تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 40|ئىنكاس: 3

كۆڭۈلسىزلىك بىرخىل ئومۇمىي ھادىسە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4564
تۆھپە
1876
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆڭۈلسىزلىك بىرخىل ئومۇمىي ھادىسە


بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كۆڭۈلسىزلىك بىر خىل ئومۇمىي ھادىسە بولۇپ ، ئاساسەن بالىلارنىڭ جىسمانىي بېسىمىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر بولۇشى ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ تۇغما تەبىئىيتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىدىن پەيدا بولىدىغان بېسىم تۇيغۇسىدا ئىپادىلىنىدۇ .
    كونكرېتلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ، بۇنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئالاھىدە چوڭ ئۈمىد باغلاپ بالىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى مەكتەپلەرگە كىرىشىنى، يۇقىرى نومۇر ئېلىشىنى ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . بۇ بالىلاردا ئىنتايىن زور پىسخىك يۈك ۋە روھىي بېسىم ھاسىل قىلغاچقا، بالىلار دائىم دېگۈدەك جىددىي روھىي ھالەتتە تۇرىدۇ.
    يەنە بىر گەۋدىلىك مەسىلە شۇكى، ئويۇن ئوينايدىغان تۇغما تەبىئىيەتتىن مەھرۇم قېلىش، بالىلارنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇ . نۆۋەتتە ، بالىلار بولۇپمۇ شەھەرلەردىكى بالىلاردىن بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى كۈن ئارام ئالالايدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز، كۆپ قىسىم بالىلار ھەپتە ئاخىرىدا بىر كۈن ، ھەتتا بىر يېرىم كۈن ۋاقىت چىقىرىپ تۈرلۈك كۇرسلار، تەربىيەلەش سىنىپلىرىغا قاتنىشىدۇ ، ئوينايدىغان ۋاقتى بولمايدۇ ، ئۆزلىرى ئويلىغان ئىشلارنى قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ، بۇ بالىلارنىڭ تۇغما قابىليىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىسىز.
    كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش يولى ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرى ۋە جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئۆلچىمى بويىچە چەكلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ ، بالىلار تاللاشتىن ئىبارەت تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولالمايدۇ . بۇ ، قانداق كىتابلارنى ئوقۇش ، قايسى خىل قىزىقارلىق كۇرسلارغا قاتنىشىش ، باشتىن ئاخىر ئاتا-ئانىلار بېكىتكەن يول بويىچە ئۈگىنىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئۆسۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىر ئومۇميۈزلۈك ھادىسە.
    مېنىڭچە ، بۇنىڭ كەينىدە بىر قانچە چوڭقۇر قاتلاملىق ئامىللار بار.
    بىرىنچى ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ مەنبەسىنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھەل قىلىنمىدى . ھازىر، بالىلارنىڭ ھەممىسى رىقابەتلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ئاساسىي مائارىپ بايلىقىنىڭ تەكشى بولماسلىقىدىن ئىبارەت . بىر مۇنچە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئالىي مەكتەپ باسقۇچىدىكى رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولسىمۇ ، ئەمما ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ كۆڭلى ئازادە بولىدۇ ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدىكى تەلىم-تەربىيە بايلىقى نىسبەتەن تەكشى ھالەتتە بولىدۇ . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ پىلانى پروگراممىسىدا ئېنىق بېكىتىلگەنگە ئوخشاش، سېلىنمىنى كۆپەيتىپ مائارىپنىڭ تەكشىلىكىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
    ئىككىنچى ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئادەتكە ئايلانغان ‹‹ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش قارىشى›› بىلەن ئىنتايىن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك . بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان ئائىلە باشلىقلىرى، مەكتەپلەر، مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى مائارىپ قارىشىنى مەنپەئەتلەشتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، بۇ جەمئىيەتتە ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش قارىشى ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە مەغلۇب بولۇش قارىشىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ھەربىر ئائىلە باشلىقى ئوخشاشلا بالىلىرىنىڭ دەسلەپتىلا يۈگۈرۈش نۇقتىسىدىن ئۈزۈپ چىقىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ، بىراق ئائىلە باشلىقلىرى ئۆزلىرىدىن مۇنداق بىر سۇئالنى ياخشى سوراپ بېقىشى كېرەككى ، ‹‹زادى بالىڭىزنىڭ قايسى يۆنىلىش بويىچە يۈگۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىسىز›› كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن ساغلام بولغان يۆنىلىش بويىچە يۈگۈرۈشىنىمۇ ياكى تۇغما تەبىئىيلىكىنى باسىدىغان ، كۆڭۈل ئازادىلىكى بولمىغان يۆنىلىشكە يۈگۈرۈشىنىمۇ ؟
    ئۈچىنچى ، ئىلمىي مائارىپ ئىدىيەسىنىڭ كەمتۈك بولۇشى بىلەنمۇ زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك . تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئايان بولۇشىچە ، ھەقىقىي ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىللىق بالىلار ياكى بىز دەۋاتقان ‹‹تالانتلىق بالىلار›› بالىلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئاران %3 ~ %1 نى ئىگىلەيدۇ ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى بالىلار ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر بۇ نۇقتىنى تۈپتىن تونۇپ يېتەلىگەندىلا، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ كەتمەيدىغان ، ئۆزلىرىنىمۇ ھاردۇرۇۋەتمەيدىغان بولۇشى مۇمكىن .
    يەنە بىر مۇھىم ئامىل شۇكى ، نۆۋەتتە مەكتەپ مائارىپىدا ئىدىيە ئەخلاق تەربىيەسى قاتماللىشىپ، بالىلارنىڭ ئەمەلىي تەلىپىدىن ئايرىلىپ قالدى ، بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئەخلاق قەدىر-قىممەت جەھەتتىكى ساغلام يېتەكچىلىككە ئېرىشەلمەي ، غايەت زور جىسمانىي بېسىمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ، روھىي جەھەتتە ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ، بالىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ساغلام تەرەققىي قىلىشى تەسىرگە ئۇچرىدى .
    نۆۋەتتە، مەركەز مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ چوڭ ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ مائارىپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم . پەقەت پۈتۈن جەمئىيەتتە ساغلام بولغان مەدەنىيەت كەيپىياتىنى ياراتقاندىلا ئاندىن مائارىپ ساھەسىدە ئادەتكە ئايلانغان ‹‹ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش قارىشى›› نىڭ بوغۇپ قويۇشىدىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىپ ، مائارىپ ئىدىيەسىدە ئازاد بولۇپ ، مائارىپ نىشانىنىڭ ئىلمىي بولۇشىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 1

ئىسمى
يادىكار
تىللا
13
تۆھپە
5
UID
1849
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 06:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىمنىڭ يازمىسى، نېمە ئۈچۈن ئەسكەرتىش بېرىلمىدى؟


Rank: 4

ئىسمى
ئايبەرچىن
تىللا
339
تۆھپە
202
UID
201
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر نەگىلا قارىسا نەتىجە تەكىتلىنىدۇ، مانا بۇ كۆڭۈلسىزلىكنىڭ تۈپ مەنبەسى.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4564
تۆھپە
1876
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kurdax يوللىغان ۋاقتى  2011-11-16 06:51
بۇ كىمنىڭ يازمىسى، نېمە ئۈچۈن ئەسكەرتىش بېرىلمىدى؟

بۇ بىزنىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇھىم خەۋەرلەر سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ماقالە . بىزنىڭ تەرجىمان مۇتەخەسىسلىرىمىز كۈندە 2-3 پارچە ئوبزور خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ تۇرىدۇ .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 23:27, Processed in 0.056450 second(s), 20 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش