تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 214|ئىنكاس: 8

بۈركۈت: بىر دەريا سۈزۈك سۇ يارىمنىڭ ئىشقى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
541
تۆھپە
429
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈركۈت: بىر دەريا سۈزۈك سۇ يارىمنىڭ ئىشقى


ali.jpg




بىـر دەريا سۈزۈك سۇ يارىمنىڭ ئىشقى،

ئىـچىمدە ئۇسسايدۇ چەكسىز قوناقلىق.

يېنىمـدا كىـشىلەر دوغـاپ ئىـچىـدۇ ،

ھەسەتتىن لېۋىمنى چىشلەيمەن قاتتىق.


ئـايـدىڭغـا يـۆلىنىپ تۇرىـمـەن تـەنھا،

مـوخـۇركـام لېـۋىـدە كۆيىـدۇ بىر تەن.

ئـاشىقـلىق دەشـتـىدە چالـىمـەن دۇتتار،

قـەلبـىمنىڭ سىرتىـدا ئولتۇرۇپ قەسـتەن.


قـارايـمـەن ئۆگـزەمـدە ياتقان ھىـلالغا،

قـارايـمەن مـەلـەمنى كـەزگـەن شامالغا.

ئـاخىـرى يـەنـىلا يـاقىـمـەن گـۈلخان،

بىـر چۆگۈن ھەسرەتتىن پۈتكەن خىيالغا.


كـۆزۈمـدە چاچـلىرى چـۇۋۇلغان دۇنـيا،

بـۇلبۇلـلار گۈلـلەرگـە قىلـغان خىيانەت.

قـولـۇمدا ئـەڭ تاتلىق بىر تاۋاق زەھەر،

قانىـغان ئىسـتەكتىن يانـغان جاراھـەت.


بىـر دەريـا ، دەريـادۇر يارىمـنىڭ ئىشـقى،

ئىچـىمدە ئۇسـسايدۇ مـەن سۆيگەن ھايات.

يېنـىمدىن بىـر ئـوكيـان ئېقـىپ ئۆتـىـدۇ ،

پاھىـشە قىـزلاردەك سىـلكىشىپ قـانـات...


مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى


دۇنيانىڭ ئۆزى بىر تاتلىق شېئىر

Rank: 1

تىللا
27
تۆھپە
5
UID
689
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
420
تۆھپە
299
UID
744
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېنـىمدىن بىـر ئـوكيـان ئېقـىپ ئۆتـىـدۇ ،

پاھىـشە قىـزلاردەك سىـلكىشىپ قـانـات...


...ماۋۇ مىسرالار بەك قىزىقارلىقكەن!


Rank: 4

تىللا
257
تۆھپە
156
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىنى ئىجادىيەت ؟ مىنىڭچە باشقا توردىن نەرسە كۆچۈرگەندە مەنبەنىلا ئەسكەرتمەي شۇ ئەسلى ئاپتورنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەك .
بىـر دەريـا ، دەريـادۇر يارىمـنىڭ ئىشـقى،
ئىچـىمدە ئۇسـسايدۇ مـەن سۆيگەن ھايات.
يېنـىمدىن بىـر ئـوكيـان ئېقـىپ ئۆتـىـدۇ ،
پاھىـشە قىـزلاردەك سىـلكىشىپ قـانـات...

بۇ شىئېرنىڭ مەنىسى نىمە ؟




  ھەمىڭلارنىڭ قۇربان ھىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . مۇساپىر بالا

Rank: 4

ئىسمى
ئىگىلمەس
تىللا
251
تۆھپە
137
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





               قـارايـمـەن ئۆگـزەمـدە ياتقان ھىـلالغا،

               قـارايـمەن مـەلـەمنى كـەزگـەن شامالغا.

               ئـاخىـرى يـەنـىلا يـاقىـمـەن گـۈلخان،

              بىـر چۆگۈن ھەسرەتتىن پۈتكەن خىيالغا.



     




Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
541
تۆھپە
429
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىنى ئىجادىيەت ؟ مىنىڭچە باشقا توردىن نەرسە كۆچۈرگەندە مەنبەنىلا ئەسكەرتمەي شۇ ئەسلى ئاپتورنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەك . ...
توردىشىم مۇساپىر بالا، سىز ئاپتۇرنى باشقا بىرسى دەپ قالغان ئوخشايسىز؟ بۇ ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيىتى....


دۇنيانىڭ ئۆزى بىر تاتلىق شېئىر

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
مېھرىم
تىللا
348
تۆھپە
291
UID
1246

تەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن . تېما يوللىغاندا ئۆزىنىڭىزنىڭ ئەسىرى بولسىمۇ  ئاپتۇرى مەن ياكى ئۇ دېگەندەك ئەسكەرتىپ قويارسىز بولمىسا ما بىزدەك دوتلە بەك چۈشۈنەلمەي قالىدىكەنمىز .  چاۋاكلارنى كۆرۈپ قانداق تەسىراتلاردا بولغانسىز . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehrim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-15 21:16  



Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1169
تۆھپە
872
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى يېزىلىپتۇ، يەنىمۇ تىرىشىڭ


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2289
تۆھپە
1255
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتلۇق ھىسيات، چىرايلىق تىلدىن پۈتكەن يەنە بىر پارچە شېئىرىڭىزدىن بەھىرلەندىم . ئىجادىيەت يۇلىڭىز خېيىرلىك بولسۇن.


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 17:09, Processed in 0.064245 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش