىدۇ. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ‹‹پاسون، شەكىل›› مەنىسىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە ‹‹چە››نىمۇ قەدىمكىگە تارتىپ تەلەپپۇز قىلغاندا ‹‹جە››، كېيىنكىگە تارتىپ تەلەپپۇز قىلغاندا ‹‹چە›› بولىدۇ. خوتەن شېۋىسىنىڭ كېرىيە تارمىق شېۋىسىدە قەدىمىي تۈرك تىلىنىڭ نۇرغۇن سۆزلۈكلىرى، تىل ئېلمېنتلىرى ۋە فونىتىلىق، لېكسىكىلىق قانۇنىيەتلىرى بىر قەدەر ئەينەن ساقلىنىپ قالغان. ‹‹تىنچ›› سۆزىنىڭ كېرىيە تارماق شېۋىسىدە ‹‹تىنجى›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشى، ‹‹سانچىش، سانچىماق›› سۆزىنىڭ ‹‹سانجىش، سانجىماق›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشى، ‹‹يەنچىش، يەنچىمەك›› سۆزىنىڭ ‹‹يەنجىش، يەنجىمەك›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشى، ‹‹ئۈنچە›› سۆزىنىڭ ‹‹ئۈنجۈ›› ياكى ‹‹يۈنجۈ›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشى... قاتارلىقلار يۇقىرىقى تىل ھادىسىنىڭ كېرىيە شېۋىسىدە ئەينەن ساقلىنىپ قېلىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ‹‹ئايالچە، ئەرچە، قەشقەرچە، خوتەنچە›› شەكلىدە ياسالغان ‹‹پىرچە›› سۆزى خوتەن شېۋىسىدە يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ‹‹پىرىجە›› دەپ ئاتالغان. بۇرۇنقى دەۋرلەردە بۇ سۆزنىڭ كەينىگە ‹‹تون›› ياكى ‹‹چاپان›› سۆزى قوشۇلۇپ، ‹‹پىرىجە تون›› ياكى ‹‹پىرىجە چاپان›› دەپ ئاتىلاتتى. ياشتا چوڭ كىشىلەر ھېلىھەممۇ شۇنداق ئاتايدۇ. دېمەك، بۇ سۆز ‹‹پىرلار كىيىدىغان شەكىلىدىك تون›› مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
   دېمەك، پەرىجىنى قۇياش ئېتىقادچىلىقى ۋە شامانىزم دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن مۇراسىم كىيىمى دېيىشكە بولىدۇ.



يوللىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››
ژۇرنىلىنىڭ 2011–يىللىق 8–سانىدىن ئېلىندى


Rank: 3Rank: 3

تىللا
107
تۆھپە
69
UID
1303
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى ئەنئەنىۋى كىيىم كېچەكلىرىمىز يازغۇچى، ئوبزۇرچىلىرىمىزنىڭ قەلەم تەشۋىقى، ئادىل مىجىتىقا ئوخشاش سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ يۈمۇرىستىك كۈلكە قامچىلىرى بىلەن يەنە  كورىيە فىلىملىرىىنىڭ غىدىقلىشى (ئاياللىرىمىزنىڭ گىرىم ، مودا كىيىم كېچەكلىرىنى دوراشنى ھىسابقا ئالمىغاندا)بىلەن يېقىنقى يىللاردا ئۈستىباشلىرىمىزدىن يوقاپ كىتەي دەۋاتىدۇ!!
تەتتە ياشلىق ئوغلۇمنى كۇچا ۋاڭ ئوردىسىغا ئاپارسام موزىيدىكى بىر ئىگىز پاشنىلىق قونجىلىق ئۈتۈكنى كۆرسىتىپ سورىدى- دادا ماۋۇ نىمە؟
ئەجداتلىرىمىز(ئەرلەر) كىيگەن ئۈتۈك ئوغلۇم
ئىگىز پاشنىلىق تۇرىدىغۇ ئاياللارنىڭ پۇتىمۇ شۇنداق يوغان بۇلامدۇ؟
......
بىر كۈنى قېيىن ئاچام ئوغلۇمغا ئاتاپ بىر كانىۋاي كۆينەك تىكىپ كەپتۇ ۋە ئوغلۇمغا كىيىپ سىناپ بېقىشنى ئېيتىۋىدى ئوغلۇم قەتئلا ئۇنمىدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە بۇنداق گۈللۈك كۆينەكنى قىزلار كىيەرمىش.
.....
ھەقىقەتەن پەرزەنتلىرىمىزگە مىللى كىيىم كېچەك ھەققىدە تەربىيىمىزنىڭ(شەخسەن ئۈزۈمنىڭ)ناھايتىمۇ سۇسلىقىنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم.


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1169
تۆھپە
872
UID
354
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مىللى كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىشلا ئەمەس، ئۆزىمىز باشلامچى بولۇپ كىيىشىمىز كىرەك


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 17:08, Processed in 0.056197 second(s), 20 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش