تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 134|ئىنكاس: 2

تۈركىيە ئۆمۈچۈكى تالاشتا قالدى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
بارسېلونا
تىللا
619
تۆھپە
430
UID
306
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

77.jpg


           تاراتقۇلارنىڭ  مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئاشكارىلىغان خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئېنگلاند  بىرلەشمىسى چېلسى كۇلۇبى بىلەن مانچېستېر شەھەر كۇلۇبى ئىسپانيە بىرلەشمسى ۋالىنسىيە كۇلۇبىدىكى تۇركىيەلىك پۇتبولچى ، تۈركىيە ئۆمۈچۈكى دەپ نام ئالغان  مەھمۇت توپالغا ناھايىتى قىزىققان . ۋالىنسيە كۇلۇبى بىلەن بۇ پۇتبولچى ئوتتۇرىسىدىكى توختامدا ، باشقا سېتىۋالغۇچى تەرەپ 10مىليون فوند سىترلىڭ تۆلىسە ئۇنى ئېلىپ كېتەلەيدۇ ، دېگەن بىر شەرت بار بولۇپ ،  چېلسى كۇلۇبى بىلەن مانچېستېر شەھەر كۇلۇبى بۇ پۇلنى تۆلەپ قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا توپالنى ئېنگلاند بىرلەشمىسىگە ئېلىپ كەتمەكچى بولىۋاتىدۇ .
          توپال 2010-يىلى 5مىليون فوندسىترلىڭ باھا بىلەن تۈركىيە گالاتا ساراي كوماندىسىدىن ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋالىنسيە كوماندىسىغا يۆتكەلگەن بولۇپ ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە كەلگەن تۈنجى مۇسابىقە پەسلىدە  ناھايىتى ياخشى ئىپادىسى بىلەن  ئىسپانىيە بىرلەشمىسى توپ مەستانىلىرى ھەمدە بارلىق كۇلۇبلارنى ھەيران قالدۇرغان .
         ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا بۇ پۇتبولچى  قايسى كۇلۇبنى تاللايدۇ   - بۇنىڭدا چېلسى كۇلۇبى بىلەن مانچېستېر شەھەر كۇلۇبنىڭ بۇ توپچىغا بەرگەن تەمىناتى بەلگىلەيدۇ .
بۇ يىل 25ياشقا كىرگەن توپال مۇداپىئە ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولغان ئارقا بەل توپچىسى بولۇپ ،  بوي ئېگىزلىكى 1.90مېتىر ، بەدەن قۇۋۋىتىمۇ ئالاھىدە ياخشى .
                               ( مەنبە : ۋاڭيى تەنتەربىيەسى )

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
بارسېلونا
تىللا
619
تۆھپە
430
UID
306
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سول تەرەپتىكىسى مەھمۇت توپال .


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1169
تۆھپە
872
UID
354
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھازىر ئارقا بەل توپچىغا ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان كوماندا ئا س مىلان كوماندىسىدۇر، گالىيانى بۇ توپچىنى بايقىمىغانمىدۇ؟، ئەگەر ئۇلار دەرھال دىققەت قىلمىسا، چوقۇم مانچېستىر شەھىرى ئېلىپ كىتەمىكىن.


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 17:05, Processed in 0.058792 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش