تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 37|ئىنكاس: 0

«يول راۋان ، ئەل ئامان»[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسمى
يادىكار
تىللا
13
تۆھپە
5
UID
1849
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«يول راۋان ، ئەل ئامان»


ئاپتورى: ئابلىكىم مۇھەممەت (يادىكار)


         يول – شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ، پۇقرالىرىغا بەخت يارىتىش ۋە ئۇلارنى مەدەنىيلىككە يېتەكلەش جەھەتلەردە كەم بولسا بولمايدىغان خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەر . ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ خاسىيىتى بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىنى نۇرانە مەنزىللەرگە باشلىماقتا. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى چاقىرىلغاندىن بۇيان، كورلا شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى  ئۆز جايىنىڭ تاشيول قۇرلۇشى تەرەققىياتىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، «بېيىش ئۈچۈن ئاۋال يول ياساش» شۇئارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى. خوش، ئۇنداقتا مۇخبىرلىرىمىزنىڭ كورلا شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇپ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىدىن بىرلىكتە ھوزۇر ئالايلى.
        ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى چاڭ – توزاڭ ، يامغۇر ياققاندا لاي – پاتقاق بولۇش- بۇ ئىلگىرىكى كورلا شەھىرىدىكى كۆپ قىسىم جايلارنىڭ يوشۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان ھەقىقىي قىياپىتى ئىدى . كورلا شەھىرىنىڭ چەت ، يىراق يېزا - كەنىتلىرىدە ئولتۇراقلاشقان كەڭ خەلق ئاممىسى ئەينى چاغلاردا قاتناش شارائىتى ياخشى بولمىغانلىقتىن سىرىت جايلارغا بارالمايتتى . چۈنكى ناچار يول ئۇلارنىڭ پۇت – قولىنى بوغۇپ تۇراتتى .
          ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، بولۇپمۇ غەربىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش ستىراگىيىسى يولغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، كورلا شەھەرلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى كورلا شەھىرىنىڭ تاشيول قۇرلۇشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تاشيول قۇرلۇشى تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى .  كورلا شەھىرى تاشيول قۇرلۇشىنىڭ تەرەققىياتى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سىرىت جايلارغا بېرىش شارائىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، ھەر قايسى يېزا – بازارلارنىمۇ ئۆز – ئارا تۇتاشتۇردى .
          ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كورلا شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەر، يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىش قاتارلىق قۇرلۇشلارغا كۆپلەپ مەبلەغ سالدى . بۇنىڭ ئىچىدە، 2010 – يىلنىڭ يىل ئاخىرىدا تاشيول قۇرلۇشى ئۈچۈن سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 320 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللاردىكىدىن 11 ھەسسە ئاشتى .
           تەرەققىيات تاشيولغا باغلانغان . چۈنكى خەلق ئاممىسى تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى ، شۇ جاينىڭ قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . كورلا شەھىرى تاشيول قۇرلۇشى قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى سىرىت جايلار بىلەن بولغان ئۇچۇر – ئالاقىنى تېزلىتىپلا قالماي، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش شەكلى ۋە ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىپ ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى .
         كورلا شەھىرى قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇشىمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ ئاسانلاشتى . تاشيول شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى شەھەر ئاھالىسىنىڭ سىرىتقا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە يولۇچى تىرانسىپورت بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ تېزلەتتى . راۋان يولۇچى توشۇش تورىنىڭ شەكىنلىنىشى كورلا شەھىرىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تېز ۋە راھەت مېڭىشتەك قاتناش ئېھتىياجىنى ئاساسى جەھەتتىن قاندۇردى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيول قۇرلۇشى تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ئىلھام بېرىشى بىلەن بىرگە يەنە يولۇچى توشۇش ھەققى ، يول ئاسىراش ھەققى ، يولۇچى توشۇش قوشۇمچە ھەققى ۋە تىرانسپورت باشقۇرۇش ھەققى قاتارلىقلارنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش جەھەتلەردە ئېتىۋار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى . بۇ سىياسەتلەرنىڭ تۈرۈتكىسىدە كورلا شەھىرىدىن ھەر قايسى جايلارغا قاتنايدىغان كىرا ئاپتوموبىللىرى يىلسېرى كۆپىيىپ ، قاتناش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى . تەرەپ – تەرەپكە سوزۇلغان تاشيول تورىنىڭ شەكىنلىنىشى تۈرۈتكىسىدە ، كورلا شەھىرى يولۇچى توشۇش قاتناش قېلىپىنى قەدەممۇ قەدەم مۇكەممەللەشتۈردى . پۈتۈن شەھەردە مۇقىم نۇقتا ، مۇقىم لىنىيە ، مۇقىم ۋاقىت ۋە مۇقىم نۆۋەتچى ئاپتوبوس بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سىرىت جايلارغا چىقىش شارائىتى داۋاملىق ياخشىلاندى .
         يېزا تاشيولى ئاپتونوم رايونىمىز تاشيول تورىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى . كۆلىمى چوڭ ، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ . ئۇ نۇرغۇن ناھىيە ، يېزا كەنىتلەرنى بىۋاستە تۇتاشتۇرۇپ يېزا ئىگىلىكى ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە دېھقانلارنىڭ سىرىت جايلارغا چىقىشىغا بىۋاستە مۇلازىمەت قىلىدۇ .
         ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى ۋە دۆلەتنىڭ چىگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى زور كۈچ بىلەن يۆلىشىگە ئەگىشىپ ، بېيىش ئۈچۈن ئاۋال يول ياساش ئىدىيىسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى . دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار سىياسەتلىرى ۋە مەبلەغ بىلەن قوللىشى ئاستىدا كورلا شەھىرىگە قاراشلىق ھەممە يېزا – كەنىتلەردىمۇ تاشيول تۇتاشتۇرۇش قۇرلۇشى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىپ ، دېھقان – چارۋىچى دوستلارغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىلدى . شەھەر بازارلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسۈتۈشنىڭ تۈرتكىسىدە كورلا شەھىرىدىكى يېزا – كەنىت تاشيوللىرىمۇ تېز تەرەققى قىلدى . يېزا تاشيول شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى دېھقان – چارۋىچى دوستلارنىڭ سىرىت جايلارغا بېرىش شارائىتىنى ياخشىلاپلا قالماي ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .   
       بۈگۈنكى كۈندە ماي يول كورلا شەھىرىگە قاراشلىق ھەر قايسى يېزا – كەنىتلەردىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگىچىلا ئەمەس ، ئېتىز قىرلىرىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى . دېھقان – چارۋىچىلار بۇ راۋان يوللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خالىغان مەنزىلىگە بارالايدىغان بولدى . كەڭ ، داغدام يول دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ بېيىش ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ ، ئۇلارغا تېخىمۇ گۈزەل مەنزىللەرنى كۆرسىتىپ بەردى .
        كورلا شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان شەھەرنىڭ تاشيول قۇرلۇشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگندىن باشقا يەنە ھازىر بار بولغان ھەر قايسى يوللارنى ئاسىراش ، رېمونىت قىلىش خىزمەتلىرىنىمۇ پىلانلىق ھالدا ئەستايىدىل قاتات يايدۇرۇپ ،  قاتناشنىڭ ھەر ۋاقىت راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلدى . تاشيوللارنى باشقۇرۇش ۋە ئاسىراش خىزمىتىنى تاشيول قۇرلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى قىلىپ ، تاشيول قۇرلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە يېڭى مېخانىزىمى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى . بۇ تەدبىرلەر كورلا شەھىرىنىڭ تاشيول قۇرلۇشى تەرەققىياتىغا زور ئۆزگۈرۈش ۋە ھەقىقىي مەنپەت ئېلىپ كەلدى . ھازىر كورلا شەھىرىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى يول ئاسىراشنى ئۆزىنىڭ ئاڭلىق ھەركىتىگە ئايلاندۇردى .  
         تاشيول راۋانلاشتى . كىرىم ئاشتى . قىياپەتتە ئۆزەىرىش بولدى . بۇ كورلا شەھىرى تاشيول قۇرلۇشى تەرەققىياتىنىڭ كورلىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا بەرگەن ئەڭ سەمىمىي ، ئەڭ بىۋاستە سوۋغىسى . دېمىسىمۇ بۇ راۋان يوللار يۇرتنى يۇرتقا ، ئەلنى ئەلگە ، قەلىبلەرنى قەلىبلەرگە تۇتاشتۇردى . بۇ راۋان يوللار كورلا خەلقىنىڭ دوستلىرىنى كۆپەيتىپ ، ئۇلارنى يېڭى بەخىت – ئامەتكە ئېرىشتۈردى .  
         كورلا شەھىرى تاشيول قۇرلۇشى تەرەققىياتىدا بارلىققا كەلگەن بۇ نەتىجىلەر ئاپتونوم رايونىمىز تاشيول تەرەققىياتىنىڭ كىچىك بىر كارتىنىسى ئەلۋەتتە . راۋان يوللار بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقەتەنمۇ ئۆزنىڭ خاسىيىتى بىلەن ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى نۇرانە مەنزىللەرگە باشلىماقتا . بۈگۈنكى يوللار ھەقىقىي بەخىت يولىغا ئايلانماقتا . بىز كورلا شەھىرى تاشيول قۇرلۇشى تەرەققىياتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز .

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 23:27, Processed in 0.051535 second(s), 20 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش