تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 58|ئىنكاس: 6

مەن ۋە ئۇ ( مۇسلىنە )[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
64
تۆھپە
38
UID
1228
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن ۋە ئۇ


مەن

مەن ئانامدىن يالغۇز تۆرەلگەن ،
قايسى زامان قوشماق بولغانمەن .
قۇتۇلالماي كەلدىم ئۇنۇڭدىن ،
قىسمىتىمدىن بەكلا ھەيرانمەن .


ئۇ


مەن تەڭرىدىن ئىجازەت ئالغان ،
سىنىڭ بىلەن ياشاشقا قالغان .
گۆدەكلىكتىن باشلاپ يامانغا ،
ماڭغاچقا سەن سولخاي قىلغان .

مەن

سىنىڭسىز ھىچ ئۆتمەس دەقىقە ،
بولۇپ كەلدىڭ ماڭا شەقىقە .
يا تۇتقىلى بولمايدۇ سىنى ،
كۆرۈنمەيسەن زىنھار كۆزۈمگە .


ئۇ

مەن ۋەدىگە بىۋاپا ئەمەس ،
ئەسلى سەندە ئىرادە چىڭمەس .
روھى خۇنىك ئىنسانلار كۆپكەن ،
ئەمدى ماڭا بۇ يول تار كەلمەس .

مەن

ئۇنچە بالدۇر كۆرەڭلەپ كەتمە ،
ھەممە كىش ئازىدۇ دىمە .
جەسۇر يىگىت قىزىمىز باردۇر ،
ئاخىرغىچە كۈلىمەن دىمە .


ئۇ

ھەر يوللارغا قۇرىمەن توزاق ،
غۇرۇر ، ۋىجدان ھەممىدىن ئاۋاق .
ھا ھا ھا ھا بىلمەيدىكەنسەن ،
ھەتتا بالا ئانىدىن يىراق .


ئۇچىشىدۇ چىكىشىپ ئاقنى ،
چىمەن دەيدۇ تېگى يوق ھاڭنى .
داغدام يولنى ئېچىشىپ ماڭا ،
يوقاتتىڭسەن ئەخلاق ھايانى ....


مەن


بىر نىمىلەر دىيىشنى ئويلاپ ،
قالدى تىلىم ئىزىدا توختاپ .
ۋۇجۇدۇمنى باستىغۇ تىترەك ،
گويا دۇنيا كەتكەندەك مۇزلاپ ....



مەنبە  : ئىجادىيەت .


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تىللا
949
تۆھپە
551
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            بۇ ئەنزە ئەجەپ مۇرەككەپلىشىپ كەتتىيا.... ئەجەپ بىر
باشتىن بىر كىلىڭلار. «مەن» نېمە دىدى؟ « ئۇ» نېمە دېدى؟

ياخشى بىر ئىجادىيەت ئىكەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
يۈسۈپجان
تىللا
350
تۆھپە
249
UID
731
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىجادىيەت ئىكەن


Rank: 4

ئىسمى
ئىگىلمەس
تىللا
251
تۆھپە
137
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


                  ئۇنچە بالدۇر كۆرەڭلەپ كەتمە ،
                 ھەممە كىش ئازىدۇ دىمە .
                 جەسۇر يىگىت قىزىمىز باردۇر ،
                  ئاخىرغىچە كۈلىمەن دىمە .


                  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   igilmes تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-15 10:32  



Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2289
تۆھپە
1255
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن!


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
541
تۆھپە
429
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ، تېخىمۇ تىرىشىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!


دۇنيانىڭ ئۆزى بىر تاتلىق شېئىر

Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
قۇربان سايىم
تىللا
155
تۆھپە
107
UID
558
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            ياخشى يېزىپسىز. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!
                             


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-18 17:07, Processed in 0.057601 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش