باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسى: مېنىڭ سومكام نېمىشقا بۇنداق ئېغىر 
ماتېرىيال سۈرەت شياۋچۈن شاڭخەي شەھىرىدىكى مەلۇم نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بەشىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى . بۇ يىل 11 ياشتا بولۇپ ، بەدەن ئېغىرلىقى 40 كىلوگرامغا يەتمىسىمۇ ، ئەمما سومكىسى 6 كىلوگرام كېلىدۇ. ئىچىدىكى نەرسىلەر بەكلا كۆپ : تىل-ئەدەبىيات ، ماتېماتىكا، دەرىستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلاردىن سىرت، يەنە ئولىمپىك ماتېماتىكىسى ، پەن-تېخنىكا ، گۈزەل-سەنئەت ، ئۇچۇر دەرىسلىكى ۋە ئۇچۇر قوللانمىسى، يېتەكچى كىتابلار بولۇپ 20 گە يېتىدۇ . سومكىسى غالتەكلىك بولۇپ ، شياۋچۈن ھەر كۈنى مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشتە سۆرەپ ماڭىدۇ . شياۋ چۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:‹‹ بۇنى يۈدۈۋالسام قانداق چىدايمەن ؟ مۈرەم تېلىپ ئاغرىپ كېتىدۇ، دەم ئالالماي قالىمەن ! شۇڭا، تۆتىنچى يىللىقتىن باشلاپ غالتەكلىك سومكا ئىشلىتىدىغان بولدۇم ››. بۇنداق يۈرۈشمۇ ئاسان ئەمەس . شياۋ چۈننىڭ ئۆيى ئالتىچى قەۋەتتە ، چىقىپ-چۈشۈشتە ئۇ سومكىسىنى كۆتۈرۈۋالىدۇ . ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئاتىسى بىلەن ئاپىسى ئىشقا بېرىشتىن ئىلگىرى بىنادىن چۈشۈشتە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كۆتۈرۈپ چۈشىدۇ ، چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قايتقاندا يەنىلا ئۆزىگە تايىنىدىغان بولغاچقا قوللىرى قىزىرىپ، نەپەس ئالالماي قالىدۇ، ئىلاجىسىز چىشىنى چىشلەپ بىر باسقۇچ بىر باسقۇچتىن يۇقىرى ئۆرلەيدۇ . شياۋ چۈننىڭ دېيىشىچە ، ئۇلارنىڭ سىنىپىدا 40 قا يېقىن ئوقۇغۇچى بولۇپ، غالتەكلىك سومكا ئىشلىتىدىغانلار تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن . يالغۇز سومكا ئېغىر بولۇپلا قالماستىن ، تاپشۇرۇقلارنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئېغىر شياۋ چۈن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 يېرىمدا ئورنىدىن تۇرۇپ ، سائەت 7 يېرىمدا مەكتەپكە بېرىپ دەرىسكە كىرىدۇ . سائەت 7 يېرىمدىن تارتىپ 8 دىن 10 مىنۇت ئۆتكىچە، سىنىپتىكى يېرىم دېگۈدەك ساۋاقداشلار تاللىنىپ 40 مىنۇتلۇق ئولىمپىك ماتېماتىكا دەرىسىگە كىرىدۇ . دەرسنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرىدۇ . ئوقۇغۇچىلار يېزىپ تۈگىتەلمىگەن مەشىق تېمىلىرىنى باشقا تۇرۇپ ئىشلەشكە كىرىشىدۇ . شياۋ چۈن خۇرسەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى : ‹‹ ھەتتا بىر كۈندىكى بىر سائەتلىك چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىمىزنىمۇ ئىگىلىۋالدى . چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى چۈشتىن كېيىن دەرس ئۆتۈش قوڭغىرىقى چېلىنغانغا قەدەر تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ؛ چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە مەكتەپتىن قايتىمىز. ئۆيگە بېرىپمۇ ئارام ئالالمايمىز، دەرستىن بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ تۈگەتمىسەك بولمايدۇ، يەنە دەرىستىن سىرتقى تاپشۇرۇقلارمۇ بار. ھەر كۈنى ئاخىشىمى سائەت 8 ~ 9 لارغىچە ئىشلەيمىز. گەرچە ھەر ئاينىڭ 20-كۈنى مەكتەپنىڭ ‹ تاپشۇرۇقسىز كۈنى › دېيىلگەن بولسىمۇ ، ئەمما ھەتتا بۇ كۈننىمۇ مۇئەللىم بوش ئۆتكۈزىۋەتمەيدۇ . بىز ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئىككىنچى كۈنى روھسىز ھالدا دەرىسكە قاتنىشىمىز›› . شياۋ چۈننىڭ ئانىسى مۇنداق دېدى: ‹‹ بالام ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە، ئالدى بىلەن ئازىراق بىر نەرسە يەۋېلىپ، دەرھال تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كىرىشىدۇ . تاماق پىشقاندا، تاماقنى يەيدۇ-دە، يەنە يېزىشقا كىرىشىدۇ . بەزىدە بالام مۈگىدەپ قېلىپ ، ئۈستىلىدە ئۇخلاپ قالىدۇ . بىرئازدىن كېيىن ئويغاتمىسام بولمايدۇ ، چۈنكى يازىدىغىنىنى تۈگەتمىسە بولمايدۇ››. مۇخبىر سىرتقا چىقىپ ئوينايدىغان ۋاقتى بارمۇ؟-دەپ سورىغاندا ، شياۋ چۈننىڭ ئانىسى مۇنداق دېدى: ‹‹ راستىنلا ۋاقىت يوق ، ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا بىز مۇمكىن قەدەر بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئوينىتىمىز. ئوينايدىغان ۋاقىت بولمىسا، تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىدىغان ۋاقتىمۇ يوق›› . يۈزەكى قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقتىن چارچاپ كېتىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ، ئىمتىھان ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ .مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلارنى باھالايدۇ ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بېسىم چۈشۈرىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندا ياخشى نومۇر ئالالمىسا ، ئائىلە باشلىقلىرىمۇ مەكتەپنى ئىزدەيدۇ . نەتىجىدە كىتابلارنى كۆپ ئوقۇغانسېرى سومكا شۇنچە ئېغىرلىشىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئارزۇسى بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ ، بۇنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم ئىمتىھان ئارقىلىق ئەلالار بىلەن ناچارلارنى باھالاشتىن ئىبارەت بولىدۇ. شياۋ چۈن مۇنداق دېدى: ‹‹ ئەڭ مۇھىمى ئىمتىھاننى ياخشى بېرىش ، دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆرۈشكە ئادەتتە ۋاقىت چىقمايدۇ ›› . شەنبە ، يەكشەنبە كۈنلىرىگە كەلگەندە ، شياۋ چۈن ئاران دېگەندە ئازىراق يېنىكلىك ھېس قىلىغان ۋاقىتقا ئېرىشسىمۇ ، ئەمما بۇمۇ چەكلىك بولىدۇ ، يەنە كۆپلىگەن كۇرسلار ئۇنى ساقلاپ تۇرىدۇ. ئاتا-ئانىسى قوش دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۇنى تۆت كۇرسقا بېرىدۇ : بۇلار ئولىمپىك ماتېماتىكىسى ، پىئانىنو، مۇزىكا نەزەرىيەسى ۋە ئوكسفورت ئىنگىلىزتىلىدىن ئىبارەت . بەزى كۇرسلارنى ئۇ ھەرگىز ياقتۇرمايدۇ . پەقەت بالا قىزىقىدىغان كۇرسنى ساقلاپ قالسا بولمامدۇ ؟ ‹‹ بۇنداق قىلسا قاندان بولىدۇ !›› ئائىلە باشلىقى مۇنداق دېدى : ‹‹ باشلانغۇچتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلىگەندە ئىنگلىز تىلى ئىمتىھان كېنىشكىسى بولۇشى كېرەك ، ئولىمپىك ماتېماتىكىسىغىمۇ نومۇر قوشۇپ بېرىدۇ ، سىنىپتىكى يېرىمدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى كۇرسقا قاتنىشىدۇ ، نومۇر قوشۇشنى دېمىسەكمۇ ، ئولىمپىك ماتېماتىكىسىدا ئوقۇغاندىن كېيىن ئاددىي ماتېماتىكا تېمىلىرىنى ئىشلەشتە ھەقىقەتەنمۇ ياردىمى كۆپ بولىدۇ ، خۇددى ئېغىرلىقنى ئاشۇرۇپ يۈگۈرۈشكە ئادەتلىنىپ ، ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈۋەتكەندە تېخىمۇ تېز يۈگۈرگەنگە ئوخشاش ، كۇرسقا بارمىسا بولامدۇ؟ ›› ئېغىرلىقنى ئاشۇرۇپ يۈگۈرۈشكە ئادەتلەنگەندە ، ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈۋەتكەندە تېخىمۇ تېز يۈگۈرگىلى بولىدۇ ؛ ئەگەر ئېغىرلىق ئېشىپ كەتسىچۇ ؟ داۋاملىق يۈگۈرگىلى بولامدۇ ؟ بالىلار خۇددى غالتەكلىك سومكىنى تارتىپ ماڭغانغا ئوخشاش ، ئېغىر يۈك ئۇلارنى بېسىپ دەم ئېلىشقا ئىمكانىيەت بېرەمدۇ ؟ ئۇلار بېلىنى رۇسلىيالامدۇ ؟ 1-مېسال : بېسىمىم ئېغىر ، ئەي جېنىم ئانا بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ ئاپىسى بىلەن گەپ تالىشىپ كەتكەن نەنجىڭدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ‹‹ بېسىمىم ئېغىر ، ئەي جېنىم ئانا›› دېگەن بىر شېئىرنى يازغان ، بۇ شېئىر توردا تارقىلىپ ، جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان ، بەزىلەر ھەتتا بۇ شېئىرغا ئاڭاڭ ئىشلىگەن . ئەمدى بۇ شېئىردىن بىر ئارىيە كۆرەيلى :
بېسىمىم ئېغىر ، ئەي جېنىم ئانا ماڭىدۇ سائەت چىكىلداپ يەنە قۇشقاچ جېنىدا كەتتى ئۇۋىغا قەھرىتان سوغۇق ، پىژ-پىژ ئىسسىقتا قارىساڭ مەن ھامان ئۆيۈمدە مانا قونچاق تىزىپ ئوينايدۇ دېمە ، تورغا چىقىپ چۈشمەيدۇ دېمە . قولۇمدا قەلەم ، ئىشلەيمەن ھېساب ، ئۇھ ... يەنە گەجگەمدە بېسىم . جاق تويدۇم دوسكىدىن ، بىر ئىككى ئۈچتىن قاچانمۇ كېلەر تەتىل ئىنتىزارمەن ، تەشنامەن قانغۇدەك ئوينىۋالسام ئورمان-چىمەنزاردا مەن بىلىۋالسام شۇ تەبىئەت سىرلىرىنى مەن . ئۆتمەكتە كۈنلەر ، ھەي تۈگىمەس تاپشۇرۇق ئىشلىگەنسېرى تەسلىشىپ قاتىدۇ بېشىم سۆزۈمنى ئاڭلا ، ئەي جېنىم ئانا يولۇمنى تاپالايمەن ، چوڭ بولسام ھامان تەبىئەت قوينىدىن ئايرىۋەتمەڭلار جاق تويدۇم دوسكىدىن ، بىر ئىككى ئۈچتىن .
2-مېسال : 98 نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچى يەنە نېمە ئۈچۈن ئوقۇشتىن بىزار بولدى ؟ بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخىكا ئالىمى ۋو جيەنجۇڭ مۇخبىرغا تۆۋەندىكى مېسالنى سۆزلەپ بەردى : 6-يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى تەقلىدىي ئىمتىھاندا 98 نومۇر ئالغان بولسىمۇ ، يەنىلا داۋاملىق ئوقۇغۇسى كەلمىگەن . قائىدە بويىچە 98 نومۇر خېلى ياخشى نەتىجە ھېسابلىنىدۇ ، ئۇنداقتا بۇ ئوقۇغۇچىدا يەنە نېمە ئۈچۈن ئوقۇشتىن زېرىكىش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ ؟ ھەرقانچە ئويلاپمۇ تېگىگە يېتەلمىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى پىسخىك مەسلىھەت سوراش ئورنىغا ئېلىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان . بۇ بالىنىڭ ئېيتىشىچە ، گەرچە 98 نومۇر ئالغان بولسىمۇ ، يەنىلا سىنىپ بويىچە 10-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان . بۇ نەتىجە بىلەن ئەڭ ياخشى مەكتەپلەرگە كىرىش ناھايىتى تەس . ئۇنداقتا بۇ 98 نومۇرنىڭ زادى نېمە ئەھمىيىتى بار ؟ ئۇنىڭ قارىشىچە ، بىرىنچى بولۇش نىشان ، چوقۇم بىرىنچى بولۇش كېرەك . لېكىن ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغىنى ، نېمە ئۈچۈن شۇنچە تىرىشسىمۇ ، ئاران مۇشۇ نەتىجىگە ئېرىشىدۇ ؟ ئۈگىنىشنىڭ خۇشاللىقى زادى قەيەردە ؟ ۋو جيەنجۇڭنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ بالا دۇچ كەلگەن ئەھۋال ئەمەلىيەتتە ۋەكىل خاراكتىرگە ئىگە بولۇپ ، ئۈگىنىشتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان بالا ئىشەنچىسىز بولۇپ قالغان .
|