مۇھەببەتنىڭ ئوزۇقى
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
يىگىت بەختسىز بولۇپ، كىچىك چېغىدىلا يۇلۇنسۇر ماددا ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش سەۋەبلىك نورمال مېڭىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدى، ھەمدە بېلىنىڭ يۇقىرىسىمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى. سەل چوڭ بولۇپ سۈت چىشى چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن يېڭى چىشلىرمۇ رەتسىز، ئېگىز پەس چىقىپ ئۇنى تېخىمۇ كۆرۈمسىز قىلىپ قويدى.
پۇتى نورمال بولمىغىنىغا چىرايىمۇ دېگەندەك بولمىغاچقا ئۇ چۈشكۈن بوپ قالدى، ھەتتا ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز ئادەم دەپ قارىغاچقا كەمسۆز، غەمكىن يۈرەتتى، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوينىمايتتى، مۇئەللىم سوئال سورىسىمۇ بېشىنى سېلىپ جاۋاب بەرمەيتتى.
مەلۇم بىر يىلى ئەتىيازدا دادىسى خوشنىسىدىن بىرنەچچە تۈپ كۆچەت ئېلىپ كىرىدى-دە ھەر بىر بالىسىغا بىردىن بېرىپ مۇنداق دېدى:
— ھەممىڭلار ھويلىدىكى ئۆزۈڭلار خالىغان جايغا كۆچىتىڭلارنى تىكىڭلار، بىر مەزگىلدىن كېيىن كىمنىڭ كۆچىتى ئەڭ ياخشى چوڭ بولسا مەن شۇنىڭغا ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان سوۋغات ئېلىپ بېرىمەن.
بالىلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدا سەكرىشىپ كۆچەتلىرىنى تىكىشكە مېڭىشتى، پەقەت مېيىپ ئوغۇللا ئاقساقلاپ مېڭىپ ئىشنى باشلاشقا ئالدىرىمىدى. گەرچە ئۇمۇ دادىسىنىڭ سوۋغىتىغا ئېرىشىشنى خالىسىمۇ، قېرىنداشلىرىنىڭ سەكرىشىپ ئويناقشىپ يۈرگەن ھالىتىگە قاراپ قەلبىنى غەمكىن خىياللار چۇلغۇۋالدى: مەن تىككەن بۇ كۆچەت بالدۇرراق قۇرۇپ كەتسىكەن، مېنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇدەك مادارىم بولمىغاندىكىن بەرىبىر ماڭا ئوخشاشلا ھاياتىدىن ئۈمىد يوق. شۇلارنى ئويلاپ كۆچەتنى تىككەندىن كېيىن ئىككى قېتىم سۇغارغاندىن باشقا پەقەتلا پەرۋىش قىلماي تاشلىۋەتتى.
ئويلىمىغان يەردىن بىر ئايدىن كېيىن قېرىنداشلىرىنىڭ كۆچىتىگە قارىغاندا ئۇنىڭ كۆچىتى شۇنداق جانلىق، ياپيېشىل باراقسان كۆكلىدى. ۋەدىسىدە تۇرىدىغان دادىسى بۇ يىگىتكە ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سوۋغات ئېلىپ بەردى، ھەمدە ئۇنىڭغا بۇ كۆچەتنى بۇنداق ئاينىتالىغانغا قارىغاندا چوقۇم ئۆسۈملۈك شۇناس بولالىغۇدەكسەن، دېدى.
شۇ ئىشتىن كېيىن يىگىتنىڭ كۆڭلى ئېچىلىشقا باشلىدى، ئۇ بارا-بارا ئۈمىدۋار، ئاكتىپ بولدى.
بىر كۈنى كەچتە ئۇيقۇسى قاچقان يىگىت ئاسماندىكى ئايغا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ھەمدە توساتتىن بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆسۈملۈكنىڭ كېچىدە ئۆسىدىغانلىقى توغرسىدىكى سۆزى ئېسىگە كېلىپ قىزىقىش ئىچىدە ئۆزىنىڭ كۆچىتىنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىنى كۆرگۈسى كېلىپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇ ئاقساپ ھويلىغا چىقىپ داڭ قېتىپ قالدى: دادىسى چۆمۈچ بىلەن ئۇنىڭ كۆچىتىگە بىر نەرسە قۇيۇۋاتاتتى. ئەسلىدە دادىسى دائىم ئوغرىلىقچە ئۇنىڭ كۆچىتىنى ئوغۇتلاپ كەلگەنىدى. ئەسلىدە مۇنداقكەندە، يىگىتنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.
كۆپ يىللاردىن كېيىن بۇ مېيىپ يىگىت ئۆسۈملۈك شۇناس بولالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكىنىڭ 32-نۆۋەتلىك پىرېزدېنتى بولدى، ئۇ بولسىمۇ فرانكىلىن روزۋېلىت.
چىن ھەقىقەت: مۇھەببەت مۆجىزە ياراتقۇچىدۇر، شۇنداقلا ھاياتنىڭ ئوزۇقىدۇر. بۇ خىل ئوزۇقنىڭ پەرۋىشى بولسىلا قۇرۇپ قالاي دېگەن قاقشال كۆچەتمۇ باراقسانلاپ كۆكلىيەلەيدۇ، ھەتتا پەلەككە سوزۇلىدىغان قامەتلىك دەرەخ بولۇپمۇ ئۆسەلەيدۇ.
«كىچىك ھېكايەت چىن ھەقىقەت»دېگەن كىتابتىن