تەكلىماكان باغرىدىكى مېھر-مۇھەببەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېلېۋىزىيە مەخسۇس پروگراممىسىنى ئىشلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپداشلار، دوستلار: تورلارنى ئارىلاپ ، تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىملىرىنىڭ بىرەر پارچە ئۇيغۇرچە ئۆرنەك ماقالىسىنى ئىزدەپ تاپالمىدىم، كەسىپداشلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇش مەخسىتىدە ، ئۆزەمنىڭ ئون نەچچە يىللىق مۇخبىرلىق تەجرىبەمگە بىرلەشتۈرۈپ ، ئاددىي بولسىمۇ يېقىندا چاقىلىق ناھىيەسىدە ئىشلەپ كەلگەن ھەم شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار» پروگراممىسىدا كۆرسەتكەن مەخسۇس فىلىمىدىكى ماقالەمنى سىلەرگە يوللاپ قويدۇم ، گەرچە تىل سەنئىتى ، فىلىمنى قۇراشتۇرۇش جەھەتلەردە پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ ماقالىسىگە يەتمىسىمۇ، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن....
--- ئاپتوردىن
تەكلىماكان باغرىدىكى مېھرى-مۇھەببەت
ئاپتور، ئوپېراتور : ئابلىكىم مۇھەممەت (يادىكار)
رىياسەتچى: ئارمىيەنى ھېمايە قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھېمايە قىلىپ، خەلقنى سۆيۈش-پارتىيىمىز ۋە ئارمىيىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شەرەپلىك ئەنئەنىسى، ئۇ، دۆلەتنىڭ ئامانلىقى، خەلقنىڭ تىنچلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىختىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. چاقىلىق ناھىيىسى مانا مۇشۇ يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، «ئىككى ھېمايە قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
بايان: چاقىلىق ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى، تاكلىماكان قۇملىقىنىڭ شەرق-جەنۇبىغا جايلاشقان، جۇڭگودىكى يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ناھىيە، بۇ يەردە خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ مەلۇم قىسىمى، خەلق قوراللىق قىسىمنىڭ مەلۇم تارماق ئەترىتى ۋە ناھىيىلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىدىن ئىبارەت ھەربىي قىسىملار جايلاشقان بولۇپ، ئۇلار چىگرا رايۇننىڭ ئامانلىقى ۋە خەلقنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىسادى قۇرۇلۇشقا ياردەم بېرىش، تاساددىبى ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇتقۇزۇشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. شۇ ۋەجىدىن چاقىلىق ناھىيىسى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان، «ئىككىنى ھېمايە قىلىش» خىزمىتىنى ناھىيىنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە موھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى، ناھىيەدىكى ئاساسلىق مەسئۇللاردىن تەشكىللەنگەن «ئىككىنى ھېمايە قىلىش» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەسسىس قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككىنى ھېمايە قىلىش» خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى.
زىيارەت: مەھمۇت ئوسمان (چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى: -چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ئىككىنى ھېمايە قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەشنىڭ موھىملىقى ئۈستىدە توختىلىدۇ.)
بايان: كۆپ خىل، مول مەزمۇنلۇق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىپ، خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى ئاشۇرۇش- ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتىكى موھىم ئامىل. چاقىلىق ناھىيىسى ھەر يىللىق «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا چاقىلىقتا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىن كاماندىر تەكلىپ قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە دېھقانلارغا دۆلەت مۇداپىئە بىلىملىرىنى سۆزلەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ ئارمىيىنى ھېمايە قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى. ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى «ئېنقىلابىي تەربىيە كىنولىرى»نى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى يانىمۇ ئاشۇردى.
زىيارەت: رەيھانگۈل ئەزىز ( چاقىلىق ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى:-مەكتەپلەردە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ئېلىپ بارغانلىقى، ئارمىيە-خەلق كوچىسى، قەھرىمان-نەمۇنىچىلار كوچىسى قۇرغانلىقى، تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.)
رىياسەتچى: ھەربىي سەپتىن قايتقان ئەسكەرلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش- ئارمىيەنى ھېمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ موھىم تەركىبىي قىسمى، چاقىلىق ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىي سەپتىن قايتقان ھەربىيلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرمۇشىغا يار-يۆلەك بولۇش ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە-تابىئاتلىرىغا نەپىقە بېرىش خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ موھىم مەزمۇنى قىلىپ چىڭ تۇتتى.
بايان: چاقىلىق ناھىيىسى ئۇزۇن يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى ھەربىي سەپتىن قايتقان ھەربىيلەرنى مەمۇرى، كەسپىي ئورۇنلار ۋە كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا تۇرمۇش چىقىش يولى تېپىپ بەردى. ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىسە، بەزىلىرى يېزا-بازارلاردا دېھقان-چارۋىچىلار ئۈچۈن جاپالىق خىزمەت قىلماقتا. چاقىلىق ناھىيىسى يەنە ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى چاغان، باھار بايرىمى ۋە ھېيت-ئايەملەردە شۇنداقلا ئادەتتىكى چاغلاردا دائىم يوقلاپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ خاتىرجەم ۋەزىپە ئۆتۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى.
زىيارەت: رەيھانگۈل ئەزىز:-(ھەربىي سەپتىن قايتقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا نەپىقە تارقىتىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدۇ.)
بايان: چاقىلىق ناھىيىسى قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا ناھىيىدە تۇرۇشلۇق قىسىملارغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى ۋە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى. ھەربىي ۋە قوراللىق قىسىمنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قېيىنچىلىقىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەل قىلىپ بەردى.
زىيارەت: ھەربىي قىسىمنىڭ قۇماندانى (خەنزۇ--يەرلىكنىڭ قىسىمغا قانداق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ)
بايان: بۇ بوۋاي توكلۇق ۋەلسىپىتىنى ھەيدەپ، ھەر يىلى 7 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ھەربىي قىسىمدىكى كوماندىر-جەڭچىلەرنى ئۆزى تېرىغان قوغۇن-تاۋۇز بىلەن يوقلاپ تۇرغىلى خېلى يىللار بولۇپ قالغان ئىكەن، بۇ بوۋاي زادى نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا جاپالارنى چېكىدىغاندۇ؟ بىز زىيارەت جاريانىدا بوۋاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاپ سۈرەتكە ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق.
(نەق مەيدان كۆرۈنۇشى ئاۋاز بىلەن بېرىلىدۇ)
زىيارەت: بوۋاي-(ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەربىيلەرنى ھەر يىلى يوقلايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ)
بايان: شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ھەربىي قىسىمدىكى ئەسكەرلەرنى ئۆزىنىڭ پەرزەنتىدەك كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي ۋاقتى چىقسىلا قىسىمدىكى ھەربىيلەرنى يوقلاپ تۇردى. ھەربىي قىسىممۇ پات-پات بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئېغىر يېنىك ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەردى. بولۇپمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىگى شۇكى، بوۋاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان قىز نەۋرىسى ئائىلىدىكى قېيىنچىلىق تۈپەيلىدىن مەكتەپتە ئوقۇشتىن چېكىنىش گىرداۋىغا يېتىپ قالغان ئىدى، ھەربىي قىسىم بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كوماندىر-جەڭچىلەرنى ئىئانە توپلاشقا تەشكىللەپ، قىزنىڭ مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بەردى، شۇنىڭدىن تارتىپ ھەر مەۋسۇمدە قىزنىڭ ئوقۇشى ۋە تۇرمۇشى ئۈچۈن 3000 يۇەن ياردەم بېرىش-قىسىمنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى. قىسىم رەھبەرلىرى بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، قىزنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ ياخشى ئوقۇپ، بوۋىسى ۋە قىسىمنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاپ، ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا مەدەت بەردى.
زىيارەت: قىسىم كوماندىرى ( بۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە ھەر مەۋسۇمدە 10 دىن ئارتۇق قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىنىڭ تۇرمۇشىغا قاراۋاتىمىز......) بايان: چاقىلىق ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر يەرلىكنى ئانا يۇرتى، ھەر مىللەت خەلقىنى ئاتا-ئانىسى دەپ بىلىپ، قايسى جەھەتتە ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا، ئۇلار شۇ ھامان ھازىر بولدى. چاقىلىق ناھىيىلىك پاراۋانلىق ياشانغانلار ساناتۇرىيىسىدىكى بوۋاي-مومايلارنىڭ چېھرىدىن بۈگۈن مەمنۇنلۇق جىلۋە قىلىپ تۇراتتى، چۇنكى ئۇلارنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلىرى بۈگۈن ئۇلارغا ياخشى ئىش قىلىپ بەرگىلى كەلگەنىدى. ئەسكەرلەرنىڭ بىر بۆلۈكى بوۋاي-مۇمايلار بىلەن كارت-شاھمات ئوينىسا، يەنە بىر بۆلۈكى رام-روۋجەكلەرنى پاكىز ئېيتىپ، بوۋاي-مومايلارنى پاكىزە بىر موھىتتا ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ كەلدى. ئۇلار يەنە ساناتۇرىيىدىكى بوۋاي-مومايلار بىلەن مەشىرەپ ئۆتكۈزۈپ، ئويۇن قويۇپ بېرىپ، ياشانغانلارنىڭ كۆڭلىنى ئالدى. مانا بۇ پائالىيەتنى يەرلىك بىلەن قىسىم داۋاملاشتۇرغىلى خېلى يىللار بوپتۇ. بۇ ئارقىلىق ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ «بېلىق بىلەن سۇدەك» مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلىشىپتۇ.
زىيارەت: رەيھانگۈل ئەزىز—(قىسىمنىڭ ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلار بىلەن ئىككىنى ھېمايە قىلىش خىزمىتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ھەققىدە توختىلىدۇ)
رىياسەتچى: چاقىلىق ناھىيىسى يەرلىك بىلەن ئارمىيە بىرلىكتە مەنىۋىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھېمايە قىلىش، ھەمنەپەس، تەغدىرداش، قەلبداش بولۇشتەك جۇشقۇن كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.
بايان: چاقىلىق ناھىيىسى ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ئورتاق مەدەنىيەت بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەزمۇنى مول، تەربىيە ئۈنۈمى زور، روھنى ئۇرغۇتىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى، ئىنقىلابىي تارىخ سۆھبەت يىغىنى، سەنئەت كېچىلىك، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش مەشىرىپى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن، ئارمىيە-خەلقنىڭ ئىناق-ئىجىللىقى، ئارمىيە-خەلقنىڭ ناھىيىنىڭ تۇرلۇك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۇرۈشتە بارلىققا كېلىۋاتقان روھى قىياپىتىنى نامايەن قىلدى.
زىيارەت: مەھمۇت ئوسمان: (چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى-ئارمىيەنىڭ ناھىيىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغىلا ئەمەس، ئىختىسادى قۇرۇلۇشىغىمۇ ياردەملىرىنى ئايىمايۋاتقانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەر ھەققىدە سۆزلەيدۇ.)
رىياسەتچى: چاقىلىق ناھىيىسى 90-يىللارنىڭ بېشىدىلا «ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئىككىنى ھېمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى ناھىيە» دېگەن بۇ شەرەپلىك نامغا ئېرىشىشتىن تا ھازىرغىچە بولغان 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان يېڭى مەزمۇن ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەجىر-مېھنىتى سىڭگەن دېيىشكە بولىدۇ، چاقىلىق ناھىيىسىدىكى ھەرمىللەت خەلقى مانا شۇ كىشىلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئىككىنى ھېمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى يەنىمۇ تۇلۇقلاپ، تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتسىلا، ئارمىيە-خەلقنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىدە چوقۇم يېڭى بىر مەنزىرە بارلىققا كېلىدۇ...