چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
پاتىمە ئەيسا، رەناگۈل خۇدابەردى خەۋىرى : 2011 – يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 8 – نويابىر ئېلان قىلىندى.
خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن تولۇق كۇرستا ئوقۇيدىغانلارنىڭ نومۇر چېكى مۇنداق: ئىجتىمائىي پەن، جۇڭگو تېبابىتى تۈرىدىكى پەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 160؛ سەنئەت 105؛ سانائەت 100؛ ئىقتىساد باشقۇرۇش 100؛ قانۇن 110؛ مائارىپ 110؛ دېھقانچىلىق ئىلمى 110؛ تېببىي ئىلىم تۈرىدىكى پەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى .175 خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن مەخسۇس كۇرستا ئوقۇيدىغانلارنىڭ نومۇر چېكى مۇنداق: ئىجتىمائىي پەن 90؛ سەنئەت 75؛ سانائەت پەنلىرى 90؛ تەنتەربىيە تۈرىدىكى پەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى .75
ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن تولۇق كۇرستا ئوقۇيدىغانلارنىڭ نومۇر چېكى مۇنداق: ئىجتىمائىي پەن، جۇڭگو تېبابىتى پەنلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 155، سەنئەت 110؛ سانائەت پەنلىرى 100؛ ئىقتىساد باشقۇرۇش 100؛ قانۇن 110؛ مائارىپ 110؛ دېھقانچىلىق ئىلمى 105؛ تېببىي ئىلىم تۈرىدىكى پەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى .145 ئاز سانلىق مىلەتلەر تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن مەخسۇس كۇرستا ئوقۇيدىغانلارنىڭ نومۇر چېكى مۇنداق: ئىجتىمائىي پەن 90؛ سەنئەت 75؛ سانائەت پەنلىرى 80؛ تەنتەربىيە تۈرىدىكى پەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى .75 تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولغانلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدىن كۆرسە بولىدۇ.