ھەر بىر ئىزدا باردۇ مىڭ ساۋاق
ھەممىزگە ئورتاق بىر قۇياش،
يىلتىزىمىز تۇتاشتۇر تۇتاش .
بەخت بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ،
بولساق ئىناق،يۈلەكداش، مۇڭداش.
يىراق ئەمەس كۆڭۈل ئاغرىقى،
ئايرىلغاننىڭ تۇتار خارلىقى.
زاۋال چىللار تاڭلىرىمىزغا،
مەنمەنچىلىك ،ئىۋى تارلىقى.
بولايلى بىز سىرداش، پىكىرداش،
دىلداشلارنىڭ قەلبى بىر تۇتاش.
ئوڭمۇ تەتۈر كۆرەلمەسلىكتىن،
ھەر دەقىقە دۇرۇس بولمىساق.
ئىشەنچ-ئۈمىد ئىنسانغا قانات،
دوستلۇق بىلەن ياشىرار ھايات.
مۇھەببەتسىز خۇشاللىق نەدە،
ھەر بىر ئىزدا باردۇ مىڭ ساۋاق.
ياشايلى بىز
سۇ ئىچمىسە كۆڭۈلدىن كۆڭۈل،
قىممىتىنى يوقىتار دۇنيا.
ئورا كولاپ بىر-بىرىمىزگە،
قىلىشمايلى يۈرەكنى يارا .
ياشايلى بىز ھەسەتتىن يىراق ،
تاشلاپ سايە بىر-بىرىمىزگە.
ئازغانلارنى توغرىغا باشلاپ،
ياشايلى بىز دۇرۇس ھەمىشە.
قۇسۇر ئىزدەپ ،قارا چاپلىشىپ،
قىلىشمايلى ئۆز-ئارا شۇملۇق.
يىراق بولۇپ كۆرەلمەسلىكتىن،
نىمە ئارمان ياشىساق يوللۇق؟...
باشقىلارنىڭ مۇشەقىتىدىن،
راھەت ئىزدەش مەلئۇننىڭ ئىشى.
يامان نىيەت ،ئالا كۆڭۈللۈك،
ئەگرى يولغا باشلايدۇ بىزنى.